باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئىككى رومكا قويمامسىز ئوتلاپ؟

تۇرسۇنجان ھەسەن (ھەزىل)

2015.12.03 16:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

مېھمان بولۇپ كەپسىز ئاۋاتقا،
ھەۋەس قىلىپ قايناق ھاياتقا،
مېھىر بېرىپ سالغان ناۋاتقا،
ئىككى رومكا قويمامسىز ئوتلاپ؟

ئاتا قىلىپ كۆڭۈلگە شادلىق،
كۈلۈپ گۈزەل دۇنيادا تاتلىق،
بولۇپ جۇشقۇن روھى قاناتلىق،
ئىككى رومكا قويمامسىز ئوتلاپ؟

سايراپ تۇرار دولان راۋابى،
جانغا ھۇزۇر ئوغلاق كاۋابى،
خۇشبۇي پۇرار ئۈزۈم شارابى،
ئىككى رومكا قويمامسىز ئوتلاپ؟

مەپتۇن قىلار مەشرەپ ئۇسسۇلى،
چاپچىپ تۇرار سۆيگۈ دۇلدۇلى،
مەستخۇش قىلار ۋىسال بۇلبۇلى،
ئىككى رومكا قويمامسىز ئوتلاپ؟

ئۇنتۇپ تامام تۇرمۇش غېمىنى،
ئېلىپ ئۇلۇغ ئەلدىن كېمىنى،
قۇرۇپ مەھكەم ھايات تېمىنى،
ئىككى رومكا قويمامسىز ئوتلاپ؟


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر