ياشارغان باغلاردىن تارايدۇ ئىپار،
قوشۇلۇپ تاڭدىكى مەيىن شامالغا.
تارىمدا ئۆركەشلەر مۇقەددەس سۆيگۈ،
قۇياشتەك نۇر يېغىپ ھۆسىن-جامالغا،
ئاق ئالتۇن جۇلالار تۈمەن ناز بىلەن،
پاختىزار ئايلىنىپ كۈمۈش دېڭىزغا.
بىپايان زېمىنغا پۈتىدۇ داستان،
دېھقاننىڭ يۈرىكى ئوخشاپ ئېڭىزغا.
گىرىمسەن تۇيغۇدەك چاقنايدۇ ئۇپۇق،
ئەسىرلىك ئۇيقۇدىن ئويغىنىپ شەھەر.
ياڭرايدۇ مەرىپەت ناخشىسى جۇشقۇن،
قۇچاقلاپ دۇنيانى چىرايلىق سەھەر.
تارتىنچاق كېلىندەك ياسانغان رەستە،
ئۇقچىغان بۇلاقتەك قاينايدۇ ھايات.
باشلىنىپ راھەتلىك تەنلەردە پەرۋاز،
مۇھەببەت كۆكىدە قاقىدۇ قانات.
ئاقىدۇ تولغىنىپ ئېرىق-ئۆستەڭدە،
ئەگىزدەك دولقۇنلاپ ئېرىگەن ناۋات.
توغراقلار بارخاندا قىلىشار ناۋا،
مۇقامدا كۈيلىنەر بىزنىڭ يۇرت-ئاۋات.