باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺋﻪﺟﻪل

ئۆمەرجان سىدىق

2015.09.09 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺳﺎﮬﯩﻞ ﻳﺎﻟﻤﯩﺪى ﻣﯧﻨﻰ،
ﻣﯧﮭﺮﯨﯔ ﺋﺎرا ﻳﯜردۈم ﺗﻪﻣﺘﯩﺮەپ.
ﺗﺎﻣﭽﯩلاﻳﺪۇ ﺋﻪﻗﯩﺪە ﻗﯧﻨﻰ،
ﺋﯜزەﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﻛﯚﻟﯜﻣﺪە ﺋﻪﺟﻪپ!

ﭼﯚﻟﺪەرﯨﮕﻪن ﻗﻪﻟﺒﯩﻢ ﺋﯧﺘﯩﺰى،
ﻣﻪن ﭼﺎﯕﻘﺎﺷﺘﺎ ﻳﯜرﯨﻤﻪن ﻟﻪﻳﻠﻪپ.
ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﺪە ﮬﻪﺳﺮەﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰى،
ﺳﻪن ﻛﯧﻠﯩﺴﻪن ﭼﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﭼﻪﻳﻠﻪپ.

ﺋﯚز-ﺋﯚزۈﻣﮕﻪ ﭼﯚﻛﺘﯜم ﺑﯩﺰۇۋان،
ﻛﯚﻳﯜپ ﻛﯜﻟﮕﻪ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى ﺗﺎﻗﻪت.
ﻛﯩﻤﻠﻪرﮔﯩﺪۇر ﺑﻪرﻣﻪﻛﺘﯩﻤﻪن ﺟﺎن،
ﺳﻪن ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەرﺳﯩﺰ ﺋﻪﺑﻪت.

ﺑﯩﺮ رەت ﻛﯜﻟﯜش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ،
ﻣﯩﯔ رەت ﻳﯩﻐلاپ ﺗﯚﻟﯩﺪﯨﻢ ﺑﻪدەل.
ﺑﻮﻟﺪى ﺗﻪﯕﺮى ﻛﻪﻟﻤﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ،
ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺋﻪﺟﻪل.
1995 - ﻳﯩﻞ، ﺗﯘرﭘﺎن


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر