ئايرىلىشنىڭ باھارى
ئابدۇرېشىت ئېلى
2015.10.15 16:25 مەنبە: خەلق تورى
ئايرىلىش ئۇ بىر سۆزدۇر پەقەت،
تىترەپ تۇرغان ئوتلۇق لەۋلەردە،
مۆلدۈر كەبى چۈشەر ئاقىۋەت،
توختار بېرىپ ئاھ، يۈرەكلەردە.
كۆز ياشلاردا نەمدەلمەس تەقدىر،
چىقار قۇياش تۈنۈگۈنكىدەك.
كەچكۈزدىكى غازاڭدەك ئاخىر،
ئاستا، ئۈنسىز تۆكۈلەر چېچەك.
كەچۈرگىدەك نېمە بار ئەمدى
مۇشۇ مۇزدەك سۈكۈتتىن ئۆزگە.
كۈل بولمىغان ئاشىقنىڭ دەردى
ئارام تاپار قارا قەبرىدە.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر