باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

داڭلىق يازغۇچىلار قانداق يېتىشىپ چىقىدۇ

2015.12.08 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شى خۇاپېڭ (خەنزۇ)

  ئابلەت ئابدۇللا تەرجىمىسى

  بۇ تەرجىمە ئەسەر مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.

  ھېكايە تەسىرلىك ھېكايە، ئادەتتىكىچە ھېكايە دەپ ئايرىلسا، يازغۇچى داڭلىق يازغۇچى، ھەۋەسكار يازغۇچى دەپ ئايرىلىدۇ. ھېكايىنى كۆپ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ يازغانلار داڭلىق يازغۇچى بولالىشىمۇ، بولالماسلىقىمۇ مۇمكىن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچىدىن باشقا يەنە تەلىيىگە باغلىق بولىدۇ. داڭلىق يازغۇچى دۇنيانى لەرزىگە سالالىغۇدەك ھېكايە يازغان ياكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلىگۈدەك يېڭى پەللىگە يەتكەن بولىدۇ.

  ئادەتتە داڭلىق يازغۇچى مۇنداق ئۈچ خىل يول بىلەن مەيدانغا كېلىدۇ: بىرى، ھەۋەسكار يازغۇچىلىقتىن قەدەممۇ قەدەم پىشىپ يېتىلىدۇ. بۇلار ئەمگەك نەمۇنىچىسى تىپىدىكىلە ر دېيىلىدۇ . ئىككىنچىسى، قو لىغا قەلەمنى ئېلىپلا داڭلىق يازغۇچى بولالايدۇ. بۇلار تالانت ئىگىسى تىپىدىكىلەر دېيىلىدۇ. ئۈچىنسى، بىر قانچە يىلدا يېتىشىپ چىقىپ داڭلىق يازغۇچى بولىدۇ. بۇلار كېيىن يېتىشكەنلەر تىپىدىكىلەر دېيىلىدۇ.

  داڭلىق يازغۇچى بولۇشنى ئويلىغان بولسىڭىز، كافكا، شېن سۇڭۋېن، نېيپوئېل، سېلىنگې، ھىمىڭۋاي، بورخېس قاتارلىق داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ سۈرىتىگە سىنچىلاپ قاراپ بېقىڭ. ئۇلار مەيلى ئەمگەك نەمۇنىچىسى تىپى، تالانىت ئىگىسى تىپى ياكى كېيىن يېتىشكەنلەر تىپىگە تەۋە بولسۇن، ئۇلارنىڭ داڭلىق يازغۇچىغا خاس پەرىشان، ئاق كۆڭۈل، كەم سۆز، باشقىلارغا تەن بەرمەيدىغان، مۇلايىم سالاپەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز. قىسقىسى، كۆزىنىڭ بۇلاقتەك سۈزۈك، قەلبىنىڭ دېڭىزدەك چوڭقۇر، خىيالچان، گۇڭگا «ئېچىنىشلىق قىياپىتى» كۆز ئالدىڭىزغا كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۆز دۇنياسىغا غەرق بولغان بولۇپ، ئۆزگىچە بىر دۇنيانى يارىتىشقا ئىشتىياق باغلىغان. ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇرمەنلىرىنى رام قىلىۋالغان، ۋاقتىنى ئىگىلىۋالغان، ئوقۇرمەنلىرى ئۇلاردىن ئەسلا زېرىكىپ باقمىغان. ئۇلار ئەدەبىيات تارىخىنىڭ سەھىپىلىرىدە ئەللەيلىنىپ، ئەدەبىيات تارىخىنىڭ ۋاقىت ئۆلچىمى ۋە مەزمۇنىغا ئايلانغان. ئۇلارنى ئۇنتۇش ياكى ئۇلاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ‐‐ تارىخ سەھىپىسىدىكى سەۋەنلىك ۋە يوقۇتۇش، خالاس.

  رۇسىيەدە تۇغۇلۇپ، كېيىن ئامرېكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن داڭلىق يازغۇچى نابوكۇف مۇنداق دېگەنىكەن: «بىز يازغۇچىغا مۇنداق ئۈچ تەرەپتىن، يەنى ئۇنىڭ ھېكايە سۆزلىگۈچى، تەربىيەچى ۋە سېھىرگەرنىڭ رولىنى ئالالىغانلىقىغا قا ر اپ با ھا بېر ىشىمىز كېر ەك. د ا ڭلىق يازغۇچىدا بۇ ئۈچ ئامىل مۇجەسسەملەنگەن بولىدۇ، سېھىرگەرنىڭ رولىنى ئالالىشى ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېسابلىنىدۇ. شۇندىلا، داڭلىق « دەۋر » ئۇنىڭ ئامېرىكا .« يازغۇچى سانىلىدۇ ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىغا بېرىلگەن سۈرىتىگە قارىساق، بەستلىك قىياپىتى، پارقىراق تاقىر بېشى، قىيسىق كۆ ز لىرى ئا دەمگە تو لىمۇ ھەيۋەتلىك، سىرلىق كۆرۈنىدۇ، چىرايىدىن يېغىپ تۇرىدىغان نارازىلىق كەيپىياتى رۇسىيە دۆلەتلىك سېرىك ئۆمىكىنىڭ سېھىرگەرلىرىدەك تۇيغۇ بىرىدۇ.

  دۇنيا ھېكايىچىلىق تارىخىغا نەزەر سالساق، ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىقىنىڭ يېقىنقى 500 يىللىق تارىخىدا داڭلىق يازغۇچى دېگەن نامغا ھەقىقىي لايىق يازغۇچىلارنىڭ يۈزدىن ئاشمايدىغانلىقىنى، ئوتتۇرىچە ھەر يۈز يىلدا 20 داڭلىق يازغۇچى مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭغا قاراپ داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىشىدا تەڭرى بىزگە ھەقىقەتەن بېخىللىق قىلدى دېسەك ھەرگىز ئارتۇق كەتمەيدۇ. يۈزگە يېقىن داڭلىق يازغۇچىنى تىزساق، ساماۋى ئەختەردەك كۆزىمىزنى چاقنىتىۋەتسىمۇ، كېچە ئاسمىنىدىكى مىجىر-مىجىر يۇلتۇزلار ئارىسىدا يەنىلا يېگانە ۋە يىتىم كۆرۈنگىنىگە ئوخشاش، ئىنسانىيەت ھېكايىچىلىق تارىخىدا يەنىلا ئاز ھېسابلىنىدۇ. داڭلىق يازغۇچى كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ، ئاسان يېتىشىپ چىقمايدۇ. ئۇلار تارىخ، دەۋر ۋە تەڭرىنىڭ تەڭ تىرىشچانلىقى شاراپىتىدە پىشىپ يېتىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھېكايىچىلىق ئاسمىنىدا كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك داڭلىق يازغۇچىدىن قانچىسى بار؟ ساۋ شۆچىن، لۇشۈن، جاڭ ئەيلىڭ، شېن سۇڭۋېندىن باشقا ئېغىزغا ئالغۇدەك يازغۇچى ھەقىقەتەن ئاز.

  شۇنداق، بىزدە داڭلىق يازغۇچى ھەقىقەتەن ئاز. لېكىن دېگەن «داڭلىق يازغۇچى» ئۇلۇغ نامنى يازغۇچى ئۆز كۈلبىسىنىڭ ئىشىكىگە ئېسىپ قويالمايدۇ، ئۇنى بىر ئەۋلاد ئوقۇرمەنلەر ئاسىدۇ. بۇنىڭ بىلەن داڭلىق يازغۇچى ئۆزىنىڭ داڭلىق يازغۇچى بولۇش سەۋەبىگە ۋە مەنتىقىسىگە ئىگە بولالايدۇ.

  كەڭ مەنىدىن ئالغاندا، ئۇلار ئىنسان تە بىئىتىنى قازغۇچى، دەۋرنىڭ ۋىجدان ئىگىلىرى، رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرگۈچى، ئىنسانىي ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرغۇچى، ئاجايىپ سۈرەتلىگۈچى، ئۆتكۈر قامچىلىغۇچى، تۇرمۇشنىڭ مۇتەپەككۇرى، تارىخنىڭ قامۇسى، كەلگۈسىنىڭ مەسەلچىسى، ھېكايە چېگراسىنىڭ ئاچقۇچىسى بولىدۇ. ئومۇمەن، ئىنسانىيەت تەپەككۇرىنىڭ چوققىسى ۋە ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ تۇپرىقىغا سىڭدۈرۈلگەن يۈكسەكلىك ۋە بەدىئىيلىككە ئىگە ئەسەرلەر داڭلىق يازغۇچىنىڭ دۇنياغا كېلىشىگە سەۋەپ بولىدۇ. شۇڭا داڭلىق يازغۇچىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە مەۋجۇتلۇقى ئۆزىنى، دۇنيانى تونۇشتىكى ئۆلچىمى ئوخشاش بولمىغان بىر خىل ئىپادە بولۇپ، ئۇ ھەم خاسلىققا ھەم ئومۇمىيلىققا، ھەم چوڭقۇرلۇققا، ھەم مول مەزمۇنغا ئىگە بولىدۇ. يازغۇچىلار يېزىقچىلىق داۋامىدا پەقەت ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ قورۇلمىسىغا، يەنى پەلسەپە، دىن ۋە سەنئەتنىڭ مەلۇم خىل يىغىندىسى ۋە بېىشارىتىگە قاتناشقان بولىدۇ. ئۇنىڭغا ئىدىيە توپلانغان، قەلب باغلانغان، كائىناتنىڭ گۈزەللىكى جۇغلانغان دېگەن «داڭلىق» بولىدۇ. شۇنداق يازغۇچىلا نامغا نائىل بولالايدۇ.

  تار مەنىدىن ئېيتقاندا، داڭلىق يازغۇچىلار ئەسەرنى كونكرېت پىششىقلاپ ئىشلىگەندە «ئۆزگىچە ماھارەت»كە تايىنىدۇ. يا كۆزىتىشى ئۆزگىچە، يا تەسەۋۋۇرى باشقىچە بولىدۇ، يا تۇيغۇسى نازۇك، يا ئەقىل-پاراسەتتە كامالەتكە يەتكەن بولىدۇ. يەنە ئاددىيچىلىق، سېھىرىيلىك، كېينكى مودېرنىزم، يېڭى كىنايىچىلىك... ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغان بولىدۇ. بۇنىمۇ يېتەرلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، كونكرېت ئەھۋالنى كونكرېت تەھلىل قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. تۆۋەندە كونكرېت مىساللار ئارقىلىق، داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ قانداق قىلىپ داڭلىق بولالىغانلىقىنىڭ سىرىنى ئۇلارنىڭ «ئۆزگىچە ماھارىتى» يەنى «ھېكايە تېخنىكىسى»دىن ئىزدەپ باقايلى:

  1. داڭلىق يازغۇچىلار ئاممىباب ۋەقەنى قانداق پىششىقلاپ ئىشلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ كۆزىتىشى ئۆزگىچە بولۇپ، پىرسوناژلارنى ۋە ئۇلارنىڭ ئوي-خىياللىرىنى يېزىش ۋەقەلىكنى يېزىشتىن مۇھىم، دەپ قارايدۇ.

  -2013يىللىق نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى مونرۇ خانىمنىڭ «تەقدىرنىڭ چاقچىقى» دېگەن ھېكايىسىنى تىلغا ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ: بۇ ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن باش پىرسوناژ روبلىن 26 ياشلىق بويتاق قىز بولۇپ، يىل بويى زىققا بىلەن يېتىپ قالغان ھەدىسىدىن خەۋەر ئالىدۇ. ئۇ ھەدىسىدىن خەۋەر ئېلىش ۋە جىددىي خىزمەت ئارىلىقىدا ھەر يىلى يازدا پويىزغا ئولتۇرۇپ، ئۆيىدىن 30 ئىنگىلىز مىلى يىراقلىقتىكى بازارغا شېكىسپىرنىڭ دىرامىسىنى كۆرگىلى بارىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئازادە، ئەڭ ئەركىن ۋاقىتلىرى ھېسابلىنىدۇ. بىر يىلى روبلىن دىراما كۆرگىلى بارغاندا بازاردىكى ئىجارە ئۆيدە تۇرىدىغان چەت ئەللىك قېرى يىگىت بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ. ئۇ پۇلى ۋە پويىزنىڭ بېلىتى سېلىنغان سومكىسىنى يىتتۈرىۋەتكەندە، ھېلىقى يىگىتنىڭ ئۇنى ئۆيىگە كەچلىك تاماققا تەكلىپ قىلىدۇ ۋە تاماقتىن كېيىن پويىزغا سېلىپ قويماقچى بولىدۇ. ۋوگزال سوپىسىدا يىگىت ئۇنى باغرىغا بېسىپ تۇرۇپ، «تاسادىپىي ئۇچرىشىپ قالغىنىمىز بەك ئوبدان بولدى» دەيدۇ. ئۇلار خەت يېزىشماسلىققا، كېلەر يىلى مۇشۇ كۈندە مۇشۇ يەردە كۆرۈشۈشكە ۋەدىلىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن روبلىن بۇ بىر يىلنى خۇشاللىق ۋە سېغىنىش ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ئىككىنچى يىلى روبلىن ۋەدىسى بويىچە يىگىت تۇرۇۋاتقان بازارغا كېلىدۇ، دىراما كۆرگىلىمۇ بارماي، يىگىتنى ئىزدەپ ئۆيىگە بارىدۇ، لېكىن يىگىت روبلىنغا ناتونۇش كىشىدەك پەرۋاسىز قاراپ قويۇپ ئىشىنى قىلىۋېرىدۇ. روبلىننىڭ كۆڭلى يېرىم بولۇپ، ئۆيىگە قايتىدۇ. 18 يىلدىن كېيىن ھەدىسى ئۆلۈپ كېتىپ، تىكەندەك يالغۇز قالىدۇ ۋە تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. بىر كۈنى ئۇ تاسادىپىي پۇرسەتتە ھېلىقى يىگىتنىڭ قوشكېزەك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ قوشكېزەكلەرنىڭ ئاكىسى بىلەن ۋەدىلىشىپ قويۇپ، كېلەر يىلى ئىنىسى بىلەن كۆرۈشۈپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تېخىمۇ قاتتىق ئازابلىنىدۇ.

  قىز يىگىتنى بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالىدۇ ۋە بىر يىلدىن كېيىن كۆرۈشۈشكە ۋەدىلىشىدۇ. بىر يىلدىن كېيىن قىز يىگىتنى ئىزدەپ بارغاندا يىگىت ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇنى تونۇماسقا سېلىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن قىز قاتتىق ئازابلىنىدۇ. ئون نەچچە يىلدىن كېيىن قىز ھېلىقى يىگىتنىڭ قوشكېزەك ئىنىسى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. مانا بۇ ئاممىباب ۋەقە. بۇ ھېكايىنىڭ ئاممىبابلىقى «ئىنىسىنى ئاكىسىغا ئالماشتۇرۇۋېتىش» بولۇپ، يازغۇچى «قوشكېزەك» بولۇشتىن ئىبارەت بۇ تاساددىپىيلىق ۋە توسالغۇ ئارقىلىق ۋەقەنىڭ راۋاجى ۋە قۇرۇلمىسىنى ئىلگىرى سۈ رگەن. مەن نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ قوشكېزەكنىڭ ئوخشاشلىقىدىن پايدىلىنىپ يازغان ھېكايىلىرىنى ئوقۇغان. ئۇنداقتا ئاممىباب ھېكايە دېگەن نېمە؟ ئاممىباب ھېكايە باشقىلار يېڭى ئوي-پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان ۋەقەنى تەكرارلاپ، ئەپچىللىك بىلەن يېزىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.

  ئاممىباب ۋەقەنى ئاممىباب يازىدىغانلار ئادەتتىكى يازغۇچى سانىلىدۇ ، ئاممىباب ۋەقەلەرنى پاساھەتلىك، تەسىرلىك يازالىغانلار داڭلىق يازغۇچى سانىلىدۇ. ئۇنداقتا مۇنرو خانىم بۇ ئاممىباب ۋەقەنى قانداق يازغان؟ بىرىنچىدىن، ھېكايىنىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسىنى ۋەقەلىككە ئەمەس، بەلكى پىرسوناژغا قويغان. مۇنرو خانىم ناھايىتى ئەقىللىق ئايال، ئۇ بۇ تاساددىپىي ۋەقەنىڭ ئىسكەنجىسىدە قالماي، بۇ ۋەقە يۈز بېرىشنىڭ ئالدى- كەينىدە مۇھەببەتكە تەشنا بولۇۋاتقان قىزنىڭ تۇرمۇشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە مۇھەببەت دۇنياسىنى يورۇتۇپ بەرگەن. قىزنى كېسەلچان ھەدىسىنىڭ تۇرمۇشى ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ۋاقىتلىق ئەركىنلىك ۋە يالغۇزلۇقنىڭ پەيزىنى سۈرمەكچى بولغان. مۇشۇنداق تۇرمۇشنىڭ تەسىرىدە، ئۇ پويىز دېرىزىسىنىڭ سىرتىدىكى قۇياش نۇرىنىڭمۇ ھارارىتى بارلىقىنى بىلىپ يەتكەن. كېيىن ئۇنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا زېرىكىش ئىچىدە ئۆتۈۋەرگەن. ئەمەلىيەتتە مۇنرو خانىم قىزنىڭ ئوقۇرمەننىڭ يۈرەك تارىنى تىترىتىدىغان يېتىلىش جەريانىنىمۇ، توختام سۇدەك تىپتىنىچ تۇرمۇشىنىمۇ يازغان. ئىككىنچىدىن، تەقدىرگە تەن بېرىش تۇيغۇسىنى تەسۋىرلىگەن. مۇنرو خانىم قوشكېزەكنىڭ سىرىنى 18 يىلدىن كېيىن ئېچىپ بېرىپ، ھەدىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ تىكەندەك يالغۇز قالغانلىقىنى، تۇرمۇش كېمىسى تىنچلىق ۋە ئالدىراشلىق ئىچىدە ئۈزىۋەرگەنلىكىنى بايان قىلغان. قىزنىڭ تۇرمۇش مۇساپىسىنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئۇقۇشماسلىق بىلەن زادى قانداق مۇناسىۋىتى بار؟ مۇنرو خانىمنىڭ دېمەكچى بولغىنى مەۋجۇت بولۇشىمۇ، مەۋجۇت بولماسلىقىمۇ مۇمكىن. «ئۇ كۆڭلىدە تەقدىرنىڭ چاقچىقىغا ئىچىنى بوشاتقۇدەك ئازراقمۇ ئورۇن بېرىشنى خالىمىغان». مانا بۇ تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي كارتىنىسى. ئۇ ھېكايىدە تەقدىرگە تەن بېرىش تۇيغۇسىنى تەسۋىرلەپ، ئاممىباب ۋەقەدىن ھالقىپ ئۆتكەن. ئۈچىنچىدىن، كىرىشتۈرۈپ قىستۇرما بايان قىلغان. مۇنرو خانىم ھېكايىنىڭ ئىككىنچى بۆلىكىدە ئوقۇرمەنلەرگە بۇنىڭ ئاممىباب ۋەقە ئىكەنلىكىدىن ئېنىق بېشارەت بېرىپ، «شېكىسپىرنىڭ دىرامىلىرىدا قوشكېزەك ئوغۇللارنىڭ ئالمىشىپ قېلىشى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسى بولىدۇ» دېگەننى ئو تتۇرىغا قو يۇپ، قىز نىڭ شېكىسپىرنىڭ دىرامىسىنى كۆرگىلى بارغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ ھېكايىدىمۇ قوشكېزەك ئاكا-ئۇكىلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ۋەقە تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، راست-يالغاننى ئارىلاشتۇرۇۋېتىش، ۋەقە ئىچىدە ۋەقە بايان قىلىشتەك كىرىشتۈرۈپ يېزىش ئۇسۇلى ھېكايىنى تېخىمۇ جانلاندۇرغان.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، نەزەرنىڭ يۆتكىلىشى بۇ ئاممىباب ھېكايىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئاممىباب ۋەقەنى ھېكايىنىڭ «تاشقى پوستى»، ئىنسان ۋە ئىنساننىڭ تۇرمۇشقا بولغان پوزىتسىيەسىنى ھېكايىنىڭ «ئىچكى يادروسى» قىلغان. مانا بۇ مۇنرو خانىمنىڭ ھېكايە پىرى بولالىشىنىڭ سەۋەبى.

  2. داڭلىق يازغۇچىلار ئاجايىپ ۋەقەنى قانداق يازىدۇ؟ داڭلىق يازغۇچىلار رېئاللىققا قايتىپ، ھەقىقەت ۋە مەنتىقىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ.

  كالۋىنو 20 -ئەسىرگە مۇناسىپ داڭلىق يا ز غۇچى. ئۇ نىڭ ئە قىل- پاراسەتكە ۋە يومۇرىستىك تۇيغۇغا تولغان ھېكايىلىرىنى قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنى 20 -ئەسىردىكى ئىسمى جىسمىغا لايىق ھېكايە پېشىۋاسىغا ئايلاندۇرغان «دەرەخ ئۈستىدىكى بارون» دېگەن ھېكايىسى ھەققىدە توختىلايلى.

  «دەرەخ ئۈستىدىكى بارون» دا مۇنداق بىر ئاجايىپ ۋەقە يېزىلغان: ئۇ بىر ئادەمنى دەرەخ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ، دەرەختە بىر ئۆمۈر تۇرغۇزغان. بىر ئۆمۈر دەرەختىن چۈشمەي ياشاش مۇمكىنمۇ؟ بۇنىڭغا ئىشىنىشكە بولامدۇ؟ كالۋىنو بىزنى ئىشەندۈرەلىگەن. ئۇ كاشمونى دەرەختە بىر ئۆمۈر تۇرمۇش كەچۈرگۈزگەن. بىر ئۆمۈر دېگەن قانچە يىل؟ كاشمو 12 ياش ۋاقتىدا دەرەخكە چىقىپ كېتىپ، 65 يېشىدا غايىپ بولغانغا قەدەر، جەمئىي 53 يىل ياشايدۇ. دېمەك، كالۋىنو 18 -ئەسىردە ئوتتۇرا دېڭىزدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقەنى خۇددى كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن ۋەقەدەكلا يېزىۋەتكەن.

  ئۇ بۇنى قانداق ئىشقا ئاشۇرغان؟ بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، ئۇ رېئال دۇنيادىكى تۇپراققا قايتىپ بارغان. ئۇلۇغ تەسەۋۋۇر ئاسماندا لەيلەپ يۈرۈۋاتقان پەي بولماستىن، بەلكى كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان قۇشنى كۆرسىتىدۇ. مۇھىمى پەرۋاز قىلىش ئەمەس، بەلكى ھەر قېتىم پەرۋاز قىلغاندىن كېيىن يەرگە قونۇش. كالۋىنو بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلالىغۇدەك يېزىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دەرەختىكى ھەر بىر كۈنلۈك تۇرمۇشنى رىئال تۇرمۇش مەنتىقىسىگە يېقىنلاشتۇرغان. ئەمەلىيەتتە كاشمونىڭ دەرەختىكى تۇرمۇشى تەسەۋۋۇرىمىزدىن ھالقىپ كەتكىنى يوق. ئۇ دەرەختە ئوۋ ئوۋلاپ جان باققان، ھايۋان تېرىسىنى يېپىنچا قىلىپ سوغۇقتىن دالدىلانغان، بۇلاق سۈيىنى ئىچىپ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرغان، زىخ بىلەن ياۋايى ھايۋانلارنى پىشۇرۇپ يېگەن، دەرەختە تۇرۇپ خالىغانچە تەرەت قىلغان، دەرەخ ئۈستىدە تۇرۇپ بېلىق تۇتقان. ئۇ بىر ئوۋ ئىتىنى ئۆزىگە ئەرمەك قىلىۋالغان بولۇپ، ئىت يەردە چېپىپ يۈرۈپ ئۇنىڭغا يېمەكلىك توشۇپ بەرگەن. دېمەك، كالۋىنو ئۆزىنىڭ پىرسوناژى كاشموغا دەرەخ ئۈستىدە تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك ماھارەتنى ئىگىلەتكەن.

  ئىككىنچى قەدەمدە، كالۋىنو ئۆزىنىڭ پىرسوناژىنى ئۆزگىچە قىممەت قارىشىغا ئىگە قىلغان. كاشمو دەرەخ ئۈستىدە ياشاش ماھارىتىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئالدىراش، ئەھمىيەتلىك كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانلار دۇنياسىنى تونۇپ يەتكەن. ئاپتور كاشمۇ قىلغان نۇرغۇن ھەققانىي ئىشلارنى، مەسىلەن، بازاردىكى سۇ ئامبىرىغا توسما ياساپ ئورماننى ئوت ئاپىتىدىن ساقلىغانلىقىنى، دېڭىز قاراقچىلىرى ۋە ئاسىيلىق قىلغان تاغىسىنى شەمشەر بىلەن چېپىۋەتكەنلىكىنى، ئۇرسۇلا قەبىلىسىدىكى بىر سەرگەردان بالىغا ئۆيىنى تېپىشىپ بەرگەنلىكىنى «تەقدىرىمنى باشقىلارغا چېتىۋالماي، باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان ئادەم بولىمەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى يازغان.

  قانداقلا بولمىسۇن، دەرەخنىڭ ئاستى بىلەن ئۈستى پەقەت بىر چامداملا كېلىدۇ. كاشمو نېمە ئۈچۈن دەرەخ ئاستىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاقابىل تۇرالىغان؟ بۇ دەل كالۋىنونىڭ ئەڭ ئاخىرى دېمەكچى بولغان ئوي-پىكرى. ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلىدىن ھالقىغان قارشىلىقنى يازماقچى بولغان. بۇ پەلسەپىۋى مەسىلە ھېكايىنى چوڭقۇر مەنىگە ۋە بۈيۈكلۈككە ئىگە قىلىپ، ئوقۇرمەنلەرنى كاشمو بىلەن چەمبەرچاس باغلىۋالغان. ھەر قانداق كىشى كاشموغا ئوخشاش دەرەخكە يامىشىپ چىقالايدۇ. پانىي ئالەمدىكى تۇرمۇشنى ئۆزگەرتىش دېمەككە ئوڭاي بولغىنى بىلەن بۇ قولىمىزدىن كېلەمدۇ؟ بىزدە كاشمودەك ئەقىل- پاراسەتكە تولغان قارشىلىق بارمۇ؟

  تەسەۋۋۇرنى رېئاللىققا قايتۇرۇپ كېلىپ، سىيۇژىتنى ھەقىقەت ۋە مەنتىقىنىڭ كۈچى بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇش داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىش، ئەلۋەتتە.

  3. داڭلىق يازغۇچىلار ئادەتتىكى ۋەقەنى قانداق يازىدۇ؟ داڭلىق يازغۇچىلار ئاددىي ۋەقەنى ئەقىل-پاراسەت ۋە تەسەۋۋۇر ئارقىلىق تەسىرلىك ھېكايە قىلىپ يازالايدۇ.

  يېمەك-ئىچمەك، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يىتىم، ئاغرىق-سىلاق، ۋىسال ۋە جۇدالىق، مۇھەببەت ۋە نەپرەت، سەرگەردانلىق ۋە ئارزۇ قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئىشلار. بۇ ئاددىي ئىشلارمۇ ھېكايە يېزىش ماھارىتىمىزنى ئۆستۈرىدىغان كەڭ سەھنە بولالايدۇ.

  يېزىقچىلىقتا ئاددىي تۇرمۇش، ئاددىي ۋەقەلەر خۇددى خەتەرلىك سازلىققا ئوخشاش نۇرغۇن ھەۋەسكارلارنى غەرق قىلىۋېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئاددىي تۇرمۇش تېمىسىدىكى ھېكايىلىرى تۇز سالغان ھالۋىدەك تېتىقسىز نەرسە بولۇپ قالىدۇ. پەقەت داڭلىق يازغۇچىلارلا بۇ سازلىقتىن ئامان-ئېسەن ئۆتۈپ، ئاددىي تۇرمۇشنى پاساھەتلىك ھېكايە قىلىپ يازالايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يا تۇرمۇشنىڭ سىرىنى بايقايدۇ، يا تۇرمۇشنىڭ چىنلىقىدىن گۇمانلىىدۇ، ياكى بولمىسا تۇرمۇش تەسىراتىنى بايان قىلىدۇ، ۋەياكى تۇرمۇشقا بولغان ئۈمىدى ۋە گۇمانىنى ئىپادىلەيدۇ. كۆز ئالدىمىزدىكى چاڭ-توزاندەك ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ قەلىمى ئاستىدا يارقىن جۇلاسىنى نامايان قىلىدۇ. شۇڭا، پىشقان ھېكايە تۇرمۇشتىن تەسىرلىك، دەپ قارايمەن.

  ياپونىيەلىك دازاي ئۇسامۇ، ئامېرىكىلىق ھىمىڭۋاي، كارۋېر، ئەنگلىيەلىك موم قاتارلىقلار «تاش ئۈستىدە گۈل ئېچىلدۇرالايدىغان» ماھارەتكە ئىگە داڭلىق يازغۇچىلار بولۇپ، توختام سۇدەك تىپتىنچ بىلىنىدىغان ئادەتتىكى تۇرمۇش ۋە ۋەقەلەر ئۇلارنىڭ ھېكايىسىدە مەۋج ئۇرۇۋاتقان دولقۇندەك بىلىنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ قورالى زادى نېمە؟ جاۋاب شۇكى، تەسەۋۋۇر ۋە ئەقىل-پاراسەت؛ ئېنىقراق ئېيتسام، بايان، ئۆزگىچە تۇيغۇ ۋە كۆزىتىش ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر قورالىدۇر.

  بۇ يەردە دازاي ئۇسامۇ بىلەن ھىمىڭۋاينى مىسال ئالغۇم كېلىۋاتىدۇ:

  دازاي ئۇسامۇ ياپونىيەدىكى كاۋاباتا ياسىنارى، مىشىما يۇكىئو بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدىغان يازغۇچى. ئۇنىڭ ئۆمرى نامى بىلەن تەتۈر تاناسىپ كېلىپ، 39 ياشتا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ سۇغا سەكرەپ ئۆلۈۋېلىشتىن ئىلگىرى ئاخىرىنى چۈشۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ھېكايىسى «Goodbye»نى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن. ئۇ بۇ ھېكايىسىدە مۇنداق بىر ئاددىي ۋەقەنى بايان قىلغان: تاكادا بىر ژۇرنالنىڭ باش مۇھەررىرى بولۇپ، خوتۇن-بالىسى بار تۇرۇقلۇق نۇرغۇن ئاشىنا تۇتىۋالىدۇ. خوتۇنى ۋە قىزىنى يېزىدىكى قىيىنئاتىسىنىڭ ئۆيىگە ئاپىرىۋېتىپ، ئۆزى توكيودا جان تىكىپ ئىشلەيدۇ. ئۇرۇش ئاخىرلىشىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ دۇنيا قارىشى ئۆزگىرىپ، ھەممە نەرسە ئاددىيدەك بىلىنىدۇ-دە، خوتۇنى بىلەن قىزىنى يېزىدىن ئەكىلىۋېلىپ، بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈش قارارىغا كېلىدۇ. ئۇ خوتۇنى بىلەن قىزىنى ئەكىلىۋېلىشتىن ئىلگىرى ھەممە ئاشىنىلىرى بىلەن چىرايلىقچە ئايرىلىپ كەتمەكچى بولىدۇ.

  ئۇ ئاشىنىلىرى بىلەن قا نداق قىلىپ چىرايلىقچە ئايرىلىپ كېتەلىگەن؟ مانا بۇ ھېكايىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى جەلپ قىلىۋالغان يېرى. مۇبادا بۇ رىئال تۇرمۇشىمىزدىكى ئىش بولمىغان بولسا، ئادەمنى كۈلدۈرەلىگۈدەك ياخشى خام ماتېرىيال بولالايتتى.

  دازاي ئۇسامۇ بۇ ئاددىي ۋەقەدىن قانداق قىلىپ ئېسىل ھېكايە يازالىغان؟ ئەلۋەتتە ئۇ ئەقىل-پاراسىتىگە تايانغان، ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق سىيۇژىتنى لايىھەلىگەن ۋە جانلىق تەسۋىرلىگەن. ھېكايىدىكى باش قەھرىمان تاكادا بىر تەڭداشسىز ساھىبجامالنى خوتۇنلۇققا ئىجارىگە ئېلىپ، ئاشىنىلىرى بىلەن ئايرىلىپ كېتىشنى ئويلىغان. ھەمدە ھەر بىرى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ كېتەلىسە، ئىجارىگە ئالغان خوتۇنىغا نۇرغۇن پۇل بېرىدىغان بولغان. تۇنجى قېتىم بىر ئاشىنىسى بىلەن ئوڭۇشلۇق ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ھېلىقى ساھىبجامالغا پۇل بەرگەن. كېيىن تاكادا ئۆزىنىڭ ئەخمەق بولغانلىقىنى بىلىپ، ئىجارە ئالغان خوتۇنىدىن ئۆچ ئالماقچى بولغان. لېكىن بۇ خوتۇنمۇ بوش كەلمىگەن. بۇنىڭ بىلەن ئادەم يا يىغلاشنى، يا كۈلۈشنى بىلەلمەي قالىدىغان ئويۇن باشلانغان. تاكادا ئىجارە ئالغان خوتۇنىنى ئېلىپ يەنە بىر ئاشىنىسى بىلەن ئايرىلىشقا بارمايلا، دازاي ئۇسامۇ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاخىرلاشمىغان ھېكايە ئۇنىڭ ۋەسىيەتنامىسى بولۇپ قالغان. ھېكايىدىكى ۋەقەلىك قانداق ئىلگىرى سۈرۈلگەن؟ مانا بۇ ھېكايىگە قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەرنىڭ مۇلاھىزىسىگە قالدۇرۇلغان.

  ھېكايە سىيۇژىتىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق، يومۇرىستىك، رېئاللىققا ئۇ يغۇن بولۇپ، تىلى ناھايىتى ئاددىي. بۇ ئەقىل-پاراسەت بىلەن مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىلغان، لېكىن ئاخىرلاشمىغان ھېكايە.

  ھىمىڭۋاينىڭ «ئاق پىلدەك تاغلار» ناملىق داڭلىق ھېكايىسىدىمۇ ئادەتتىكى تۇرمۇش كارتىنىسى سۈرەتلەپ بېرىلگەن: ئامېرىكىلىق بىر جۈپ يىگىت-قىز ئىسپانىيەنىڭ كىچىك بىر ۋوگزالىدا پويىز ساقلاۋاتقاندا، يىگىت قىزنى كىچىك ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇشقا كۆندۈرمەكچى بولىدۇ، لېكىن قانداق ئوپېراتسىيە ئىكەنلىكىنى قىزغا دېمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ تەجرىبىلىك ئوقۇرمەنلەر ئۇنىڭ ھامىلە چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايدۇ. قىز ئۇنىڭ گېپىگە كۆنمەيدۇ، ھېكايىدىمۇ ئېنىق تىلغا ئېلىنمايدۇ. ھېكايە پويىز كېلەي دېگەندە ئاخىرلىشىدۇ.

  ھىمىڭۋاي بىر ئاددىي تۇرمۇش كارتىنىسىدىن قانداق قىلىپ داڭلىق ھېكايە يازالىغان؟ ئۇ قىسقارتىش، بوشلۇق قالدۇرۇش، گەپنىڭ تېگىگە گەپ يوشۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغان. پۈتكۈل ھېكايە ئاساسەن دىيالوگدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، «دىيالوگلۇق ھېكايە» دېيىشكە بولىدۇ. ھېكايە مەزمۇنى ۋە سىيۇژىتىنىڭ راۋاجى دېيالوگ ئارقىلىق ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھېكايىدە ئەر قىزغا توختىماي «بۇ بىر كىچىك ئوپېراتسىيە» دەيدۇ، قىز ئەتراپىغا قاراپ قويغاندىن كېيىن يىراقتىكى قۇياش نۇرىدا پارقىراپ تۇرغان تاغقا سىنچىلاپ قاراپ: «قاراڭ، ئاۋۇ تاغلار بىر توپ ئىنچىكە ئاق پىلغا ئوخشايدىكەن» دەيدۇ. تاۋلانغان دىيالوگ ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ كىملىكى، مۇھەببەت سەرگۈزەشتىسى، پويىزغا ئولتۇرۇپ نەگە بارىدىغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى قىسقارتىپ، ھەممىنى سىر پېتى قالدۇرغان، يەنە قىزنىڭ كەيپى چۈشۈپ گاڭگىراپ قالغانلىقى ۋە قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن بېشارەت بەرگەن. بوشلۇق تەسەۋۋۇرى ۋە قىزنىڭ كىچىككىنە ئەندىشىسى بۇ ھېكايىنى چەكسىز سېھرىي كۈچكە ئىگە قىلغان. ھىمىڭۋاينىڭ «تاش ئۈستىدە گۈل ئېچىلدۇرالايدىغان» ئۇسۇلى تەسەۋۋۇر بوشلۇقى پەيدا قىلىدىغان ئۇسۇل بولۇپ، ئۇ «بوشلۇق سېھىرگەرى»نىڭ رولىنى ئېلىپ، بۇ بوشلۇققا تۇرمۇشتىكى بارلىق مەخپىيەت ۋە تىلسىماتنى يوشۇرۇپ، ئوقۇرمەنلەرنى تەسەۋۋۇرى ئارقىلىق ئوقۇشقا جەلپ قىلالىغان.

  شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، تەسەۋۋۇر بوشلۇقى ئاددىي ۋەقەنى ئېسىل دۇردانىگە ئايلاندۇرالايدۇ.

  داڭلىق يازغۇچىلار ھېكايىنى كولمىناتسىيە نۇقتىسىغا قانداق يەتكۈزىدۇ؟ ئەلۋەتتە، مۆجىزە يارىتىش ئارقىلىق ھېكايىنىڭ ماھىيىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ.

  ھېكايە دېگەن نېمە؟ ھېكايىنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەر قېتىم ئىجادىي كېڭەيتىلگەندە بىر داڭلىق يازغۇچى بارلىققا كېلىدۇ. داڭلىق يازغۇچىلار ھەمىشە ھەيران قالارلىق شەيئىلەرنى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەسۋىرلەشنى كۆڭلىگە پۈكىدۇ. ھەيران قالارلىق ئۆزگىچە شەيئىلەرنى تەسۋىرلەش ئۈچۈن ، ھېكايىنىڭ يېڭى دۇنياسىنى ئىجاد قىلالايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھېكايىنىڭ كولمىناتسىيە نۇقتىسىدا بۆسۈش ياسىلىدۇ، يېڭى پەللە پەيدا بولغاندا ئىنسانلارغا مىراس قالغان ھېكايە خېلى ئاۋۇيدۇ.

  ھېكايىچىلىق دۇنياسىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك بۇنداق ئىجادىيەت ناھايىتى مۈشكۈل بولىدۇ. ھازىرقى زامان ھېكايىچىلىق تارىخىغا نەزەر سالساق، قانچە يازغۇچى ھېكايىنىڭ ئىپادىلەش پەللىسىدىن ھەقىقىي يوسۇندا ھالقىيالىغان؟ كافكا، جايىس، يۇھان روففو، بورخېس، فوكنى، ماركوز قاتارلىق ساناقلىق يازغۇچىلارلا بۇ مۇقامغا يېتەلىگەن.

  بۇنداق ھالقىش ئىلھام ۋە تەڭرىنىڭ مەدىتى بىلەنلا يۈز بېرىشى مۇمكىن.

  بىزدە «پاكىتىڭ تولۇق بولمىسا گېپىڭ ئاقمايدۇ» دېگەن گەپ بار. داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ داڭق قازىنالىشىدىكى سەۋەپنى مۇنداقلا تەھلىل قىلساق، تېيىز ۋە يۈزەكى بولۇپ قالىدۇ. لېكىن باشقىچە نۇقتىئىنەزەردىن ئويلاپ باقساق، داڭلىق يازغۇچىلار يىگانىلىكى، نۇسخىلىغىلى بولمىغانلىقى ۋەجىدىن داڭق قازانغان، ئۇلارنىڭ ھېكايە يېزىش ئۇسلۇبىنى دوراپ باقساق، تەجرىبە ۋە ئىلھامغا ئىگە بولالايمىز. داڭلىق يازغۇچى بولۇشنىڭ تەييار يولى بولمايدۇ، بىز ئوتتۇرىغا قويغان سىيۇژىت بىرتەرەپ قىلىشنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلى پەقەت داڭلىق يازغۇچىلار بىزگە ئۆرنەك ئېلىشقا قالدۇرغان تەجرىبىلا بولالايدۇ.

  سىزگە داڭلىق يازغۇچى بولۇشنىڭ يولىنى دەپ بېرەلمىگىنىمىز بىلەن، داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ قانداق يول تۇتقانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيمىز. داڭلىق يازغۇچىلار يېزىقچىلىق داۋامىدا ئەجدادلاردىن ئۆرنەك ئالغان، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كەلگۈسىدىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.

  -2014يىلى نويابىر

  شى خۇاپېڭ (خەنزۇ)

  ئابلەت ئابدۇللا تەرجىمىسى

  بۇ تەرجىمە ئەسەر مىللەتلەر ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 6-سانىدىن ئېلىندى.

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر