باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

كۈتۈش ۋىسال، سۆيۈش شامال

2015.10.15 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

دەردىڭىزنى رەسىم قىلىپ سىزىسىز،
ۋە چاپلايسىز تۈنگە مىلەپ تاملارغا.
زادى قايسى تولۇنئاينىڭ قىزىسىز؟
پىچىرلايسىز، كىم بار ئۇنى ئاڭلارغا.

باھار كەلدى كوچىلارغا سۇ سىپىپ،
سىز تېخىچە بۇسۇغىغا باقىسىز.
كېلىپ قالدىم مەن قەيەرگە ئېزىقىپ،
سىز كىملەرنىڭ دېڭىزىدا ئاقىسىز.

سېغىنىشنىڭ رەڭگى قىزىل چېچەكتەك
بىراق ئۇنى بولماس بايان قىلغىلى.
كۈتۈش ۋىسال، سۆيۈش شامال، مەن دېمەك -
پىچاق ئالدىم يۈرىكىمنى تىلغىلى.

ئۇندا باردۇر سىزنىڭ گۈزەل ئىسمىڭىز
دەرەخلەرگە ئەمەس ئايغا ئۇيۇلغان.
مېنىڭ پۈتمەس يوللىرىمدۇر كۆزىڭىز،
ماڭا قاراپ خىياللاردەك سۇزۇلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر