باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كۈتكىنىم كېچىدۇر...

ئابدۇرېشىت ئېلى

2015.10.15 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

كۈتكىنىم كېچىدۇر مېھرى ئوت، قارا
تالادا دەرەخكە يۆلىنىپ تۇرغان.
ئاھ، ئۇنىڭ چاچلىرى دولقۇنلۇق دەريا
جىمجىتلىق ئىچىدە مەن تامان ئاققان.

كۆزلىرى يۇلتۇزنى قىلىدۇ سۈرگۈن
ئاسمان دەپ ئاتالغان يىراق بىر يەرگە.
ھاياتنى ھېس قىلدىم ئېھتىمال بۈگۈن،
چۈمۈلۈپ سېغىنىش رەڭلىك بىر تەرگە

گۇگۇمنىڭ چۆچىكى تۈگىمەي كەتتى
ئاڭلاشقا مەجبۇرمەن تاماكا چېكىپ.
ئاق ئات ۋە بىر ئايال رېئاللىق ئەسلى
سۆيگۈچى جان بەردى دارغا ئېسىلىپ.

مەنچۇ، مەن دېرىزە ياكى بىر كوچا
ئاھ مۇشۇ پەيتتىكى غۇۋا، خىيالچان.
تۈگىدى... ئۇ غەمكىن ئولتۇردى گۇيا
بۇسۇغا ئۈستىدە بىر ئىشىكسىمان.

2014- يىلى 13- فېۋرال


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر