سۈكۈت قىلىش مۇھەببەت ئەمەس
ئابدۇرېشىت ئېلى
2015.10.15 16:27 مەنبە: خەلق تورى
سۈكۈت قىلىش مۇھەببەت ئەمەس،
نەپرەت ياكى ئايرىلىش سۆزسىز.
سىز تاتلىقسىز، بولدى ئەمدى... بەس!
ھاياتىمدا سىز قالدۇرغان ئىز...
سۆيۈش بىلەن سۆيگۈ گۈزەلدۇر،
پۈتۈلگىنى كۆيۈشتۇر پارلاق.
كۆزلىرىڭىز پۈتمەس غەزەلدۇر،
يارالمانمەن ئوقۇشقا ھەرۋاق.
ھەر بېتىڭىز ئۆلتۈرەر مېنى
كۈلدۈرىسىز ئۆتمەستىن ھايال.
چەكسىڭىزمۇ ئىشىكلىرىمنى،
يوقتۇر مەندە ئاچقۇدەك ماجال.
كۈتتۈم، تاڭلار تۈنگە ئۇلاشتى،
دېرىزەمگە نۇرلار تۆكەر ئاي.
سۇنغان گۈللەر خۇشپۇراق چاچتى،
ئاھ، ھەممىسى سىز ئۈچۈن ھاي - ھاي!
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر