باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﻏﯘۋا ﺷﻪﮬﻪر

ئۆمەرجان سىدىق

2015.09.09 16:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻳﯜزۈﻣﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺧﯩﻴﺎﻟﭽﺎن،
ﺗﯩﻜﯩﻠﺪﯨﻢ ﺷﻪﮬﻪرەە دەرﺗﻠﯩﻚ رەۋﯨﺸﺘﻪ.
ﻗﯘﭘﻘﯘرۇق ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﻨﻰ ﺋﻪﻳﻠﻪپ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎن،
ﮬﻪم ﭘﻪرۋاز ﺋﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻢ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺋﻪرﯨﺸﺘﻪ.

ﺗﯩﻨﯩﻘﯩﻢ ﻳﯧﻴﯩﻠﺪى ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﺳﺘﺎ،
ﺗﯘﻣﺎﻧﻐﺎ ﭘﯜرﻛﻪﻧﺪى ﮬﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪﮬﻪر.
ﻏﯘۋاﻟﯩﻖ ﮬﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﺪى ﺋﯩﺴﺘﯧلا،
ﻳﻮﻗﺎﻟﺪى ﺗﯜن ﮬﻪﻣﺪە ﻗﯘﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺳﻪﮬﻪر.

ﺗﯩﻨﯩﻘﯩﻢ ﻗﺎﭘﻠﯩﺪى ﺷﻪﮬﻪرﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎم،
ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪت ﭘﯜرﻛﯩﺪﯨﻢ ﺑﻮﺷﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ.
ﭘﻪﻗﻪتلا ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﺎﺳﯩﺪى ﺗﺎرام،
ﻳﻪنىلا ﺋﺎزاﺑﻘﺎ ﺑﯚﻟﻪﻧﺪﯨﻦ ﮬﺎﻟﺴﯩﺰ.

ﺑﯘ ﺳﻮﻏﯘق ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﺪەك ﺳﻮﻏﯘق ﺑﯘ ﺋﻪﻳﻨﻪك،
ﻳﺎ ﻣﯧﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﯜدﯨﻦ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻤﯘ ﺟﯘدا.
ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎﻳﻤﻪن ﺗﯧﻨﯩﻤﺪە ﺗﯩﺘﺮەك،
ﺋﺎزاﺑلار ﺗﯩﻎ ﺋﯘرار ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﮕﻪ ﺋﯘدا.

ﺋﻪﻳﻨﻪﻛﻜﻪ ﻳﯜزۈﻣﻨﻰ ﻳﯧﻘﯩﭗ ﺧﯩﻴﺎﻟﭽﺎن،
ﺑﯘ ﻏﯘۋا ﺷﻪﮬﻪردە ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ﻣﻪن ﻳﺎﺷﺎپ.
ﻧﻪدﯨﺪۇ ﻣﻪن ﻛﯜﺗﻜﻪن ﺳﺎﻣﺎۋى ﺟﺎﻧﺎن،
ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﺠﺎ ﺋﻪﻳﻠﻪﻳﻤﻪن ﻳﯩﻐلاپ!
1996- ﻳﯩﻞ ﻓﯧﯟرال، ﺗﯘرﭘﺎن


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر