باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ھىجراننامە

ئابدۇرۇسول مۇھەممەد ئەلتۇغ

2015.10.15 13:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


كېچىمىكىن كۆزلىرىڭگە قېتىلغان؟
ئاپتاپمىكىن يۈزلىرىڭگە چېچىلغان؟

چولپان بىلەن بەسلەشكەندەك ئۇزلۇقتا،
ھىلالمىكىن قاشلىرىڭغا سىزىلغان؟

ئۇيۇلىدۇ كۆرسە ئەگەر ھېقىقمۇ،
چوغلۇقمىكىن لەۋلىرىڭدە ئېچىلغان؟

ھەر تېلىدا سېھىرلىنەر ۋۇجۇدۇم،
مەجنۇنتالمۇ چاچلىرىڭغا ئېسىلغان؟

ھەسەت بىلەن ئۆرتىنىدۇ چىمەنزار،
قايسى گۈل ئۇ قۇلىقىڭغا قىسىلغان؟

تاڭ شەپىقى قىزىرىدۇ چوغلىنىپ،
ئانارمىكىن ئاھ، مەڭزىڭگە سىقىلغان؟

قاراشلىرىڭ جىغىلدىتار يۈرەكنى،
چاقماقمىكىن قارچۇقۇڭدا چېقىلغان؟

دولقۇنلايدۇ كۆكسۈڭ ئۆزرە بىر دېڭىز،
گۈلخانمىدۇ يۈرىكىڭگە يېقىلغان؟

كىرپىكىڭدىن ئەندىز ئالدى ياكى ئوق،
خەنجەرمۇسەن سول كۆكسۈمگە تىقىلغان؟

بىلەلمىدىم كۆيۈك ئاتلىق ئالۋاستى،
قاچاندىدۇر سەندىن ماڭا چېپىلغان؟

ياكى ئۆزۈڭ تۇيماستىنلا خىرامان،
ئوق بولدۇڭمۇ يۈرىكىمگە ئېتىلغان؟

يا سايەڭگە بۇيرۇدىمۇ جۈر بول دەپ،
ۋۇجۇدىغا مىقتەك مەھكەم قېقىلغان؟

بىر قۇشمەنكى كۆككە تۇرغان ئىنتىلىپ،
زەنجىرمۇ سەن پۇتلىرىمغا چېتىلغان؟!

تاللىۋېلىپ بازارىدىن جاھاننىڭ،
قۇلۇڭمۇ مەن ئۆمۈرۋايەت سېتىلغان؟

قەلبىم ئىدى سۆيگۈ تۇغقان بىر قامۇس،
ئويلىدىڭمۇ ھەرىپسىزلا بېسىلغان؟

ئەنسىرەيمەن قالمىسامتىم قولۇڭدا،
ئوقۇلماستىن ھايالسىزلا يېپىلغان؟!

ئۇزاتمايسەن، يا مېڭىشقا رايىڭ يوق،
سەۋدايىمەن ئايىغىڭغا يىقىلغان!


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر