باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سەنمۇ چارچاپسەن

- ئاسىيا بوكس چولپىنى ئابدۇراخمانغا مەرسىيە

2015.10.15 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئابدۇراخماننى ئۆلدى دېدى بىرى،
ئابدۇراخماننى مۇش ياراتتى، دېدى بىرى،
ئابدۇراخمان ھايات، دېدى يەنە بىرى...
مەن تۇرۇپ قالدىم
نېمە دېيىش كېرەكلىكىنى ئويلاپ
جەزمەن بىر نېمە دېيىشىم كېرەكتەك.
لېكىن مەن ئابدۇراخماننى ئۆلدى، دېيىشنى خالىمايمەن
چۈنكى ئابدۇراخمان
تۇتۇپ تۇرار قۇلۇمنى شۇ تاپ.
ئابدۇراخمان مۇش ياراتتى، دېيىشتىن قورقىمەن
ئۇ ياراتقان مۇش
ئۇدۇل كېلىپ مېنى ماخچايتىۋىتىدىغاندەك
نىچۈن مۇشت ئاتمايسەن دەپ،
ئابدۇراخماننى ھايات دېسەم
غايىپ بولار ھايات
ئابدۇراخمان غايىپ بولغاندەك...
ئۇ يېنىمدا ئەمەسمىدى
ماڭا مۇشت ئاتقان ئەمەسمىدى
ئۇ ھاياتنى مەغلۇپ قىلغان ئەمەسمىدى
دەپ قالارمەن كىيىكتەك بوزلاپ.

ھەي ئابدۇراخمان
ھەي تەكلىماكان
ھەي ئاسمان
ھەي بىچارە، چولپان بولۇپ قالغان
ئەگەر سەن ئېنگىلىز بولۇپ قالغان ۋە ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان بولساڭ
بولار ئىدىڭ دۇنيانىڭ بوكسيور ئاتىسى،
مىليونېر ئەمەس مىليادىرلارنىڭ بىرىنچىسى.
توكيودا تۇرىۋاتقان بولساڭ
بۇلار ئىدىڭ ياپونلارنىڭ خان تاجىسى...
بىراق سەن مۇشۇ تۇپراقتا تۇردۇڭ
مۇشۇ تۇپراقتىن كەلگەنلىكىڭگە
كەتسەڭ مۇشۇ تۇپراقنىڭ قوينىغا ئالىدىغانلىقىغا ئىشەندىڭ.
رەقىبىڭگە بىر مۇشت ئۇرغاندا
مۇشۇ تۇپراقنىڭ
ئاچ-يېلىڭ قېرىنداشلىرىڭنىڭ
ئاسمىنىڭدىكى ئۇچار قاناتلارنىڭ
ھەر تۈپ گۈل-گىياھ ھەتتا ئەخلەتنىڭمۇ
ساڭا ئۈنسىز تەنتەنە قىلىۋاتقانلىقىنى
بېشىنى كۆتۈرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىڭ،
تۈگۈلگەن مۇشتۇم مۇشۇ ۋەتەننىڭ دەپ ئىپتىخارلاندىڭ
رەقىبىمنى يىقىتقىنى مەن ئەمەس ۋەتەندۇر، دېدىڭ،
ئۇسسىغاندا تەڭلەنگەن لاي سۇ
سېنى مىڭ يىللىق توغراقتەك قەيسەر قىلدى
ھارغاندا مەنزىلىڭگە يەتكۈزگەن ئېشەك ھارۋىسىنىڭ سۈرئىتى
نەزەرىڭدە چىڭلۇڭنىڭ ئايرۇپىلانىدىنمۇ تېز ئىدى...

بۈگۈن مەن چارچىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغانىدىم
توۋا دەيمەن،
سەنمۇ چارچاپسەن
بىر ياتقانچە ئويغانماپسەن
سېنى چارچىتىدىغانلار ئويغىتالماي
سېنى «كېتىپتۇ» دەپتۇ.
بىراق كەتسەڭ نەگە كېتىدىغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
كىندىك قېنىڭنى ئىزدەپ ماڭغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
سېنىڭ بۇ ۋاقىتلىق ھاياتتىن
مەڭگۈلۈك ھاياتقا يول ئالغانلىقىڭنى ئۇلار نېمە بىلسۇن،
نېمە بىلسۇن ئۇلار-
سېنىڭ ئارام ئېلىۋاتقانلىقىڭنى بىر پەس...
مۇشتى تۈگۈلگەن پېتى... دېيىشىدۇ
دېمەك، سەن يەنە بىر جەڭگە تەييارلىنىپسەن
يوقۇتۇشقا، يوقۇلۇشقا ئەمەس!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر