باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

پەرىشتەم

ئۆمەرجان سىدىق

2015.08.25 10:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ﺋﯘﭼﺮاﺗﺘﯩﻢ ﻣﻪن ﺳﯧﻨﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﺪا،
ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺗﯜﻧﻠﻪر ﺋﯚﺗﺘﻰ ﮬﯩﺠﺮاﻧﺪا،
ﺧﯩﻴﺎل ﻗﯘﺷﯘم ﺋﻪﮔﯩﭗ ﺑﯩﺮلا ﻧﯩﺸﺎﻧﺪا،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!

ﺋﺎﯕلاﻧﻐﺎﻧﺪا ﺑﻮش، ﺳﯧﮭﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﺎۋازﯨﯔ،
ﭼﯜﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪە زاﮬﯩﺮ ﺑﻮلار ﭘﻪرۋازﯨﯔ،
ﻗﯩﻴﻨﺎر ﻣﯧﻨﻰ، ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺧﯘﻟﻘﯘڭ، ﺷﻮخ ﻧﺎزﯨﯔ،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!

ﺳﻪرۋى ﻛﻪﺑﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻧﯧﻤﻪ دەي،
ﻣﻪﺳﯜم ﺗﯘرﻗﯘڭ، ﭘﺎك ﻣﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚرﮔﯩﻠﻪي،
ﺋﻮﺧﭽﯘپ - ﺋﻮﺧﭽﯘپ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﯕﮕﻪ ﺟﺎن ﺑﯧﺮەي،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!

ﺳﯧﻨﻰ ﺋﻮﻳلاپ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﻛﯜﻟﯩﻤﻪن،
ﺋﻮﺗﻠﯘق ﺋﺎﺧﺸﺎم ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﯜرﯨﻤﻪن،
ﺳﺎﻳﻪڭ ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯜﻧﺪە ﻳﺎﻟﻐﯘز ﻳﯜرﯨﻤﻪن،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!

ﻧﺎزاﻛﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻳﯘڭ ﺋﻮﺗﻤﯘ، ﮔﯜﻟﺨﺎﻧﻤﯘ،
ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﻪر ﻧﯘر ﺟﯩﻠﯟﯨﺴﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻤﯘ،
ﺳﻪن ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪرﻛﯩﺴﯩﻤﯘ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻤﯘ،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!

ﺋﺎق ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪەك ﻳﺎﺗﻘﯩﻨﯩﯖﺪا ﺑﺎﻏﺮﯨﻤﺪا،
ﻗﯘﻧﺪۇز ﭼﯧﭽﯩﯔ ﺋﯧﺘﻪك ﻳﺎﻳﺪى ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺪا،
ﺋﻪﺗﯩﺮﮔﯜﻟﺪەك ﺧﯘﺷﺒﯘي ﮬﯩﺪﯨﯔ ﻳﺎدﯨﻤﺪا،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!

ﺳﺎﯕﺎ ﻳﺎﻣﻐﯘر ﺗﺎرﺗﯘق ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ﺳﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻦ،
ﺷﻪﺑﻨﻪم ﻛﻪﺑﻰ ﺗﯩﺘﺮەپ ﺗﻪﻛﺮار ﺋﯜﭘﯜﺷﺘﯩﻦ،
ﭼﻮغ ﺑﻮپ ﻳﺎﻧﺪۇق ﮬﺎرارەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﻳﯜﺷﺘﯩﻦ،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!

«ﺧﯘش»دﯦﺪﯨﻢ - ﻳﯘ، ﻗﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ﺳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ،
روﮬﯩﻢ ﻗﺎﻟﺪى، ﺟﯩﺴﻤﯩﻢ ﻛﻪﺗﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ،
ﺋﯩﺰدە ﻣﯧﻨﻰ ﻳﯜرﯨﻜﯩﯖﺪﯨﻦ، ﺟﯧﻨﯩﯖﺪﯨﻦ،
ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم ﺳﻪن، ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎق ﭘﻪرﯨﺸﺘﻪم!
3002 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر