باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

چۈش ئەتىرگۈلى

ئابدۇرېشىت ئېلى

2015.10.15 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ئىسمىڭ گۈل، جىسمىڭدىن تۆكۈلۈپ تۇرار
پۇرىقى خىيالچان، بىگانە چۈشلەر.
بۇ غەمكىن سۈكۈتۈڭ مېنى رەت قىلار،
بەرگىڭدە يالتىرار ئۈنسىز كۈتۈشلەر.

يالغۇزلۇق بىر يولدۇر يامغۇرلۇق، ئۇزاق
مەن بۇندىن ئۆتكۈچى كۈنلۈكسىز، يارسىز.
دەرەخلەر غېرىپتۇر، ئۆچكەندۇر چىراق
تاشلاندۇق دۇتارمەن پەدىسىز، تارسىز.

بىر سۆز بار لىۋىمدىن چۈشكەن سىيرىلىپ
ئېيتىشقا يەتمەيتتى مېنىڭ ھاياتىم.
ئىچىمنى سىقىدۇ بىر يالىڭاچلىق
مەن ئەسلى شادىمان بىر بالا ئىدىم.

باقىمەن جىمجىتلىق ئىچىدە ساڭا
ئەينەكتە تالانىڭ قىيپاچ سايىسى.
كېتىمەن، قالىسەن، بولىدۇ ئادا
شەلۋەرەپ تىنمىغان سۆيگۈ يارىسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر