باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يامغۇر يەنە يېغىۋەرسە بولاتتى

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ

2015.10.15 13:08        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


يامغۇر يەنە يېغىۋەرسە بولاتتى،
ئولتۇرسامتىم ئۆيگە مەھكەم سولقۇنۇپ.
ئېغىر كۆرۈپ پاتقاقلارنى كېچىشتىن،
ئىزدىمەستىم سېنى ئەمدى مۇڭلۇنۇپ...

يامغۇر يەنە يېغىۋەرسە بولاتتى،
ئولتۇرسامتىم ئۆيگە مەھكەم سولقۇنۇپ.
كوچىلاردا ناخشا ئېيتىپ يۈرمەيتتىم،
خەق قالاتتى بىر مەجنۇننى ئۇنتۇلۇپ...

يامغۇر يەنە يېغىۋەردە بولاتتى،
ئولتۇرسامتىم ئۆيگە مەھكەم سولقۇنۇپ
تاقاپ قويۇپ دېرىزەمنى جىممىدە
شېئىر يازسام ئىدىم دەردتە يۇلقۇنۇپ...

يامغۇر يەنە يېغىۋەرسە بولاتتى،
ئولتۇرسامتىم ئۆيگە مەھكەم سولقۇنۇپ.
«ئىزدىمىدى ئەجەب بۈگۈن مېنى؟!›› دەپ،
سەنمۇ مېنى كۈتسەڭ ئىدىڭ تولغۇنۇپ...


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر