باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يىراقتا قالغان ياشلىق

دىلنۇر ئېلى تەرجىمىسى (ش ئۇ ئا ر مىللەتلەر تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئاتالغۇلار ئىشخانىسى )

2015.12.08 17:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خېلى يىللار بۇرۇن ئۆزەمدىن چوڭ مەكتەپ فورمىسىنى كىيىپ، ساپما كەشىمنىڭ سوڭىغا دەسسەپ، يولدىن يالغۇز ئۆتىدىغان سەبىي قىز ئىدىم. ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ماڭا ئوخشاش ياشانغان بىرىنىڭ يىراقتا قالغان ياشلىقىغا ھەسەت قىلىپ قاراپ قېلىشىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىكەنمەن.

  ئۇ چاغدا شۇ قەدەر ئاجىز، تارتىنچاق، يالغۇز ئىدىمكى، ھەمىشە قولۇمنى تۇتۇپ، شۇ زېرىكىشلىك كۈنلەرنى بىرگە ئۆتكۈزىدىغان بىرەر قىز ياكى ئوغۇل دوستۇم بولۇشىنى ئارزۇ قىلاتتىم. ئىلگىرى ئاشخانىدا بىللە غىزالىنىدىغانغا ئۈلپەت ئىزدەپ غورۇرۇمنى قايرىپ قويۇپ بىر قىزغا يالۋۇرغىنىم ھېلىمۇ يادىمدا، ئەمما ئۇ سوغۇقلا رەت قىلغان ئىدى.

  ئۇ چاغلاردا ھەمىشە پۈتمەس-تۈگىمەس دىلخەستىلىك ئىچىدە قالغاندەك، كىچىككىنە جىسمىم بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتقاندەك ھېس قىلغاچقا روھىم چۈشۈپ، كۆزلىرىم قاراڭغۇلىشىپ كېتەتتى. مانا ھازىر ۋاقىت ئەينىكىدىن ئۆتكەن كۈنلىرىمگە قاراپ شۇنى ھېس قىلدىمكى، قەدىرلەشكە ئەرزىدىغىنى يەنىلا ياشلىق ئىكەن، ئۇ چاغلاردىكى كىچىككىنە دىلخەستىلىكلەر ئەمەلىيەتتە خۇددى قان تومۇرغا ئوخشاش ياشلىق يۈزىدىلا ئۈزۈپ يۈرۈيدىكەن، ئەنە شۇ كەشمىشلىرىم بولغاچ ھايات مۇساپەم گۈزەل ئەسلىمە بىلەن نۇرلىنىپ تۇرۇپتۇ.

  ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە يولدا كېتىۋاتقىنىمدا، ئادەمنى بەزى ئىشلارغا مەجىبۇر قىلىدىغان ئاشۇ ياشلىق توسىۋالغىلى بولمايدىغان، كۆزىنى چاقىدىغان نۇرىنى ماڭا چاچقاندا، دائىم ھەسرەتلىنىمەن، يەنە خىجىلمۇ بولىمەن. لېكىن ھازىرقى ھەسرەت ياشلىقتىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. مانا ئەمدى تىڭشىغۇچنى قۇلىقىمغا تىقىۋېلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلىۋەتكەن ئاشۇ گۈزەل ياشلىق چاغلىرىمغا قايتالماسلىقىمدىن ھەسرەتلىنىمەن. ئەمدىلىكتە تۇتامى يوق ئىشلارنىڭ ھەلەكچىلىكىدە ئابروي، ئەمەل كويىدا توختىماي سوكۇلداپ، ۋاقىت ھېسابلاپ يول يۈرۈپ ياكى كىملەر بىلەندۇر كۆرۈشۈپ يۈرۈپتىمەن. مەن ئەمدى ھەرگىزمۇ ئۆزۈمنى ھېلىقى بىپەرۋا ياشقا ئوخشىتالمايمەن، يول بويىدىكى مەنزىرىلەرگىمۇ نەزىرىمنى پەرۋاسىز ئاغدۇرالمايمەن.

  مەن راستىنلا قېرىپتىمەن، ئىشلەۋاتقان باشقا ئاياللارغا ئوخشاش، تاقەتسىزلىك ئىچىدە ئاشۇ تەۋەرۈك قالغان ئازغىنە پەسلىمنى قىممەت پۇللۇق گىرىم بۇيۇملىرى ئارقىلىق ساقلاپ قالىمەن دەپ تىركىشىپ ئۇنى قىستاپ قويىۋېتىپتىمەن. ئاخىرى ياشلىق نەزىرىنى بىزگە ئاغدۇرۇپ، بۇرنىمىزنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈشكە يېتەكلەپ قويىدىكەن، ئۇ بىزنىڭ زىبالىقىمىزغا ھەسەت قىلىدىكەن، شۇڭا يوقاتقانغا تەن بەرمەي بولمايدىكەن.

  ئالدىراش يۈرۈپ، ياشلىقىمىزنى زادى قەيەرگە چۈشۈرۈپ قويدۇق؟ ئۇ خۇددى ئېرىگەن ماروژنىغا ئوخشامدۇ- يە؟ ئاپتاپتا قىزىپ كەتكەن ئاسفالىت يولغا تامچىپ، ئېيتىپ بولغىچە قۇرۇپ سۇسقىنە ئىز قالدۇردىمۇ؟ ياكى ئاقبالداق ياكى كولاغا ئوخشامدۇ-يە؟ ئۇنى كىنوخانىدىكى قاراڭغۇلۇقتا تۇيدۇرماستىن تۈگىتىۋەتتۇقمۇ؟ ۋە ياكى كونىراپ كەتكەن كىيىمغا ئوخشامدۇ- يە؟ ئۇنى مودىدىن قالدى دەپ بىر ياققا تاشلاپ قويدۇقمۇ ؟

  جاۋابىنى زادىلا تاپالمىدىم. لېكىن كۆڭلۈمگە ئايان، ماددىي تۇرمۇشنى تەلۋىلەرچە قوغلىشىپ، ئۇلارنى زادىلا تاپقىلى بولمايدىغان بىر بۇلۇڭغا تاشلاپ قويغىنىم راست.

  خېلى يىللاردىن كېيىن ، قار ياغقان ، ئاپتاپ چىققان گۈزەل بىر قىش كۈنىدە تەنتەربىيە مەيدانىدىن ئۆتۈپ قالدىم، بىر توپ قىز-يىگىتلەر قارشى تەرەپتىن يۈگۈرۈپ كېلىشتى، ئۇلار قارنى پومزەكلەپ بىر -بىرىنى قوغلىشىپ، ۋاقىرىشىپ ئويناۋاتاتتى. مەن ئۇلارغا ھەسرەت بىلەن بىردەم قاراپ تۇردۇم، ئەمدىلا ئۆرۈلۈپ ماڭاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىر كاللەك قار گەجگەمگە تەگدى. تەنتەبىيە مەيدانىدا بىردىنلا كۈلكە ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. مەن ئۇلارنىڭ كۈلكە يېغىپ تۇرغان غۇبارسىز چىرايىغا قاراپ، ئۆزۈمنى باسالماستىن كىيمىمدىكى قارلارنى قېقىشتۇرغاچ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتىم ھەمدە ئۇلارغا قاراپ: _ ھەي كەپسىزلەر! ئىمتىھاندا ئۆتكۈزمەيمەن سىلەرنى! _ دەپ توۋلىدىم.

  بىر قىز ئالدىمغا يۈزگۈرۈپ كەلگىنىچە، ئاپپاراتىنى ئېلىپ مېنى تارسسىدە رەسىمگە تارتىۋالدى-دە كۈلۈپ تۇرۇپ: _ مۇئەللىم مۇشۇنداق يېقىملىق كۈلۈپ تۇرسىڭىز، سىزمۇ بىزگە ئوخشاش ياش ھەم خۇشال تۇرىسىز! _دېدى.

  بىردىنلا شۇنى ھېس قېلدىمكى، يىراقلاشتا قالغان ياشلىقىم ئەسلىدە بەكمۇ نېرى كەتمەپتۇ، ئۇ يول بويى ئۈنتىنسىز، ئېغىر قەدەملىرىمگە ئەگىشىپ، خۇددى ھازىرقىدەك كەينىمگە بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ يېتىشىۋېلىشىنى ساقلىشىمنى كۈتۈپتۇ، ئالما رەڭگىمنى يوقاتقان بولساممۇ مەندىن ئايرىلماي، بىر مەھەل، يەنە بىر مەھەل ماڭا ئەگىشىپ مېڭىپتۇ...

  ••••••••••••••••••••••••••••••••••••••••••••

  تىل ۋە تەرجىمە ژۇرنىلى 2015-يىل 4-ساندىن ئېلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر