باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شېئىر بازىرى

ئابدۇرۇسول مۇھەممەد ئەلتۇغ

2015.10.15 13:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىزنى جانسىز دېمەڭ،
ئۆزىمىز جىمجىت،
سىزگە تىكىلگەن كۆزىمىز جىمجىت.
دۇنيا قانچىلىك سۈرەن سالسۇن ئۆزىنىڭ ئىشى،
پەرۋايىمىز پەلەك،
ياشاۋېرىمىز،
ئۆچەككە كىرىۋالغاندەك،
سىزگە قىلىۋاتقان سۆزىمىز جىمجىت...

ھاياتلىق دېگەن قايناق بازارنىڭ
كەڭ سەيناسىدا،
بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىدا...
ھەتتا بىر تال گۈلنىڭ بەرگىدە،
تومۇزغىنىڭ قانىتىدا...
يىڭىنىنىڭ بىر تال تۆشۈكىدە...
...
گاھى قىستىلىپ يۈرۈپ، گاھى بىمالال،
شېئىرغا لىق تولغان غالتىكىمىزنى ھەيدەپ،
شائىرلارغا ئىلھام ساتىمىز.

ۋارقىراپ يۈرمەيمىز،
توۋلاپ يۈرمەيمىز،
جان-جەھلىمىز بىلەن خېرىدار چاقىرىپ
مېلى ناچار بەغەرەز سودىگەرلەردەك...
خېرىدارىمىز بار تۇغۇلۇشتىنلا
يۈرىكىگە ئوتىمىز تۇتاشقان.
ئىزدەيدۇ سەۋدا بوپ جاھاندىن بىزنى-
مۆكسەكمۇ پىنھانغا...
ئەڭ يىراقلارغا.
ئۇلارغا بەرىبىر-
جېنىغا قانچىلىك سالساقمۇ ئېكەك...

ھەر بىر ئىلھامنىڭ نەرقى بەك ئەرزان-
ئالىمىز تارتىنىپ يۈرمەي-
جېنىدىن بىر ئۈلۈش،
تېنىدىن بىر چىشلەم،
روھىدىن بىر لەھزە،
قېنىدىن بىر ئوتلام...
گاھىدا
كەم قالسا گەر نەرقىمىز،
ھەددى ئەمەس تېنىۋېلىشقا،
ياكى باھا ئۆرىكەن دەپ يېنىۋېلىشقا!
ئالالايمىز ئۇنىمۇ تۆلىتىپ:
مېڭىسىنى قوچۇيمىز،
جانلىرىنى قىينايمىز،
ئۇيقۇسىنى تارتىۋالىمىز،
ئېڭىكىنى ئۇزاق يۆلىتىپ...

ئون تاڭگازىغا بىر تاڭگازا قوشۇپ بەرگەندەك
باشقا سودىگەرگە ئوخشايدىغان يېرىمىزمۇ بار،
قوشۇپ بەرگەنگە خېرىدار خۇشال،
قوشۇپ بەرمەسلىك سودىگەرگە ئىختىيار!
قىزىق يېرى:
خېرىدار قىلمايدۇ بىزدىن ھېچ تەمە،
ئەمما خۇشاللىق بىلەن قوشۇپ بېرىمىز،
ئۇنىمىسا ئۇنىماي:
ئالمايمەن دېيىشكە ھەددىمۇ؟
قوشۇپ بېرىمىز ئۈستەك قىلىپ،
قەددىگە بىر پۈكۈك،
چېچىغا ئازراق ئاق سىياھ...


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر