باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

قولىڭىزنى بېرىڭ ئەي گۈلۈم

ئابدۇرېشىت ئېلى

2015.10.15 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يۈردىڭىزمۇ پەرىشان ھالدا
يۇلتۇزى بوپ يالغۇز تۈنلەرنىڭ.
مەڭزىڭىزنى سۆيگەن شامالدا
كۈتۈشلىرى باردۇر كۈنلەرنىڭ.

ئوقۇسىڭىز خېتىمنى ئەگەر
كۆزلىرىڭىز ياشقا تولارمۇ؟
سالامىمنى ئەپ بارغان سەھەر
سىزگە ئوتتەك گۈلنى سۇنارمۇ؟

قۇشلىرىڭىز قونغان دەرەخكە
ئويۇپ قويسام ئىسمىمنى غۇۋا
ئۇنى كۆز-كۆز قىلامسىز خەخكە،
ئايلىنىپ بىر تەنتەككە گۇيا،

لازىم ئەمەس سىزدىن باشقىسى
كۈتۈش بىلەن كېتەي ئالەمدىن.
سۆيگۈ بېرىڭ ماڭا ياخشىسى،
يېرىلمىسۇن تۇپراق نالەمدىن.

ئۇ بىر مەجنۇن كۆيگەن، سۆيمىگەن،
دەيدۇ قۇياش سورىسىڭىز گەر.
ھايات گۈزەل سېغىنىش بىلەن،
ئاشىقلىقتىن نۇرلار تۆكۈلەر.

قولىڭىزنى بېرىڭ ئەي گۈلۈم
ئېلىپ باراي سىزنى باھارغا.
سىز بار ماڭا بايرامدۇر ئۆلۈم،
زەخمەك ئۇرۇڭ ئەمدى بۇ تارغا!

2014- يىلى 8- مارت، سۈبھى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر