باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كۆرۈپ كەتكىن خالايىق

(راۋاب قوشىقى)

2015.12.04 17:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

تۇرسۇنجان ھەسەن (ئاۋات ناھىيەلىك تەشۋىقات مەركىزىدىن)

 

قەدىم تارىم بويىدا،

توزدەك گۈزەل ئاۋات بار.

خەلقى باتۇر، ئەمگەكچان،

چاينايدىغان ناۋات بار.

 

ماكان بولغان غولتوغراق،

ئۆچمەيدىغان ئىزى بار.

جۇشقۇن مۇقام ياڭرىتىپ،

كۈيلەر ئوغۇل-قىزى بار.

 

مىراس قالغان ئەجدادتىن،

«دولان» ئاتلىق مۇقام بار.

خۇنۈك روھنى يۇرۇتقان،

ئەقىلدارغا بىر شام بار.

 

قايناق مەشرەپ-سەنەمدە،

چەكسىز روھى ئۇزۇق بار.

ئەدەبسىزنى قامچىلاپ،

باغلايدىغان قۇزۇق بار.

 

زېرەك ئەۋلاد ئۆگىنەر،

ھەر خىل سەنئەت تۈرى بار.

ئايان بولار گۈزەللىك،

بىراق سېھرى-سۈرى بار.

 

ناخشا-ئۇسسۇل كانى دەپ،

يېزا-قىشلاق ئېتى بار.

ئۇزاق ئۆتمۈش زاماننىڭ،

بىزگە ئىسپات خېتى بار.

 

قانات يېيىپ ئىسلاھات،

ھۆسىن قوشتى ئاۋاتقا.

نامرات خەلق ئېرىشتى،

قۇۋناق يېڭى ھاياتقا.

 

ئېشىپ باردى يىلمۇ-يىل،

مايلىقدان ھەم ئاشلىقى.

ئىگە بولدى ھۆرمەتكە،

يېزا-كەنت باشلىقى.

 

ھۇسۇل ئېلىپ پاختىدىن،

ئۆتتى ئالدىن قاتارغا.

ئىگە بولدى پاختىكار،

تۇرمۇشقا خاس باھارغا.

 

چارۋا-ماللار ئاينىدى،

كەڭ بولغاچقا يايلىقى.

بولدى ئىلىم-مەرىپەت،

دېھقاننىڭ زور بايلىقى.

 

ئاۋات خەلقى بېيىدى،

ئىشقا ھالال تەر تۆكۈپ.

ئاسان بولدى مۈشكىلات،

ئەلگە قۇلدەك تىز پۈكۈپ.

 

ئاۋات خەلقى ئۆستۇردى،

پەم-پاراسەت ئېڭىنى.

ياساپ چەقتى چىرايلىق،

سەھەر كەلگەن تېڭىنى.

 

ئاۋات دېگەن گۈزەل يۇرت،

ئىسمى-جىسمىغا لايىق.

ئەلدە جەننەت ئىزدىسەڭ،

كۆرۈپ كەتكىن خالايىق.

 

ئاۋات خەلقى مېھماندوست،

ئۇچۇق-چىراي، كۆڭلى كەڭ.

ماكان تۇتقاچ بەرىكەت،

بەخت-ئامەت يوقلار ئەڭ.

 

تېتىپ كۆرگىن مۇسەللەس،

دېگەن چاينىڭ تەمىنى.

دەردمەن بولساڭ ئۇنتۇيسەن،

مەس بولغاندا ھەممىنى.

 

كۆرۈپ كەتكىن خالايىق،

گۈزەل ئاۋات چېھرىنى.

سۆيۈندۈرەر يۇرت خەلقى،

تۆكۈپ دىلدىن مېھرىنى.

 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر