باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

«شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»نىڭ يارقىن جۇلاسى

تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن)

2015.12.04 17:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن)

  ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

  «شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»-گۈزەل، پاساھەتلىك تىل، ئەپچىل بەدئىي قۇرۇلما، قايناق شېئىرىي ھېسسىيات، ئۆتكۈر پەلىسەپىۋىي مۇلاھىزە، چوڭقۇر ئوبرازلىق تەپەككۇر، چىن ئىنسانىي مۇھەببەت، يۈكسەك مەسئۇلىيەت، چەكسىز ئەقىدە-ئېتىقاد، چاقناپ تۇرغان غۇرۇر ۋە ۋىجدان، ئۆزگىرىپ تۇرىۋاتقان جەمئىيەت، يېڭىلىنىۋاتقان كىشىلىك قەدرى-قىممەت، نۇرلىنىۋاتقان ئەدەب-ئەخلاق، كۈنسېرى جانلىنىۋاتقان مەنىۋىي كەيپىيات، مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەت، روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان خاراكتېر، ئۆزگىچە ئىپادىلەش ئۇسۇلى، مىللىيلىكە باغلانغان كىشىلىك تۇرمۇش مەنزىرىسى، تۈۋەن قاتلام كىشىلىرىنىڭ قىرتاق قاراشلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان تەقدىر-قىسمەتلىرى، دولان مەشرەپ مۇقاملىرىنى زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈزلەندرۈش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرى...بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ، كىشى قەلبىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئەدەبىي مۇھىت يارىتىلغان.

  «شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»نىڭ ئاپتۇرى يۈسۈپجان مۇھەممەت تۇغيان 1973-يىلى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان.باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئۆز ناھىيەسىدە تاماملىغاندىن كېيىن، ئاپتونۇم رايۇنلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ خەنزۇ تىلى كەسپىدە ئوقۇغان. 1991-يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ مولھۇسۇللۇق 1-مەيدان پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدا كاتىپ، تەرجىمان بولۇپ ئىشلىگەن.بۇ جەرياندا شىنجاڭ ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش سىنىپىنىڭ خەنزۇ تىلى تولۇق كۇرسىنى پۈتتۈرگەن. 2002-يىلى 3-ئايدىن 2012-يىلى 4-ئايغىچە ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىدە ئىشلىگەن. ھازىر ئاۋات ناھىيەلىك ئىستاستىكا ئىدارىسىدە ئىشلەۋاتىدۇ.

  ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇۋاتقان چېغىدىلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قىزغىن ئىشتىياق باغلىغان بولۇپ، 1988-يىلى تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۈچۈنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە «ئاقسۇ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان «ئەلۋىدا بەڭۋاشلىق» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىگە قەدەم قويغان. شۇنىڭدىن باشلاپ شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن بىرلىكتە بارا-بارا پىروزا، ئەدەبىي تەرجىمە، خەتتاتلىق تۈرلىرى بويىچىمۇ ئىجادىيەتكە كىرىشكەن. ھازىرغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىز ئىچى-سىرتىدىكى بىر قىسىم مەتبۇئاتلاردا 450 پارچىدىن كۆپرەك شېئىر، ئىككى پارچە پوۋېست،20 نەچچە پارچە ھېكايە، ئەدەبىي ئاخبارات، بىر نەچچە پارچە ئوبزور، يىگىرمە نەچچە پارچە تەرجىمە ئەسەر، دولان مەدەنىيىتى ۋە باشقا تېمىلار بويىچە 20 نەچچە پارچە ماقالە، 100 پارچىغا يېقىن ھۆسىنخەت ئەسىرى ئېلان قىلىنغان.2013-يىلنىڭ ئاخىرى ،2014-يىلنىڭ بېشىدا شىنجاڭ پەن-تېخنىكا نەشىرىياتى تەرىپىدىن «شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»، «قىرغاقسىز دەريا»،«ئۇيغۇر دولارنلىرىدا ئوۋچىلىق» ناملىق كىتابلىرى،2014-يىلى 2-ئايدا شىنجاڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى تەرىپىدىن «ئۇپۇقتىن تارىغان كۈيلەر»ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىنغان. «ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ قىسقىچە تارىخى» (ئىچكى قىسىمدا بېسىلغان) ناملىق كىتاپنى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلغان. 1995-يىلى «تۇرپان گېزىتى» ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئۇيۇشتۇرغان «يېشىل مەرۋايىت» مۇكاپاتلىق ئەدەبىي ئەسەرلەر مۇسابىقىسىدە ئۇنىڭ «يارات تەڭرىم بىر دۇنيا» ناملىق شېئىرى 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. «قىرغاقسىز دەريا» (شېئىرلار)،

  «دولان دىيارىدىكى مۇقام ناۋاسى» (سەھنى سىنارىيىسى) قاتارلىق ئەسەرلىرى 2008-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن «10 بىر يۇرۇق نوقتا»پائالىيىتى بويىچە مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى باھالاشتا ياخشى ئەسەر مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ھازىرغا قەدەر «تارىم ناۋاسى»، «ئۇيغۇر خەلق كۈلدۈرگىلىرى»، «ئۈلگۈلۈك ماقالىلەر توپلىمى»، «ھۆسىنخەتلەر، ئۆرنەك رەسىملەر»،«تەكلىماكان چېچەكلىرى» قاتارلىق كىتاپ ۋە توپلاملارغا بىر قىسىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بىر قىسىم شېئىر ۋە ھېكايىلىرى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، «مىللەتلەر ئەدەبىياتى»، «ئاقسۇ ئەدەبىياتى» قاتارلىق ژۇرناللارغا بېسىلغان. ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى تۈزۈپ نەشر قىلدۇرغان «غەربىي يۇرتتا چاقنىدى تارىم»، شائىر ئەدەبىي تەرجىمان سۇ دېشىننىڭ «بىر دەستە نۇر ئۆتتى يالت قىلىپ» قاتارلىق خەنزۇچە شېئىرلار توپلىمىغا بىر نەچچە پارچە شېئىرى كىرگۈزۈلگەن.

  ئۇ ھازىر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى ۋە مۇقام تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ۋە خەتتاتلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى مۇئاۋىن رەئىسى.

  «شەپەق لېۋېدىكى ئارمانلار»-شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى بىلەن شىنجاڭ پەن-تېخىنىكا نەشرىياتى نەشر قىلغان پوۋېسىت، ھېكايە، نەسىرلەر توپلىمى بولۇپ، 2013-يىلى 4-ئايدا نەشر قىلىنىپ تارقىتىلغان. توپلامغا 9 پارچە ھېكايە، 3 پارچە نەسىر، بىر پارچە راست ئىشلار خاتىرىسى، بىر پارچە ئەدەبىي ئاخبارات، بىر پارچە پوۋېسىت كىرگۈزۈلگەن. بۇ توپلام كۆپ خىل ئەدەبىي ژانىرلار مۇجەسسەملەنگەن، ئوقۇرمەنلەرنىڭ تۈرلۈك ئىستېتىك ئېھتىياجى نەزەردە تۇتۇلغان، ئوقۇرمەنلەر قاتلىمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىگەن، ئەدىبنىڭ تۈرلۈك بەدئىي ماھارەتلىرى نامايان قىلىنغان ئونىۋېرسال توپلام بولۇپ، مۇئەييەن جەلب قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  1.توپلامدىكى ھېكايىلەرنىڭ يارقىن جۇلاسىغا بىر نەزەر

  توپلامغا ئەدىبنىڭ «تىللاش»، «ساختا». «خىيال ۋە بوشلۇق»، «كاككۇك»، «ئېھ، ئۆچمەس شام»، («مەنسەپگۈل»)، «يىغىندا»، تەتقىقى قىلىش»، «ئۇلاش» قاتارلىق ھېكايىلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ ھېكايىلەردە ئاددىي كىشىلەرنىڭ دۇنيادىن، ھاياتتىن، كىشىلىك تۇرمۇشتىن ئالغان تۇيغۇ-تەسىراتلىرى، يەرلىكچە ياشاش ئۇسۇللىرى، قىلىشقان چاقچاقلىرى، ئۆزگىچە خاراكتېر-ئالاھىدىلىكلىرى،قۇيۇق يەرلىك پۇراققا تۇيۇنغان دىيالوگ-مۇنۇلۇگلىرى، دەۋر روھىنى يېتەكچى قىلغان گۈزەل غايە-ئىستەكلىرى، كەلگۈسىگە تەلپۈنۈشلىرى، مۇرەككەپ كىشىلىك مۇناسىۋەتلىرى، ھاراق-مۇسەللەسلەر بىلەن باغلىنىپ كەتكەن تۇرمۇش شەكىللىرى، نادانلىق، بىخۇتلۇق، قاششاقلىق، ھورۇنلۇق، بىكار تەلەپلىك، تەربىيەسىزلىك، خۇراپاتلىق ئىللەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرغان ئىجتىمائىي پاجئىەلىرى،زامانغا ماسلاشماسلىق، دەۋرگە يانداشماسلىق، زامانىۋىي مەدەنىيەتكە يۈزلەنمەسلىك تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىۋاتقان تېراگىدىيەلىك ئامىللار، تۇنجى مۇھەببەت تۇيغۇلىرىدىن ھاسىل بولغان قايناق ھېسسىيات، رومانتىك كەيپىيات، تەلۋە ھاياجان، ئۆزىنى تۇتالماسلىقلار پەيدا قىلغان خۇنۇك تۇرمۇش مەنزىرىسى روشەن ئۆز ئىپادىسىنى تېپىپلا قالماستىن، بەلكى، يەرلىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭ شەكىلۋازلىق، بيوكىراتلىق، ھەشەمەتچىلىك ۋە ئىسراپخورلۇق ئىللەتلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان كېلىشمەسلىكلەر، يەرلىك ئەمەلدارلاردىكى بۇيرۇقۋازلىق،مۇتىھەملىك،ئالاجوقىلىق،ھوقۇقپەرەسلىك، مۇشتۇمزورلۇق، قارا قورساقلىق، ساختىپەزلىك، كۆز بويامچىلىق، پاراخورلۇق، چىرىكلىك، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىش، دۆلەت مەنپئىەتى ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپئىەتىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىللەتلىرى ئۆتكۈر كىنايىلىك تىللار ئارقىلىق قاتتىق قامچىلانغان.

  «تىللاش» ھېكايىسى:

  ـ ھۇ يۈندا قۇلاق موخو!

  -يۈزسىز ئەبلەخ!

  -خۇتۇنىنىڭ پۇلىغا مانتا يەيدىغان خۇمسى!

  ـ ھارامنى تولا يەپ ئەقلىدىن ئازغان...

  ـ ئىسىنى بۇلۇت كۆرمەيدىغان، يۈندىسىنى ئىتتىن قىزغىنىدىغان پىخسىق!

  ـ ئەقلىگە ئېشەك دەسسىۋەتكەن دەلتە!

  ـ چېقىمچى دەللال!

  ـ ۋىجدانى سوۋۇپ كەتكەن غالچا!

  مانا مۇشۇنداق يۇمۇرلۇق كەيپىيات ئىچىدە باشلىنىپ، تىراگىدىيەلىك ئاقىۋەت بىلەن ئاخىرلاشقان. بۇ ھېكايىنى ئوقۇغان ئادەم يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشنى ئۆگىنىش، تۇرمۇشنى كۆزىتىش، تۇرمۇشنى سەنئەتلەشتۈرۈپ ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا قول قويماي تۇرالمايدۇ. ئەسەردە ئىپادىلەنگەن ئاددىي كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۆزگىرىۋاتقان جەمئىيەت ھۈجەيرىسىنىڭ يارقىن ئىپادىسى. جەمئىيەت تەرەققىي قىلغانسېرى كىشىلەرنىڭ مەنىۋىي دۇنياسى ئېچىرقاپ، مۇھەببەت، ئائىلە، توي ئىشلىرى خىرىسقا دۈچ كەلمەكتە. «تىللاش» ھېكايىسىدە ئاپتۇرنىڭ بىزگە ئېيتىپ بەرمەكچى بولغىنى، ئائىلە مۇكەممەلسىزلىكى، تويلىشىش بوھرانى، مۇھەببەت تۇترۇقسىزلىقى، يېمىرلىشكە يۈزلىنىۋاتقان ئەئئەنىۋىي ئەخلاق پىرىنسىپلىرى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يىرگنىشلىك ئىللەتلەر.

  «ساختا» ناملىق ھېكايىدە بىر مەزگىل ئەۋج ئالغان ساختىلىق ۋە ساخقىلىقنىڭ جەمئىيەت ۋە شەخسلەرگە كەلتۈرگەن زىيانلىرى، كىشىلەر ئارا سەمىيەتنىڭ يوقۇلۇشى، لەۋزىدە تۇرماسلىقنىڭ ئەۋج ئېلىشى، گۇناھ تۇيغۇسىنىڭ تۈۋەنلىشى، ساختا كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنىڭ يامرىشى، ساختا نام-شۆھرەتلەرنىڭ باش كۆتۈرۈشى، ئادەملەرنىڭ روھى دۇنياسىنىڭ پۇچەكلىشىشى، ئەقىدە-ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىشى، ئادىمىيلىك پەزىلەتنىڭ پەربات بولۇشى، ھاياتلىق تۈۋرۈكنىڭ لىڭشىپ قېلىشى، ساختا دوسلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان يالغان ھېسسىياتلارنىڭ خۇنۇك دەبدەبلىرى تولىمۇ ماھىرلىق بىلەن سىزىپ كۆرسىتىلگەن. ھىكايىدە پىرسۇناژلارنىڭ تۈرلۈك قىياپەتلىرى، يۈرۈش-تۇرۇشلىرى، ھەرىكەت شەكىللىرى، خۇلق مىجەزلىرى بىلەن چىركىن ھېسسىياتلىرى، يۇشۇرۇن ئاڭ سېزىملىرى، روشەن خاسلىققا ئىگە تەپەككۈرى، يەرلىك خۇسۇسىيەت بىلەن تۇيۇنغان پىسخىك ئالاھىدىلىكلىرى، رەڭگا-رەڭ خاراكتېر تىپلىرى بىرى-بىرى بىلەن مۇستەھكەم گىرەلىشىپ كەتكەن. بۇ بىر ساتېرىك ھىكايە بولۇش سۈپىتى بىلەن يامان ئىللەتلەرنى رەھىمسىز قامچىلىغان، پىرسۇناژلارنىڭ قىياپىتى، تىلى، ھەرىكىتى، پىسخىكىسى روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنىپ تەسۋىرلەنگەن. تەبئىي مۇھىت بىلەن ئىجتىمائىي مۇھىت بىر تەكشىلىك ئۈستىگە قۇيۇلۇپ ساختىلىقنىڭ رەزىل ئەپتى-بەشىرىسى ئېچىپ تاشلانغان. بۇ ھىكايىدىن يازغۇچىنىڭ پىشىپ يېتىلىۋاتقان بەدئىي بالاغىتىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

  «خىيال ۋە بوشلۇق» ناملىق ھېكايىدە، ئاپتۇر پىرسۇناژنىڭ روھى دۇنياسىغا چوڭقۇر شۇڭغۇپ كىرىپ، ئۆزىنى بولۇشىغا تاشلىۋېتىدىغان، مەنىۋىي جەھەتتىن چۈشكۈنلىشىدىغان، ھاراققا بېرىلىپ قەدرى-قىممىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان، ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى ئۇنتۇپ، ئەيىش-ئشرەتكە بىرىلىدىغان، شاختىن-شاخقا قۇنۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان، ئائىلىۋىي ھۇزۇر ھالاۋەتنى تالادىكى مەنىسىز تۇرمۇشقا تېگىشىدىغان، رېئال تۇرمۇش لەززەتلىرىنى خىيالىي دۇنيادىكى تۇرمۇش مەئىشەتلىرىگە قۇربان قىلىۋېتىدىغان، ئۈمىدىسىز، غايىسىز، مەنىسىز، ئەھمىيەتسىز ياشايدىغان بولۇمسىز كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى تولىمۇ مۇۋەپەققىيەتلىك ياراتقان.

  بۇ ھېكايىنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىكى شۇكى، ئاپتۇر ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسىنىڭ روشەن، كونكرېت، جانلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلەكلىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، پىرسۇناژلارنىڭ خاراكتېرىنى ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن تىلنىڭ ھەر قايسى ئامىللىرىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەڭ مۇۋاپىق بولغان ئىپادىلەش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق ئەسەرنىڭ جەلب قىلىش كۈچىنى ئاشۇرغان.مەسىلەن: «سائەتنىڭ قاشاڭ ئېشەكتەك تىللىرى ھۇرۇن تىللىرى ئۇنىڭ يۈرىكىنى ھەر بىر ھۈجەيرىسىدىن باشلاپ بىر تال-بىر تالدىن غاجاپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تال ھۈجەيرىسى قالغاندا ئاخىر ئۆز بېكىتىگە ياتكۇزدى». بۇنداق مىساللار بۇ ھېكايىدە تولىمۇ كۆپ. بۇنىڭدىن ئاپتۇرنىڭ يوقۇرى ئىستىلىستىكا ماھارىتىنى، تىل ئىشلىتىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرىنى، ئىپادىلەش جەھەتتىكى ماھارەتلىرىنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

  «كاككۈك» ناملىق ھېكايىسىدە ئاپتۇر مۇھەببەتنى باش تېما قىلغان. مۇھەببەت تېمىسى-ئەدەبىيات ئۈچۈن مەڭگۈلۈك تېما، جەلبكار تېما، ھەممىباپ تېما. مۇھەببەتنىڭ باشلىنىشى تولىمۇ شېرىن، تولىمۇ رومانتىك بولىدۇ. ھەر بىر تاۋۇش، ھەر بىر سۆز كۈچلۈك مەپتۇنكارلىققا ئىگە. بەزىلەر «ئائىلە-مۇھەببەتنىڭ قەبرىسى»-دەيدۇ. تويدىن كېيىنكى مۇھەببەتنىڭ مەسئۇلىيىتى تولىمۇ ئېغىر، مۇساپىسى تولىمۇ مۈشكۈل، مەنزىلى تولىمۇ جاپالىق بولىدۇ. مۇھەببەتنىڭ مۇشۇ باسقۇچى ئادەمنى تاۋلايدۇ، ئادەمگە چىداپ-غەيرەت ئاتا قىلىدۇ، كەلگۈسىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى كۆز ئالدىدا قايتا نامايان قىلىدۇ. كۆڭۈللۈك، بەختلىك، خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ ئارامبەخش نۇرلۇق سېماسىنى سىزىپ كۆرسەتكەن.

  مائارىپ ـ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە جەمئىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، خەلقنىڭ ساپاسىنى يوقۇرى كۆتۈرۈش، ئادەمنىڭ ئەتراپلىق يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈپ يول. مائارىپنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئەخلاق يېتىلدۈرۈش- ئادەم تەربىيەلەشنى مائارىپنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىش، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتلەردىن ئەتراپلىق يېتىلگەن سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيىلەپ يېتىشتۈرۈش ــ ساپا مائارىپىنى يولغا قۇيۇشنىڭ تۈپ تەلىپى. ساپا مائارىپنىڭ تۈپ مەقسىتى خەلقنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت. مىللىي مائارىپنىڭ تەرەققىياتىنى تېزىلىتىش باراۋەرلىك، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق ئاساسىدىكى سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە تەرەققىي قىلدۈرۈشنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى بولۇپ، ئۇنىڭغا يۈسەك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك ئىدى.

  ئاپتۇر، «ئېھ، ئۆچمەس شام» ناملىق ھېكايىسىدە ، نۇر مۇئەللىمنىڭ روھى ئىزتىراپلىرى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلاملاردىكى بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلاردا ساقلىنۋاتقان مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، مائارىپنىڭ ئىستىراتېگىيەلىك ئورنىغا سەل قاراش، مائارىپ مەبلىغىنى قالايمىقان يۆتكەپ ئىشلىتىش، مائارىپ ئىشلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رېسقىغا چاڭ سېلىش، ئوقۇتقۇچىلارنى كەمسىتىپ ھاقارەتلەش، ئەسلىنى ئۇنتۇپ تۇيۇق يولغا قاراپ مېڭىش، ئەخلاقىي جەھەتتىن بۇزۇلۇش مەسىلىلىرىنى پاش قىلغان. ۋەتەنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدى، ۋەتەننىڭ گۈل-غۇنچىلىرى، ۋەتەننىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىز باسارلىرى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلىرىغا بىلدۈرگەن ھۆرمەت- ئېھتىراملىرى ئارقىلىق، مائارىپ ئىشلىرىغا ئۆزلىرىنى بېغىشلىغان، ئوقۇغۇچىلىرىغا ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۆگەتكەن، پەن-مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئۆگەتكەن، ئادەم تەربىيەلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان، ئەخلاق تەربىيەسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قۇيۇپ، شەخسىي ئىقتىدارغا ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر بىر ئوقۇغۇچىنى ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە مۇۋاپىق تەربىيەگە ئىگە قىلىپ، ھەر بىر بالىنى ئىشقا يارايدىغان، ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك جەھەتتىن ئەتراپلىق تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىۋاتقان خەلق مائارىپچىلىرىغا قىزغىن مەدھىيە ئوقۇغان. ئاپتۇر ئىستىراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ ئوقۇتقۇچىلاردىكى «شام روھى»نى يۈكسەك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ھېكايىنىڭ باش تېمىسى قىلىپ تاللىغان. بۇ تېما رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، كۈچلۈك تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «مەنسەپگۈل» توپلامدىكى ھېكايىلەرنىڭ گۈلتاجى ھېساپلىنىدۇ. بۇ ئەسەر بەش بۆلەككە بۆلۈپ يېزىلغان بولۇپ، ئەسەرنىڭ باش تېمىسى بەشىنچى بۆلەكتە تولىمۇ ئوچۇق يۇرۇتۇلغان. ئادەم ئىشلىتىشتە قابىليەتلىكلەرنى جەڭ جەلب قىلىغىان، ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرىدىغان، يوقۇرىغا چىقىشقىمۇ، تۈۋەنگە چۈشۈشكىمۇ ئىمكان بېرىدىغان، ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان رەھبەرلىك كوللېكتىپى بەرپا قىلىش پاتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ كادىرلارنى ئۆستۈرۈپ ئىشلىتىشىدىكى تۈپ پىرىنسىپى. ئەمما، ھېكايىدە تەسۋىرلەنگەن بارى «مەنسەپگۈل»دىن ۋىرۇسلىنىپ ۋىجدانىنى، غۇرۇرىنى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى، ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان پىسۇناژ. بۇ ھېكايىنى سەۋرچانلىق بىلەن ئوقۇپ چىقساق ئاپتۇرنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنى بىشقولدەك ئايان بولىدۇ.،ئەسەردىن ئېلىغان تۈۋەندىكى پارچىغا نەزىرىڭىزنى ئاغدۇرۇپ بېقىڭ:«بيولوگىيە ساھەسەدىكى داڭلىق ئالىملاردىن تەركىب تاپقانتەتقىقات گۇرۇپپىسى تەتقىقاتنى تاماملاشقا ئاز قالغاندا بۇ يەردىن تارقالغان بىر خەۋەر ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىمۇ چۆچىتىۋەتتى، چەتئەللەردىكى چوڭ-چوڭ تېلىۋېزىيە قاناللىرى ۋە رادىيو ئىستانسىلىرىدا بۇ خەۋەر توختىماي بېرىلىپلا قالماي، يەنە چوڭ-كىچىك مەتبۇئاتلاردىمۇ يامراپ كەتكەنىدى.

  ×× دۆلىتى ××ئۆلكىسىنىڭ×× ناھىيەسىدە ‹مەنسەپ ۋىرۇسى» دەپ ئاتىلىدىغان، ناھايىتى يۇقۇملۇقن يېڭى تىپتىكى ۋىرۇس بايقالغان بولۇپ، يۇقۇملانغان كىشىدە ئاۋاك قاتتىق تىرىشىپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بىرىلىپ ئىشلەش ۋە بىر تەرەپتىن پۇل تېپىش، ئادىن ھەرقانداق ۋاستە، ئۇسۇل تاللىماي بىر ئامال قىلىپ رەھبەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئەمەل تۇتۇش، ئەمەل تۇتقانسېرى چىرىكلىشىپ يوقۇرىشا خۇشامەت قىلىپ، تېخىمۇ يوقۇرى مەنسەپكە ئىنتىلىش، بارا-بارا خىروئىنغا خۇمار بولغان كىشىدەك پات-پات ئۆستۈرۈپ تۇرمىسا ئىچ-ئىچىدىن بۇغۇلۇپ، بەزگەكتەك تىترەيدىغان، ئاخىرىدا دېۋەڭلىك ۋە دەلتۈشلۈككە مۇپتىلا بولۇپ بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنيا ئالدىراشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەك بىر قانچە يىلغىچە بايقالمىغان (يۇقۇملانغۇچىلار ئۆزىنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى مەڭگۈ ھېس قىلمايدىكەن) پەقەت ئۆتكەن يىلى يۈرەك نېرۋا كېسەللىكى مۇتەخەسىسلىرىدىن تەركىب تاپقان ‹مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش› بۇ جايدا نامراتلارنىڭ كېسىلىنى ھەقسىز تەكشۈرىۋاتقاندا، بۇ يەردىكى ئىت-مۈشۈكلەرنىڭمۇ غەلىتە ئىكەنلىكىنى، ئىتقىمۇ ئاۋال چوڭقۇر ئىڭىشىپ ئىككى قوللاپ قىزغىن كۆرۈشۈپ ئەھۋال سوراپ، ئاندىن ئالدىغا ئاش قۇيۇپتەكلىپ قىلمىسا يېمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ، بارلىق جانۋار ۋە ئادەملەرنى تېخىمۇ ئىنىچكە كۆزىتىش نەتىجىسىدە ئاندىن بايقىغان.

  ئەڭ قىزىققارلىقى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەتقىقاتى نوقتىلىق تۈر سۈپىتىدە قانات يايدۇرۇلۇپ، تەتقىقاتنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندە توساتتىن تەتقىقات گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقىمۇ بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ: ‹شۇنچە يىل گېن تەتقىقاتى بىلەن شۇغىللىنىپ ئاران گۇرۇپپا باشلىقى بولامدىم، بىراقلا ئىككى دەرىجە ئۆستۈرمىسىڭلار ئىشلىمەيمەن› دەپ تۇرىۋالغاچقا، تەتقىقاتات توختاپ قالغان.ئىگىلىشچە، بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇش سەۋەبى ئەڭ دەسلىپىدە ‹مەنسەپگۈل› دېگەن بىر خىل گۈلدىن باشلانغان بولۇپ، بۇ گۈلنىڭ پۈتۈن ناھىيەنى تېز سۈرئەت بىلەن قاپلىشىغا ئەگىشىپ، شۇ يەردىكى يېڭىدىن ئەمىلى ئۆسكەنلەرنىڭ مىڭىسىدە ئاستا-ئاستا بىر خىل ئۆسمە پەيدا بولغان. بارى قاتارلىق ئەڭ دەسلىپىدە يۇقۇملانغان ئۈچ نەپەر بىمارنى بىرىنچى تۈركۈمدىكى ئەۋرىشكە ئوبيېكتى قىلىپ ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن مەلۇم بولدىكى، بۇ خەتارلىك ئۆسمىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، بىماردىكى ئەمەلپەرەسلىك تۇيغۇسىمۇ شۇنچى كۈچىيىپ بارىدىكەن.يۇقۇش يولى جەھەتتە پەقەت بۇ ۋىرۇس ئاشۇ ۋىرۇس رايۇنىدىكى كىشىلەر بىلەن قۇيۇق ئالاقە قىلىشتىن يۇقۇشى مۇمكىن دېگەن ېھتىماللىقلا نىسبەتەن ئىشەنچىلىك بولۇپ تەتقىقات ئاخىرقى باسقۇچتا توختاپ قالغاچقا باشقا يۇقۇش يوللىرى ھازىرچە نامەلۇم ئىكەن. شۇڭا ھازىرچە بارلىق كىشىلەر ۋە جانۋارلارنىڭ ۋىرۇس رايۇنىدىكى كىشىلەر بىلەن قەتئىي ئۇچراشماسلىقىنى، دۇرۇس ۋە نورمال كەيپىياتتا ۋىجدانى بىلەن ياشىشىنى، ئەمەل ۋەسۋەسىسىدىن تامامەن خالىي بولۇپ، مىننەتسىز ۋە تاماسىز ھالدا باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىپ، ۋۇجۇدىنى پاكلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. پەقەت شۇنداق قىلغاندىلا بۇ ۋىرۇستىن ساقلانغىلى بولىدۇ دەپ قارايمىز...

  ھېكايىنىڭ يېشىمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكى كىشىلەرگە يۇققان بۇ ۋىرۇس ناھايىتى خەتەرلىك باسقۇچقا كىرگەن بولۇپ، ھۇشيار بولمىساق، قۇدرەتلىك خەلق ھاكىمىيىتىمىزنى زاۋاللىقا، خەلىمىزنى خانىۋەيزانلىققا، مىللىتىمىزنى مەنىۋىي جەھەتتىن يىمىرلىشقا باشلايدۇ. چۈنكى، مەنسەپخۇمارلىق ئەجەللىك مەنىۋىي كېسەللىك بولۇپ، ئۇنىڭ يىلتىزى، كىشىلەرنىڭ روھىدا، شاخشۇمبىلىرى كىشىلەرنىڭ قەلبىدە باش كۆتىرىۋاتقان مەسئۇلىيەتسىزلىك تۇيغۇسىدا. ئاپتۇرنىڭ دۆلەتكە، جەلققە، مىللەتكە مەسئۇل بولۇش روھى بىزنى چەكسىز سۆيۈندۈرىدۇ.

  ئاپتۇر «يىغىندا» ناملىق ھېكايىسىدە، بىر مەيدان كېلەڭسىز يىغىننىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدىغان، ئادەمنى بۇرۇختۇرما قىلىدىغان، ئادەمنى روھى جەھەتتىن ئازابلايدىغان چۈشكۈن كەيپىياتى بىلەن بىر قىسىم رەھبىرى كادىرلاردا ساقلىنىپ كېلىۋاتقان شۆھرەتپەرەسلىك، پۇلپەرەسلىك، ئاچۆزلۈك، كۆيۈمسىزلىك، ئىنسانسىزلىق، مېھىرسىزلىق، غۇرۇرسىزلىق، ۋاپاسىزلىق، شەخسيەتچىلىك، پارىخورلۇق، مەنپەتپەرسلىك، چىرىكلىك، شەھۋانىيلىق، رەھەتپەرەسلىك، ئىسراپخورلۇق، مەسئۇلىيەتسىزلىك، تۇترۇقسىزلىق قاتارلق ئادىمىيلىككە يات ئىللەتلەر بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ھوقۇق پۇل سودىسى، ئەيىش-ئىشرەت قوغلىشىش، ئومۇمنىڭ مال-مۈلۈكىگە خىيانەت قىلىشتەك ناچار ئىللەتلەرنى قاتتىق قامچىلانغان. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ساقلىنىۋاتقان شەكىلۋازلىق خاھىشلىرىنى كۈچلۈك تەنقىد قىلغان.

  تەكشۈرۈپ تەتقىقى قىلىش توغرا ۋە ئېنىق بولغان چۈشەنچىگە ئېرىشىشنىڭ باش مەنبەسى. رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ موھىم ئۇسۇلى. توغرا سىياسى تەدبىر بەلگىلەشتىكى بېسىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك يول. پەقەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بارغاندىلا، ئاندىن ھەققىي ئەھۋالنى ئىگىللەپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىسىنى توغرا يەكەنلەپ، توغرا بولغان سىياسەت بەلگىلەشكە شەرت-شارائىت يارىتىپ، تەدبىر بەلگىلەشتىكى پەرق ۋە يولغا قۇيۇش جەريانىدىكى مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى قول ماتېرىيال تەييارلىقى بولىدۇ. شۇڭا، رەھبىرى كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.

  ئاپتۇر، «تەتقىق قىلىش» ناملىق ھېكايىسىدە، 30 نەچچە ئادەمدىن تەشكىل تاپقان تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ مەلۇم كەنتتىكى يەپ ئىچىش، بۇزۇپ چېچىش، ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشكە ئىنتىلمەسلىك، دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ ئىنكاسلىرىغا قۇلاق سالماسلىق، ئاممىنى قوپاللىق بىلەن بېسىش، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەسلىك، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكمەسلىك، ئاممىنى ئالداش، ئاممىدىن ئايرىلىپ قېلىش، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئامما مۇناسىتىنى يىراقلاشتۇرش، يالغان سان-ساناقلارغا ئالاھىدە ئېتىبار بېرىش، يوقۇرىنى گوللاش، تۈۋەننى ئالداشتەك ناچار خىزمەت ئىستىلى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ئاممىۋىي خىزمەتنى ياخشى ئىشلەشنىڭ زۈرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

  «ئۇلاش» ناملىق ھېكايىسىدە، ھاراقكەشلىك ئەۋج ئالغان مەلۇم ناھىيە بازىرىدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر قاتلىمى بولۇپمۇ ياشلارنىڭ چۈشكۈنلىشىشى، غايىسىزلىشىشى، ئەقىدە-ئېتىقادىنى يوقۇتۇشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن مەنىۋىي پاجىئەلەر يۇرۇتۇلغان. بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ كەلگەن بۇ كۈلپەتلەر ئارىسىدىن ئويغىنىشقا باشلىغان ئىجتىمائىي ئاڭنىڭ كۈچىيىشى بۇ ئەسەرنىڭ بەدئىي مۇۋاپىقىيىتى ھېسانلىنىدۇ.

  ئۈچ پارچە نەسىرنىڭ جۇلاسى

  توپلامغا يازغۇچنىڭ ئۈچ پارچە نەسىرى كىرگۈزۈلگەن. نەسىرلەردە ئادەملەرنى يېزىشقىمۇ، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى يېزىشقىمۇ، مەنزىلەرنى، ماددىي نەرسىلەرنى يېزىشقىمۇ،سۇبيېكتىپ دۇنيانى ئىپادىلەشكىمۇ بولىدۇ. نېمىلا يېزىلىشتىن قەئىينەزەر ئاپتۇرنىڭ قايناپ تۇرغان ھېسسىياتى، مۇل تەسەۋۋۇرى، ئوبرازلىق تەپەككۇرى لىرىك ئوبراز دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشى، ئەدەبىياتنىڭ قائىدە-پىرىنسىپلىرى ئاساسىدا سەنئەتلەشتۇرۇلۇشى لازىم. ئۆزىنىڭ قىسقا سەھىپىسى، جانلىق، ئوبرازلىق تىلى ئارقىلىق خىلمۇ-خىل ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ تۇرمۇشنى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈشى، ئوقۇمەنلەرگە كۈچلۈك ئىستېتىتىك تۇيغۇ بېرىشى لازىم.

  يازغۇچىنىڭ «ھايات ۋە قەدەم» ناملىق نەسىرىدە مەنزىرە تەسۋىرى بىلەن كۈچلۈك لىرىك ھېسسىيات، تۇرمۇش پەلىسەپىسى بىلەن جۇشقۇن كەيپىيات، يۈكسەك مەسئۇلىيەت بىلەن كەلگۈسى ھايات ئوتتۇرىسىدىكى مەنتقىيلىق باغلىنىش ئارقىلىق تەلەپچان ئانىغا بولغان چەكسىز مۇھەببەت ۋە ھۆرمەت، بالىنىڭ ئىستىبالىغا بولغان ھەقىقىي ئىشەنچ ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان ھەمدە ھايات ھەققىدىكى پەلىسەپىۋىي ئويلىنىشلار، مەزمۇت بېسىلغان قەدەملەردىن چاچرىغان ئۈمىدلىك ئۇچقۇنلاردىن ھاسىل بولغان گۈزەل مەنزىرىگە بولغان تەلپۈنۈشلىرى ئوتتۇرىغا قۇيۇلغان.

  «ۋىجدان ئىلتىجاسى» يازغۇچنىڭ بەدئىي بالاغىتىنى، تىل پاساسىتىنى، پىشقان قەلىمىنى، كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى، كىشىلىك ھاياتقا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى، مول تۇرمۇش تەجرىبىسىنى، گۈزەللىككە بولغان چەكسىز ئىنتىلىشىنى، مۇپەسسەل ئەخلاق قارىشىنى، جەمئىيەت ئىشلىرىغا ئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى، تىنىمسىز ئىزدىنىشتەك پىداكار خىسلىتىنى نامايان قىلىپ تۇرىدىغان ئېسىل ئەسەر.

  ئەسەردە ئەخلاق مەسىلىسىنى تۇتقا قىلغان ھالدا كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي ئۆزگىرىشلىرى، ئىجتىمائىي كىرزىس ئېلىپ كەلگەن پاجىئەلىرى، ۋاپاسىزلىق، ئىنساپسىزلىق، شاللاقلىق ئىللەتلىرى پەيدا قىلغان ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر، ئائىلە، تويلىشىش، مۇھەببەتكە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىكلەر، كۈنسېرى سۇسلىشىپ بېرىۋاتقان ئەقىدە-ئېتىقادلار، پايدا-مەنپئەت ئۈستىگە قۇرۇلغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر، ئەسلىي ماھىيىتىدىن يىراقلىشىپ كەتكەن ئەرلىك جاسارەتلەر، چۈشكۈنلىشىپ كېتىۋاتقان ئاياللار دۇنياسىنىڭ غېرىپ ھالەتلىرى چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلىنغان. ئەسەردە مۇنداق ھىكمەتلىك جۈملىلەر بار: «ئىمان-ئېتىقاد، ئەخلاق-پەزىلەتنى ھاياتلىق مىزانى، ئۆز ئائىلىسى، ئۇرۇق-تۇغقان، قولۇم-قوشنا، ئۆز قوممىغا خالىس ياخشى ئىش قىلىشنى ئادەت قىلغان، ماڭىلا بولسا دەيدىغان شەخسيەتچىلىكتىن دادىل قول ئۈزۈپ، ئاۋامنىڭ پايدىسى ئاساىدىكى بىرلىك، ھەمدەملىكتىن ۋە بۇ ئارقىلىق كەلگەن نەتىجىدىن شادلىق تاپالايدىغان، غۇرۇر، ۋىجدان بىلەن ياشاپ، ئۆلۈپ كەتكەندە باشقىلارغا ئۆز قەدرىنى ھېس قىلدۇرالايدىغان كىشىنىڭ نامى ئۆلمەيدىكەن. ئىككىلا ئالەم يۈزى يۇرۇق بولىدىكەن، شۇنداق كىشىلىرى كۆپ مىللەتنىڭ كەلگۈسىمۇ يۇرۇق بولىدىكەن»دېگەن بۇ ھەقىقەتنى ئاخىر تۇنۇپ يەتتىم. تېخىمۇ چوڭراق جەھەتتىن چۈشەنسەم، جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندىمۇ ئەخلاق-پەزىلەت بارلىق گۈزەللىك، ئىزگۈلۈك، بەخت-قۇتنىڭ مەنبەسى؛ ئەخلاقسىزلىق، بەدنىيەتلىك بارلىق چىركىنلىك، ئىپلاسلىقنىڭ مەنبەسى ئىكەن. بۇزۇلۇش ئەڭ ئاۋال ئەرلەرنىڭ روھىيىتىدىن، ئەجدادلارنىڭ گۈزەل ئەنئەنىلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىشتىن باشلىنىدىكەن. ئاندىن ئەرلەرنىڭ سۆز ھەرىكىتىدە بەد قىلىقلىق، بەدنىيەتلىك ئەۋج ئېلىپ، ئاياللار ئارقىلىق پۈتۈن جەمئىيەتكە يامرايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن مىللەتنىڭ ئانىلىرى بولغان قىز-ئاياللارنىڭ نەرقى-ناۋاسى، ئاياللىق ئالتۇن ئۈزۈكىنىڭ ياقۇت كۆزى ـ قىز-ئاياللىق ئىپپىتى سېسىق سامانغا تېگىشكۈسىز بولىدىكەن. خۇدى لوت ئەللەيھىسسالامنىڭ قوۋمىدەك ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق قاپلىغان زاۋالىققا يۈز تۇتقان بۇنداق جەمئىيەتتە بۇزۇقچىلىق ۋە پاسىقلىق كەلگۈسىنىڭ ئەۋلاتلىرى بولغان بالىلارغىمۇ ئۆز مىكروپلىرىنى يۇقتۇرىدىكەن. بالىلار قولدىن كەتتى تېگەنلىك پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرى قولدىن كەتتى دېگەنلىك ئىكەن.» بۇ بۇ مۇلاھىزىلەردىن ئاپتۇرنىڭ چوغدەك يۈرىكىنى كۆرگەندەك بولىمىز، سۆيۈنىمىز، ئىپتىخارلىنىمىز، ھاياجانلىنىمىز.

  «تىلەمچى» ناملىق نەسىر يوقۇرى بەدئىي ماھارەت بىلەن يېزىلغان پەلىسەپىۋىي نەسىر.

  چىنلىق ئەدەبىي ئاخباراتنىڭ جېنى

  توپلامغا يازغۇچىنىڭ (دولاندىكى «يىگىتبېشى») ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى كىرگۈزۈلگەن.ئەدەبىي ئاخبارات ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا نىسبىتەن ياش ژانىر، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئوقۇرمەنلەرنى ئۆزىگە جەلب قىلىپ قىلىپ تۇرغان، رېئال شەخسلەرنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى ھەم ئەدەبىي ھەم ئاخبارات خاراكېرىدە ئىپادىلەپ، دەۋر مېلودىيىسىنى ياڭرىتىپ، كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغىتىپ، كىشىلەرنى پارلاق كەلگۈسىگە يېتەكلەيدىغان جەڭگىۋار ژانىر.

  دولاندىكى «يېگىتبېشى» دەپ نام ئالغان ئېزىز ئابلىز ئاۋات ناھىيەسىدىكى ئاتاقلىق خەلق سەنئەتكارى، خەلق سەنئەتكارلىرېىنىڭ باشپاناھى، دولان-مەشرەپ مۇقاملىرىنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىسى، ئاكتىپ تارقاتقۇچىسى، دولان مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچىنى تولۇق نامايان قىلغۇچى، دولان مەدەنىيىتىنىڭ سادىق قوغدىغۇچىسى. كۆزگە كۆرۈنگەن ئاكتىيور، مۇنەۋۋەر ئارتىس، داڭلىق يەرلىك سەنئەت تەشكىللاتچىسى. «پاختا شەھرى ئاۋاتتا-مەشرەپ» پىروگىراممىسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن «يىگىتبېشى».

  ئېزىز ئابلىزنى يەتتە ياشتىن يەتمىش ياشقىچە ھەممە ئادەم تۇنۇيدۇ. چۈنكى بۈگۈنكى زامان ئاۋات دولان مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىيات جەريانى، ئاۋاتلىقلارنىڭ مەنىۋىي قىياپىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر، يېڭىلىنىشلار، ئۆسۈشلەر ئۇنىڭ جاپالىق ئەجرىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئاۋاتتا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن يۇرت ئايماق، ئۇ ئىچىپ باقمىغان مۇسەللەس، قايماق يوق. ئۇ ھەممىنىڭ كۆڭۈل تۆرىدە ھۆرمەتلىك، ئىززەتلىك، ئۇ بارلىقى جايدا دولان-مەشرەپ مۇقۇملىرى تولىمۇ قەدىرلىك.

  ئەدەبىي ئاخباراتتا يېزىلغان ئېزىز ئابلىز قانداق بولسا، رېئاللىقتىكى ئېزىز ئابلىزمۇ دەل شۇنداق. يازغۇچى ئىستېتىكا ئىلىمىنىڭ چىنلىق، ياخشىلىق، گۈزەللىك پىرىنسىپىغا قاتتىم ئەمەل قىلىپ، ئەسەردىكى ئېزىز ئابلىزغا سۈنئىي بۇياق بېرىشتىن ساقلىنىپ، ئەسەر پىرسۇناژىنى شۇنچىلىك ئىشەنچىلىك قىلىپ يېزىپ چىقان. مەن ئېزىز ئابلىزنىڭ بىر نەچچە بالىسىغا دەرس بېرىپ باققان. دادىسىكى ئەخلاق-پەزىلەتنى پەرزەنتلىرىدە كۆرۈپ خۇرسەن بولغان ئىدىم.

  ئەسەردىكى ھەقىقىي ئۇچۇرلارغا نەزەر سېلىپ باقايلى:

  △2002-يىلى10-ئايدا ئېزىز ئابلىزنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ناھىيەلىك ئەلئىچى سەنئەت ئۆمىكى ئاپتونوم رايۇن بويىچە ئاقسۇ ۋىلايىتىدە (جەنۇبىي شىنجاڭ دائىرىسىدىكى ئالتە ۋىلايەت، ئوبلاست) ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئەسىر تۇنجى نۆۋەتلىك دېھقان-چارۋىچىلار سەنئەت كۆرىكى»گە قاتنىشىپ ئورۇنلاش مۇكاپاتى، يېتەكلەش مۇكاپاتى، ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشىپ، ئۈرۈمچى خەلق تىياتېرىدا تاللانغان نۇمۇرلار قاتارىدا قايتا كۆرسىتىلدى.

  △2005-يىلى 5-ئايدا ئېزىز ئابلىزنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئالئىچى سەنئەت ئۆمىكى ۋۇشى شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن مەمىلكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر سەنئەت بايرىمىدا «دولان ناۋاسى» مۇقامىنى ئورۇنلاپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. شۇ يىلى 10-ئايدا جۇڭگۇ تەيۋەن رايۇنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «مۇزىكىنىڭ ئىزاھى ۋە ئۆزگىرىشى» تېمىسىدىكى «2005-يىللىق خەلقئارا مىللىي مۇزىكا ئىلمىي مۇھاكىمە مۇنبىرى»دە 10 نەچچە دۆلەت ۋە رايۇندىن كەلگەن ئالىم مۇتەخەسسىلەر، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ شۇنداقلا بۇ پائالىيەتىن كېيىن، يەنە شىياڭگاڭ ، بېيجىڭلاردا زور ھاياجان، ئىشتىياق بىلەن دولان مۇقاملىرىنى ئورۇنلاپ. ئۇلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

  △2006-يىلى 9-ئايدا ئېزىز ئابلىزنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ناھىيەلىك ئەلئىچى سەنئەت ئۆمىكى ئاپتونوم رايۇنلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ئاپتونوم رايۇن بويىچە تۇنجى نۆۋەتلىك ئەلئىچى سەنئەت بايرىمىدا «زىل باياۋان مۇقامى»نى ئورۇنداپ «ئالتۇن داپ» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  △2006-يىلى 9-ئايدا ئېزىز ئابلىزنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ناھىيەلىك ئەلئىچى سەنئەت ئۆمىكى مەركىزىي تېلىۋېزىيە ئىستاسىسى، جۇڭگۇ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتى، جۇڭگۇ مۇزىكانتلار جەمئىيىتى بىرلىكتە تەشكىللىگەن «جۇڭگۇ مىللەتلەر ئەلئىچى ناخشا ئۇسسۇل كاتتا كۆرىكى»دە تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىگە ئېرىشتى.

  △2007-يىلى 10-ئايدا مۇناسىۋەتلىك كەسپىي تارماقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ماددىي ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن ياردەم بېرىشى بىلەن ئېزىز ئابلىز باشچىلىقىدىكى مەدەنىيەت يۇرتىدىكى خادىملارنىڭ يېزا-كەنتلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ جاپالىق ئەھۋال ئىگىللەش، توپلاش، دەلىللەش. تۈر قىلىپ يوقۇرىغا يوللاش ئەمگىگىنىڭ نەتىجىسى بولغان ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مۇسەللەس ئىشلەش سەنئىتى، دولان مۇقامى سەنئىتى، دولان راۋابى سەنئىتى، دولان مەشرىپى قاتارلىق تۆت تۈر ئاپتونوم رايۇن دەرىجىلىك غەيرىي ئېغىزاكى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىنىڭ تۇنجى تۈركۈمدىكى تۈرلەر مۇندەرىجىسىگە كىرگۈزۈلدى.

  △2008-يىلى 4-ئايدا يوقۇرىقى تۆت تۈر ئىچىدىن ئاۋات ناھىيەسىنىڭ دولان مەشرەپلىرى دۆلەت دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان غەيرىي ئېغىزاكى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى.

  △2009-يىلى 2-ئايدا ئاۋات دولان دېھقان رەسساملار ئەسەرلىرى شىنجېندا كۆرگەزمىگە قۇيۇلۇپ 19 پارچىسى 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا، ئېزىز ئابلىز مۇنەۋۋەر تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

  «شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»نىڭ جۇلاسى

  «شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار»-يازغۇچىنىڭ توپلامدىكى بىردىن-بىر پوۋىستى. پوۋىستتا مۇھەببەت، تويلىشىش مەسلىسىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق جەمئىيىتىمىزدىكى بولۇپمۇ كارخانىلاردىكى نېگىزلىك مەسىلىلەر تولىمۇ مھارلىق بىلەن يۇرۇتۇلۇپ بېرىلگەن. مۇھەببەتنى يادرو قىلغان ھالدا تۈركىزات بىلەن ئايتولۇنغا ئوخشاش ياشلارنىڭ قايناق مۇھەببەتلىك ھاياتى، ئايدىڭ كېچىلەردىكى شېرىن ئەستىلىكلىرى، بېرىشكەن يالقۇنلۇق ۋەدە-قەسەملىرى، ئەنئەنىۋىي تويلىشىش قاراشلىرى تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئائىلە كىرزىسى، مۇھەببەتلىك قەلبلەرنىڭ شەلۋەرەپ تۇرغان جاراھەتلىرى، تاسادىبىيلىق بىلەن تولغان ھايات قىسمەتلىرى، بىر مەزگىللىك كۆڭۈلسىزلىكلەردىن كېيىن پەيدا بولغان جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ، ئەمىدۋار روھى ھالەتلىرى بايان قىلىنىش بىلەن، ئۆزىنى تۇنجى مۇھەببەت كوچىسىدا سەرسان قىلغان، ئەمما، ئالەمنى، تەبىئەتنى، ئىنساننى....ھەممىنى سۆيۈشنى ئۆگەتكەن، خۇددى تەمبۇرنىڭ دەستىسىگە قونغان بۇلبۇلدەك بىر لەھزە سايراپ قۇيۇپلا پۇررىدە ئۇچۇپ كەتكەن تۇنجى مۇھەببەتنىڭ تەسىرلىك قىسسىلىرى بايان قىلىنغان.

  ئەسەردە يەنە، تۈركىزات بىلەن ماھىنۇر ئوتتۇرسىدا پەيدا بولغان شېرىن مۇھەببەت قايناملىرى، كىشىنى قەلبىنى لال قىلىدىغان ۋىسال دەقىقىلىرى، ئەقىلنى نابۇت قىلىپ ھېسسىياتنى جۇلالاندۇرغان شەيتان تۇيغۇلىرى، چالا مەسلىكتىكى روھىي دۇنيانى بۇلغاشلاردىن ھاسىل بولغان پۇشايمانلىق كەچۈرمىشلەر ۋە شۇلارغا ئۇلىنىپ كېلىۋاتقان كارخانا باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكى، تىجارەتتىكى يۇچۇقلارنىڭ كۆپلۈكى، تۈزۈمنىڭ بوشلۇقى، كارخانا باشقۇرغۇچىلارنىڭ تۈرلۈك تەمىناتلاردىن ئۆز مەيلىچە بەھىرمەن بولۇشى، پارىخورلۇق، چىرىكلىك ھادىسىلىرىنىڭ يامراپ كېتىشى تۈپەيلىدىن ھاسىل بولغان نامۇۋاپىق ئىجتىمائىي كەيپىيات كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجئىەلەر، تۈركىيزاتنىڭ تۈرمىگە تاشلىنىشى، ماھىنۇرنىڭ قېچىپ كېتىشى، ئايتولۇننىڭ زاكىردىن ئاجرىشىپ كېتىشى، قەيسەرنىڭ تۈركىزاتنى تۈرمىگە يوقلاپ كېلىشى، ئايتولۇن بىلەن تۈركىيزاتنىڭ قايتىدىن مۇھەببەت قوينىغا قايتىپ كېلىشى، كۈنسېرى ياخشىلىۋاتقان ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ كىشىلەرنىڭ روھى دۇنياسىنى ئۆزگەرتىشى، ئائىلە، مۇھەببەت، تويلىشىش ئىشلىرىنىڭ ئوڭۈشلۇق بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىشى ئەسەرنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

  ئەسەردىكى تۈركىزات ئوبرازى بىر قەدەر مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان، روشەن خاسلىققا ئىگە قىلىنغان. ئۇ كۆكچېقىل دەپ ئاتىلىدىغان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى بىر دېھقانچىلىق مەيدانىدا ئىتتىپاق كادىرى بولۇپ ئىشلەيتى. خىزمەتتىكى تىرىشچانلىقى، ئاقكۆڭۈل، ئوچۇق-يۇرۇق مىجەزى بىلەن باشقىلارغا ياخشى تەسىر بەرسىمۇ، ئەمما مۇشۇ ئوچۇق-يۇرۇقلۇق ئىچىگە يۇشۇرۇنغان، نېمىشقا شۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئۆزىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەيدىغان، ئىزتىراپ ئىچىدىكى غەمكىنلىككە ئوخشاپ كېتىدىغان تەگسىز بىر ئازاپ ئۇنى تىنىمسىز قىينايتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇنىڭ مەنىۋى دۇنياسىدا ئاپرىدە بولغان ۋىسال ئالىمىدىكى چىجران چۆلىدە ئۈنسىز سىردىشىپ كېلىۋاتقان غايىبانە قىزغىمۇ، ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان نامەلۇم بىر سىرلىق ئالەمگىمۇ، روھ تۇمانلىرىدا يۇلقۇنۇۋاتقان، ئۇپۇق چەكسىزلىكىدىن ئۆزىگە ھىدايەت ئىزدەپ، بەرق سەيازلىقىدا ئېچىرقاۋاتقان جەسۇر بىر يۇلقۇنۇشقىمۇ، ئىشقىلىپ ئۇنىڭ ئىنتىلىۋاتقان، ئىزدەۋاتقىنىمۇ ئوخشاشلا بىر گىرىمسەن چۈش ئىدى. ئۇ مانا مۇشۇنداق بىر دۇنيادا ياشايتى، كۈلەتتى، يىغلايتى، قەلبىنى تىنىمسىز تاتىلايدىغان بۇ چىدىغۇسىز ئەسەبىي ئىستەك ۋۇجۇت قىرغاقلىرىغا نەرە تارتىپ ئۇرۇلغان چاغلىرىدا ئۇنىڭ سىرداش قەلىمى ئۆزلۈكنى ئىپادىلەش باياۋانلىرىدا ئاساۋ ئاتتەك چېپىشقا باشلايتى. ئۇ ئايتولۇنغا ئاشىق ئىدى. ئۇ قىزنى قانداق ئىزدەشنى، نەدىن تېپىشنىمۇ بىلمەيتى، ئەمما ھامان تاپالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى.

  ئايتولۇن بىر تۇرمۇش قىزى ئىدى. كىتاپ ئوقۇشقا ئالاھىدە ھېرىسمەن، پىكىر يۈرگۈزۈشكە جۈرئەتلىك، دۇنياغا، ھاياتقا يۈكسەك ئىشەنچ بىلەن قارايدىغان، ئەقىللىق ئەجدادلىرىنىڭ تىرىشقان روھىنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان، قائىدە-يوسۇنغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدىغان، كىشىلىك قەدرى-قىممىتىنى ساقلايدىغان، غۇرۇر ۋە ۋىجدان بىلەن ياشايدىغان، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئېتىبار بىلەن قارايدىغان، خىزمىتىنى قىزغىن سۆيىدىغان، تىرىشىپ ئۆگىنىدىغان، ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىگە قىزغىن مۇھەببەت باغلىغان، ئوقۇتقۇچىلىقنىڭ بۇرچ ۋە مەسئۇلىيىتىگە شۇنداقلا مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئورنى ۋە رولىغا بولغان چۈشەنچىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان، ھاياتنىڭ ھۇزۇرىنى خىزمەتتىن ئىزدەيدىغان پىداكار قىز. ئەمما بۇ قىز ئەنئەنىۋىي تويلىشىش قاراشلىرىنىڭ بۇيۇنتۇرۇقلىرىغا بويسۇنۇپ، تويلىشىش ئىشىدا بەختسىز بولۇپ قالىدۇ.

  تۈركىزات تۈنجى مۇھەببەتنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرى تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل روھى تەڭپۇڭلۇقىنى يوقۇتۇپ، ھاياتقا، دۇنياغا، تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىسىنى ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. مۇشۇنداق بىسەرەمجانلىق ئىچىدە ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا ماھىنۇر ئىسىملىك بىر چوكان باستۇرۇپ كېرىدۇ. بۇ چاكاننىڭ مۇھەببىتى تۈركىزاتنىڭ ئېچىرقاپ كەتكەن مەنىۋىي تەشنالىقىنى مەلۇم دەرىجىدە تەسەللى تاپقۇزىدۇ. ماھىنۇر ساختا تالونلارغا تامغا باستۇرۋالىدۇ، تۈركىزات ئۆزىنىڭ كىشىلىك تامغىسىنى ماھىنۇرغا بېسىشقا ئۈلگۈرىدۇ. پاجئىە مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. تۈركىزات تۈرمىگە كېرىدۇ. ماھىنۇر كارخانىدىن قېچىپ كېتىدۇ. تۈرمە ھاياتى تۈركىزاتنىڭ ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ، پىسخىكىسىنى تەڭشەيدۇ، كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە ھەققىي دەرسلەرنى مۇشۇ يەردىن ئالىدۇ. تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن، دوستى قەيسەرنىڭ خالىس ياردەملىرى نەتىجىسىدە، بېزەكچىلىك دۇكىنى ئېچىۋالىدۇ. بېزەكچىلىك دۇكىنىنىڭ ئىشلىرى بارغابسېرى روناق تاپىدۇ، ۋىۋىسكا، تەشۋىقات تاختىلىرى، رامكىلىق قائىدە-تۈزۈم، لوزۇنكا قاتارلىقلارنى ئىشلەشتىن باشقا توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ باغاقلىرى ۋە باشقا ماتېرىياللارنى ئۇرۇش، بېسىش، سېپىرلىق ئاپپاراتتا رەسىم تارتىپ چوڭايتىش قاتارلىق ئىشلارنى ياخشى قىلىپ ھاجەتمەنلەرنىڭ يوقۇرى باھاسىغا ئېرىشىدۇ.

  تۈركىزاتنىڭ تىجارىتى تازا گۈللىنىۋاتقان، جەمىئيەتتىكى ئىززەت-ئابرويى قايتا تىكلىنىۋاتقان، ئىگىلىكى جانلىنىۋاتقان، ئىلگىرىكى ھاقارەتلىك تۇرمۇش مۇساپىسى تامامەن ئۇنتۇلۇپ، شەپەق لېۋىدىكى ئارمانلار جۇلالاپ تۇرغان پەيتتە ئايتولۇن تۈركىزاتنىڭ تۇرمۇشىدا قايتا پەيدا بولىدۇ. زەردەپ كۆڭۈللەر مېچرى مۇھەببەت بىلەن يۇيۇلىدۇ، ھىجران داغلىرى يوقۇلىدۇ. ئىشقى مۇھەببەتنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تولۇق نامايان بولىدۇ:

  سېنى كۆرسەم دائىم دىلدا ھۇقۇقۇش،

  نە سىر بار بىلمىدىم تىترەپ كېتەر تەن،

  ئوتۇڭدا تاۋلىنىپ، بولغاندا ئاشىق،

  سۆيگۈمىزگە ئىزدەيمەن گۈزەل بىر ۋەتەن.

  ئۇيقۇسىز تۈنلەر بىر-بىر چۈشىدۇ ئەسكە،

  ئاچچىق ھىجرانلاردا شاھانە لەززەت.

  سۆيسەڭ تىرىلگەنمەن ئوتلۇق نەپەستە،

  مانا شۇنىڭ ئۆزى بۈيۈك مۇھەببەت.

  تەنھا، جىمغۇر بىر روھ سىڭدى قەلبىمگە،

  دىلدا ھەسرەت، ئارمان، ھىجران ۋە ۋىسال.

  نەدە يۈرەي مېنى قويماي ئەركىمگە،

  ئىشقىڭ قىينايدۇ ئېھ، ئوماق ئايجامال.

  سەن ئىسمىڭ كەبى قەلبىمدىكى ئاي،

  سەنسىز سۈكۈت ئىچىدە قاراڭغۇ كەچمەن.

  مەيلى كۈتۈش ئىچرە بولساممۇ بوۋاي،

  سۆيگۈڭ ئۈچۈن ئۆچمەس ئوتمەن، ئاتاشمەن.

  دېمەك، قايتا ۋىسال تاپقان مۇھەببەت ياشلارنىڭ بەختىيار تۇرمۇشى ئىچىدە ئەسەر ئاياغلىشىدۇ. كۆڭۈلگە گۈزەل ئارزۇ-ئۈمىدلەرنى پۈككەن، كەلگۈسىگە ئىشەنچ-جاسارەت بېغىشلايدىغان، يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالىدىغان مۇنداق مەنىۋى كەيپىياتنىڭ ئەسەردە يارىتىلىشى يازغۇچىنىڭ پىشقان قەلىمىنىڭ تولۇق ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟

  يازغۇچى پىرسۇناژلار ئوبرازىنى تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ياراتقان.ئەسەر پىرسۇناژلىرىنىڭ خاراكتېرىگە دەۋر روھىنى چوڭقۇر كۈچلۈك سىڭدۈرگەن، ئۆزگىرىۋاتقان زاماننىڭ ماھىيەتلىك قانۇنىيەتلىرىنى ماھىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بەرگەن. بىز بۇ نوقتىنى تۈركىزاتنىڭ ئىدىيىۋىي ئىپادىلىرى، مۇھەببەت قاراشلىرى، خىزمەت، تۇرمۇش، ئۆگىنىشكە تۇتقان پوزىتسىيەلىرى، ھەر خىل خىزمەت مۇھىتىدىكى دۇنيا قاراشلىرى، كىشىلىك قاراشلىرى، قىممەت قاراشلىرىدىن تېخىمۇ روشەن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.

  توپلامغا كىرگۈزۈلگەن ھەر بىر پارچە ئەسەر يەكسەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ تۇيغۇسىدا يېزىلغان. ھەر بىر پارچە ئەسەرگە كۈچلۈك دەۋر روھى سىڭدۈرۈلگەن. ھەر بىر پارچە ئەسەردىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى تولىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك يارىتىلغان. ئەسەرنىڭ تۇرمۇش چىنلىقى ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، يەرلىك خۇسۇسىيەت، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلگەن، پىرسۇناژلارنىڭ ئىدىيىۋىي ھېسسىياتى يوقۇرى ماھارەت بىلەن سەنئەتلەشتۈرۈلگەن.

  بايانچى تىلى بىلەن پىرسۇناژ تىلى، تاشقى تىل بىلەن ئىچكى تىل، مۇناسىۋەت تىلى بىلەن زاغرا تىل، يەرلىك بىلەن بىلەن ئومۇمىي تىل ئورگانىك بىرلىككە ئىگە قىلىنىپ، تىل سەنئىتى ھېسابلىنىدىغان ئەدەبىيات ئىلىمىنىڭ تىل جەھەتتىكى سېھرى كۈچى ئالاھىدە ئاشۇرۇلغان. پۈتۈن توپلامدىكى ئەسەرلەرنى بىر-بىرلەپ ئوقۇپ، ئۇنىڭدا ئىشلىتىلگەن سۆزلەرنى بىر-بىرلەپ ئىستاستىكا قىلىدىغان بولسا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان نەتىجىگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن. چۈنكى، ھەر بىر پارچە ئەسەردىن ئەدەبىي جانلىق بىلەن ئەدەبىي يېزىق تىلنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىنى بايقاپلا قالماستىن، بەلكى، يەرلىك دىيالىكېت ۋە شېۋە سۆزلىرىنىڭ بىر قەدەر كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئەسەرلەرنىڭ ئىدىيىۋىي مەزمۇنىنى ئىپادىلەش، مۇھىتنى گەۋدىلەندۈرۈش، پىرسۇناژلار خاراكتېرىنى يۇرۇتۇش، دەۋر روھىنى يۇرۇتۇش، زاماننىڭ ئۆزگىرىش قانۇنىيەتلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش، كىشىلەرنىڭ ئىدىيىۋىي توقۇنۇشلىرىنى، قەلب دىيالوگلىرىنى ئېچىپ بېرىش جەھەتتە مۇھىم رول ئوينىغان. توپلامدىكى ئەسەرلەرنى ئۆگىنىش، تەتقىق قىلىش-نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىمىزنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى بىلىش ۋە چۈشىنىشتە بىزنى قىممەتلىك بەدئىي ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  ئاقسۇ ئەدەبىياتى ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 3-سانىدىن ئېلىندى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر