- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىر سۈرەتكە قاراپ
ئۆمەرجان سىدىق
2015.08.25 10:55 مەنبە: خەلق تورى
(«دۇﻧﻴﺎ ﺋﻪدەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ» ژورﻧﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن
ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻣﺎ ﺳﯜرﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ)
ﭘﻪرەﻧﺠﻪڭ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ﺳﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳﯧﺮﯨﻢ،
ﺳﻪدەﭘﺘﻪك ﻛﯚﻛﺮﯨﻜﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ ﺋﺎﻳﺎن.
ﺷﯩﺸﯩﺪەك ﺋﺎق ﺗﯧﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻢ،
لال ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯜرەﻛﻨﻰ ﻗﻮزﻏﺎر ﮬﺎﻳﺎﺟﺎن.
ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯘڭ ﺳﺎﯕﮕﯩلاپ ﺗﯘرﯨﺪۇ ﭘﻪﺳﻜﻪ،
ﺑﯧﻠﯩﻜﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺳﻮﻏﯘق ﭼﻪﻣﺒﯩﺮەك.
ﻛﯩﻤﻨﯩﺪۇر ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﺴﻪن ﺋﻪﺳﻜﻪ،
ﺟﯜپ ﻛﯚزۈڭ ﮬﯩﺠﺮاﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ دﯦﺮەك.
ﺑﺎﺷﺎﻗلارﻳﯚﮔﻪﻟﮕﻪن ﻗﺎرا ﭘﻪرەﻧﺠﻪڭ،
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯘﯕﺪا ﻗﺎﻣﺎﻟلاﻧﻐﺎن ﭼﯩﯔ.
ﺋﺎق ﻳﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﯧﺸﯩﯖﺪا، ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎن ﻛﯜﻟﻜﻪڭ،
ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﻰ ﻛﯜﺗﻜﻪﻧﭽﻪ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎن ﻟﯧﯟﯨﯔ.
ﺋﺎق ﻗﺎرا ﺋﯜﺳﺘﯖﺪە ﺑﻮﭘﺘﯘ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪم،
ﻛﯚﻛﺴﯜﯕﺪە ﺗﯩﺘﺮەﻳﺪۇ ﺳﻪدەﭘﺘﻪك ﻛﯚﻛﺮەك.
ﺳﯧﮭﺮﯨﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﮭﯘش ﺑﻮپ ﻳﯩﻘﯩلار ﺋﺎدەم،
ﺗﯘرﻗﯘﯕﺪﯨﻦ ﺗﯚﻛﯜﻟﻪر ﺑﯩﺮ ﺳﯚﻳﮕﯜ ﺋﻪﻟﯟەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر