باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

مەدەنىيەت ـ ئىنسانىيەتنىڭ يەر شارىدا ھايات كەچۈرۈشىنىڭ ئاساسىي ئەھمىيىتى

خې جيەنمىڭ

2015.09.09 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە قەدىمىي دۆلەت، ئەقىللىق ۋە ئىشچان ئەجدادلىرىمىز ھازىرغىچە يەر شارىنىڭ بىر بۇلۇڭى بولغان ــ جۇڭگو زېمىنىدا نەچچە ئون مىڭ يىل ياشاش جەريانىدا، ئۈزلۈكسىز تۈردە نۇرغۇنلىغان ئۇلۇغۋار ماددىي مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى. بىزنىڭ مەلۇم قۇرۇلۇشلىرىمىز بولمىسىمۇ بولىدۇ، ئەمما 2500 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى مائارىپشۇناسىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن «مۇھاكىمە ۋە بايان» ناملىق كىتابىمىز بولمىسا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ كىتاب جۇڭگولۇقلارغا ياشاش داۋامىدا رەھىمدىل، ئەدەب ـ ئەخلاقلىق بولۇشنى، كىشىلەر بىلەن بولغان ئالاقىدە كەمتەر، كەڭ قۇرساق بولۇشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ مائارىپچى ــ كۇڭزى، ئۇ گرىتسىيە پەيلاسوپى سۇقراتتىن 80 نەچچە يىل بۇرۇن تۇغۇلغان. گەرچە كۇڭزىنىڭ جەسىدىنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلگىلى بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن، سەددىچىن سېپىل خىشىنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك ئېغىرلىقتىكى «مۇھاكىمە ۋە بايان» ناملىق كىتاب ھازىرغىچە بىز بىر مىليارد 300 مىليۇن جۇڭگو خەلقىنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى ۋە ياشامىغا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

  جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆزىنىڭ تىل ۋە يېزىق تارىخى بولغىنىغا نەچچە مىڭ يىل بولدى، شۇنداقلا ئەقىللىق جۇڭگولۇقلار ساناقسىز قالتىس ماددىي قۇرۇلۇشلارنى قالدۇرۇپ كەتتى، بىراق بۈگۈنگە قەدەر بىز يەنىلا كۇڭزىنىڭ «مۇھاكىمە ۋە بايان»ىدىن، ئۇلۇغ شائىر دۇفۇ، لى بەينىڭ شىئېرلىرىدىن داۋاملىق پايدىلىنىپ كېلىۋاتىمىز، بۇ نېمىشقا؟ مېنىڭچە، بۇ بۈگۈن ھەممىمىز مۇلاھىزە قىلىشقا تېگىشلىك بولغان، مەدەنىيەت ئىنسانيەتنىڭ يەر شارىدا ھايات كەچۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق ئەھمىيىتى بولغانلىقى ئۈچۈن.

  توغرا، مەدەنىيەت بولمىسا، ياشىغىنىمىزنىڭ يەنە نېمە ئەھمىيىتى؟ ماددىي مەدەنىيەت يۈكسەك تەرەققىي قىلىپ، چەكسىز ئېزىقتۇرۇش كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەتنىڭ ئىنسانىيەتنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا بولغان ئەھمىيىتى تەگسىز سىناق ۋە رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. ئوخشاشلا مۇشۇنداق ياشاش ئەھمىيىتى بولغان يېڭى سىناق ئالدىدا يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دۇچ كېلىدىغىنى داۋاملىق چىڭ تۇرۇشمۇ ياكى چېكىنىشمۇ؟ ئەل بولۇشمۇ ياكى زەبەردەست بولۇپ، تۈرلۈك رىقابەتلەرگە زەربە بېرىشمۇ؟دۆلىتىمىزدە 30 نەچچە يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسلاھات ــ ئېچىۋېتىش ئارقىلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى بارغانچە ئۆستى، شەخسىي ئىناۋەت كارتىسىدىكى پۇل كۆرسەتكۈچىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاشتى، نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇغۇسى كەلمەيدىغان، كەلگۈسىدە كارخانىچى، غوجايىن، بانكىر بولغۇسى كېلىدىغان بولدى، بۇ خىل كەسىپلەرنىڭ ماددىي تەمىناتى يۇقىرى، يازغۇچى ۋە پەلسەپىشۇناسلارنىڭ غوجايىن ۋە بانكىرلاردەك پۇلدار بولۇپ كېتەلىشى ناتايىن. ئەسلىدە ئۇلۇغۋار ئىدىيە بەرپا قىلىش بىلەن پەخىرلىنىدىغان يازغۇچىلار قوشۇنىدىمۇ ئىنتىلىشى ۋە غايىسىدىن ۋاز كېچىپ، مەلۇم قىزىقىشقا ماسلاشقان چاكىنا يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلارمۇ كۆرۈلۈۋاتىدۇ ھەتتا پەيدا قىلغان بىر قىسىم يېزىق ئەخلەتلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىنى تويۇندۇرۇپ قويۇۋاتىدۇ.

  بۇ بىر ئېغىر ئەھۋال، بەلكىم بۇ ئەھۋال بۈگۈنكى دۇنيادا يازغۇچىلار ئارىسىدا ئومۇميۈزلۈك ساقلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋال ۋە خاھىش، جۇڭگودا كىشىلەرنىڭ يۈكسەك دىققەت ـ ئېتىبارىنى قوزغىدى ھەمدە مەدەنىيەتنى ئىنسانىيەت ھاياتىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيىتى دەپ قارايدىغان غول ئېقىمدىكى قىسمەن يازغۇچىلار ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەتكە كېلىپ، ئۇلۇغۋار ئىدىيە ۋە ئالىيجاناپ ئەخلاق ـ پەزىلەتلەر مۇجەسسەملەنگەن ئەسەرلەرنى تېخىمۇ كۆپلەپ روياپقا چىقاردى. بىزنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىمىز ۋە قابىلىيىتىمىزگە تايىنىپ، كەسپداشلىرىمىز ۋە قېرىنداشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسىتىپ، مەدەنىيىتىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە يېتەكچىلىك قىلىشقا ئىشەنچىمىز بار. بىز ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ۋە بەرپاچىلىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ بارلىققا كېلىشىنى شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كەسپىداشلارنىڭ بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتكە كېلىشىنى ئارزۇ قىلىمىز.2013-يىلى 12-ئايدا رۇسىيە سانكت پېىربۇرگ «پۇشكىن ئائىلىسى» خەلقئارا يازغۇچىلار مەدەنىيەت مۇنبىرىدە سۆزلەنگەن نۇتۇقتىن ئۈزۈندە. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

مەزكۇر تەرجىمە ئەسەر مىللەتلەر ئەدەبىياتىدا ئېلان قىلىنغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر