باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پۇل قەرز ئېلىش سەنئىتى

2015.10.21 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  نۇرغۇنلىغان كىشىلەر پۇل قەرز ئېلىشنى ئىقتىدارسىزلىقنىڭ ئالامىتى – دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس. يۈرەكلىك ھالدا كۆپ پۇل قەرز ئالالايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپ پۇل تاپالىشى چوقۇم. چۈنكى بۇنداق كىشىلەر ئۆزىدە مەبلەغنى ئۈنۈملۈك ئايلاندۇرىدىغان قابىليەتنى ھازىرلىغان بۇلىدۇ.

  پۇل قەرز ئېلىشنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق يۇلى ۋە ئۇسۇلى بۇلىدۇ.ئەگەر سىز بەش يۈەنگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز قارشى تەرەپكە يىگىرمە يۈەن دەپ ئېغىز ئىچىڭ. ئاخىرىدا قارشى تەرەپ سىزگە ئون يۈەن بېرىپ تۇرىدۇ. سىز ئەتىسىلا ئۇنىڭغا بەش يۈەننى قايتۇرۇپ بېرىپ سەمىمىيتىڭىزنى بىلدۈرۈڭ. قالغان بەش يۈەننى بولسا قايتۇرۇشقا ئالدىرىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.

  پىخسىقلاردىن پۇل قەرز ئېلىشقا تۇغرا كەلگەندە گەپنى يۈز يۈەندىن باشلاڭ. ئۇلار ئاخىرىدا سىزگە يەنىلا بەش يۈەن بېرىدۇ ۋە «بولدى قايتۇرماڭ» دەيدۇ.بىراق سىز ئەتىسىلا ئۇنىڭغا ئۆسۈمى بىلەن دەپ ئون يۈەن قايتۇرۇپ بېرىڭ. شۇنىڭ بىلەن بۇ كىشى سىزگە يۈز يۈەن بەرمىگەنلىكىگە قاتتىق ئۆكۈنىدۇ ۋە كېيىنكى قېتىم سىز يىگىرمە يۈەن سورىغاندا, ئۇ قىلچە ئىككىلەنمەي سىزگە يۈز يۈەن بېرىپ -«بۇ پۇل يېتەمدۇ؟»دەپ سورايدۇ.

  ئىشلەتمىسىڭىزمۇ ھەمىشە ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەردىن پارچە- پۇرات پۇل سوراپ تۇرۇڭ ۋە ئەتىسىلا قايتۇرۇپ بېرىڭ. بىراق سىز ئازغىنە پۇلنى ھەرگىزمۇ زور مىقداردا قەرز ئالماقچى بولغان ئوبىيكتتىن سوراپ سالماڭ. بۇ ۋاقىتتا سىز نىشانلىغان كىشى: «شۇنچە ئىشەنچىلىك ئادەم نېمىشقا مەندىن پۇل سورىمايدىغاندۇ؟»-دەپ ئويلاپ ئىچى سىقىلىدۇ. پۇرسەت پېشىپ يىتىلگەندە سىز- بىسمىللاھ -دەپلا ئاغزىڭىزنى يۇغان ئىچىپ ئۇنىڭدىن يۈز يۈەن، ياق! بىر مىليون سوراڭ!

  سىزگە بەش مىليون يۈەن قەرز بېرەلىگۈچىلىكى بار كىشىدىن ھەرگىزمۇ ئېزىپ-تېزىپ 50 يۈەن سوراپ سالماڭ.بولمىسا ئۇ كىشىنىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشەلمەيسىز.

  پۇل قەرز ئېلىپ قارشى تەرەپنىڭ نەزەرىدىن چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئىككى خىل سەۋەبى بار. بىرى، سەۋەپسىز پۇل قەرز ئىلىش. يەنى پۇل قەرز ئالمىسىمۇ بولىدىغان ئەھۋال ئاستىدا قەرز ئىلىش. بۇنىڭ بىلەن سىزدە باشقىلارغا بىقىنىپ ياشايدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئىككىنچىسى، قەرز پۇلنى تۇرمۇشتىن بەھرلىنىشكە ئىشلىتىش. ئەگەر قەرز پۇل ئائىلىنىڭ تىرىكچىلىكى، جان ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن بولسا، ئەلۋەتتە بۇنىڭ يولى باشقا. بۇنى باشقىلارمۇ تۇغرا چۈشىنىدۇ.

  مۇنداق بىر ئاددىي مىسال ئېلىپ ئۆتەي. سىز كۈنلۈكسىز، سىرتتا قاتتىق يامغۇر يىغىۋاتقان ئەھۋالدا دوستىڭىزنىڭ ئىككى كۈنلۈكى بولسا مۇقەررەركى، سىز تارتىنمايلا ئۇنىڭدىن ياردەم سورايسىز. چۈنكى سىز كۈنلۈككە ئىھتىياجلىق. شۇنداقلا دۇستىڭىزنىڭ ئۇنى سىزگە بەرگۈچىلىكى بار. ئىشلىتىپ بولغاندىن كىيىن قارشى تەرەپنىڭ كۈنلۈكىنى قايتۇرۇپ بېرىشتە بەلكىم مۇنداق ئىككى خىل ئەھۋال بۇلىشى مۇمكىن. بىرى، كۈنلۈكنى ھىچ تەكەللۇپسىزلا قايتۇرۇپ بېرىش. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ پۇتىغا پالتا چاپقانلىق بىلەن باراۋەر. يەنە بىرى، كۈنلۈكنى پاكىزە سۈرتكەندىن كىيىن، كىچىككىنە سوۋغات قۇشۇپ قويۇش ئارقىلىق مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش. بۇ يەنە بىر قېتىملىق ياردەمگە ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئاساس سالغانلىق. سىزنىڭ مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشتىكى پوزىتسىيىڭىز ئەلۋەتتە قەرز ئىگىلىرىنىڭ كۆز قارىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. (ھەبىبە ئىسمايىل تەرجىمىسى)

«تۇرپان گېزىتى»دىن ئىلىندى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر