باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سوۋغات(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 11:14         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن باشلىقىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى، ھەر يىلى بۆلۈمىمىزدىكى سەككىز ئادەم ئۇنىڭغا سوۋغات بېرىپ، باشلىقىمىزنى يامان ئۆگىتىپ قويغان ئىدۇق. بۆلۈمىمىزدىن كىم باشلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۇنتۇپ قالدىمۇ، بولدى، ئۇنىڭ شۇ يىلقى ئىشى زادى «چاتاق» بىلەنلا ئۆتەتتى. يىللىق باھالىنىشتا ئىلغارلىققا كۆرسىتىلىش تۈگۈل، ھەتتا لاياقەتسىز بولۇپ، بىر مۇنچە مائاشى تۇتۇلاتتى. شۇڭا بۇ كۈننى ئۇنتۇپ قېلىشتىن ھەممىمىز ھەزەر ئەيلەيتتۇق. ئىچىمىزدە بۇ يوغان قورساقنى مىڭنى تىللىغان بىلەن، تېشىمىزدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك مېھىر بىلەن بەخت تىلەپ كېتەتتۇقكى، ئارىمىزدىكى بىر پېشقەدەم خىزمەتدىشىمىز بىر يىلى ھەتتا باشلىقنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى دەۋېتىپ، باشلىقنىڭ ئالدىدىلا يىغلىۋەتكەن ئىدى. شۇ كىشىنىڭ ئەينى چاغدا راستلا شۇنداق سەمىمىيلىك بىلەن يىغلاپ كەتكەنلىكىنىمۇ ياكى ئۇششاق بالىلىرى بار بۇ پېشقەدەمنىڭ باشلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن ئائىلىسىنىڭ ھېچ بولمىغاندا يېرىم ئايلىق خەج-خىراجىتىنى ئىسراپ قىلىۋەتكەنلىكىدىن ئىچى ئېچىشىپ شۇنداق قىلدىمۇ، بۇنىسى قاراڭغۇ. ئىشقىلىپ باشلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۇنىڭ بىزنىڭ بىر يىللىق خىزمىتىمىزدىن شەخسەن خۇلاسە قىلىدىغان، بىزنىڭ بولسا تېشىمىزدا ھېيت قىلىپ، ئىچىمىزدە مىڭ زارلاپ قالىدىغان كۈنىمىز ئىدى.

  تونۇشلارغا بىر ئاي بۇرۇنلا ھاۋالە قىلىپ، تولا سۈيلەپ، يالۋۇرۇپ بىر جۈپ ئۇلا تېپىپ قويغان ئىدىم. شۇ كۈنلەردە بۇ تاغ قۇشى ھۆكۈمەت ئەتىۋارلاپ قوغدايدىغان 1-دەرىجىلىق قوغدىلىدىغان قۇشلار قاتارىغا ئۆتكەن بولغاچقا، بۇنى تاپماقمۇ شۇنچىلىك تەسلىشىپ كەتكەن. توخۇچىلىك بىرسىنى مىڭ يۈەنگىمۇ سېتىۋالغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. باشلىق بىر قېتىم ياش چاغلىرىدا سۇنغان بوغۇمىنىڭ شۇ كۈنلەردە بەكلا ئاغرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا ئۇلانىڭ گۆشى، سۆڭىكىنى يەپ، پېيىنى تېڭىپ بەرسە ئوڭشىلىدىغانلىقىنى پۇرۇتۇپ قويغان ئىدى. ئۇنىڭ ماڭا ئاتايىتەن بۇلارنى دېگىنى، «تۇغۇلغان كۈنۈمدە سەن ماڭا مۇشۇلارنى سوۋغا قىل» دېگىنى ئىدى. بۇنداق «شەرەپلىك» ۋەزىپىنىڭ ماڭا يۈكلىنىشىدە مۇنداق ئىككى ئىشنى باشلىق كۆزدە تۇتقان بولسا كېرەك: بىرى، مەن بۇ يىل ئالىي ئۇنۋان ئالاتتىم. يەنە بىرى، مېنىڭ جەمئىيەتتە ئارىلىشىش دائىرەممۇ باشقىلارغا قارىغاندا كەڭ ئىدى.

  ئۆزۈمنىڭمۇ دىتىم ھەم پەمىم بار ئىدىم، ئىدارىدىمۇ خېلى قىيىن ئىشلارنى ئىشلەپ، كومپىيوتېرنى ئويۇنچۇقنىڭ ئورنىدا ئىشلىتەلەيتتىم. شۇڭا باشلىقمۇ مېنىڭ چېچەنلىكىمدىن سۆيۈنەتتى. ئۆزۈممۇ يۈز قىزارغۇدەك ئىشنى قىلىپ سالمايتتىم، ئەمما بۇ يىل ھېچنېمىنى ئويلىمىغاندىمۇ، ئۇنۋان مەسىلەمنى ئويلاشمىسام بولمايتتى. شۇڭا باشلىق تاپشۇرغان بۇ ۋەزىپىنى چوقۇم بەجا كەلتۈرۈشۈم كېرەك ئىدى.

  جۈمە كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇلارنى چىرايلىق قاپقا سېلىپ ئۆيدىن چىقىۋاتسام، كىچىك ئوغلۇم ئالدىمغا ئۇچراپ قالدى.

  ـــ نەگە بارىسىز، دادا؟ــ دېدى ئۇ. «باشلىقنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە بارىمەن» دەپ ئۆزۈمنى خۇشامەتچى-تەخسىكەشتەك كۆرسىتىشتىن خۇدۈكسىنىپ يالغان سۆزلىدىم:ـ

  ــ چوڭ ئاپاڭانىڭ ئۆيىگە، بالام،ــ دەرۋەقە ئاپامنىڭ ئۆيى بىلەن باشلىقىمىزنىڭ ئۆيى بىر ئولتۇراق رايونىدا ئىدى، شۇڭا ئاغزىمغا شۇ گەپ تېزلا كەلدى.

  ـــ مەنمۇ بارىمەن،ـــ دېدى ئۇ قەغىشلىق قىلىپ. ئاپىسىمۇ:«ئاپىرىڭ، بالىنى چوڭ ئۆيگە قۇيۇپ قويۇپ، ئىشىڭىز تۈگىگەندە بىللە يېنىپ كەلسەڭلەر بولمىدىمۇ؟» دەپ تەڭ چاۋاك چالغاچقا، ئامالسىز بالامنى ئېلىپ ئاپامنىڭ ئۆيىگە، توغرىسى باشلىقنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. ھېلىقى بىر جۈپ ئۇلا قاچىلانغان قەغەز يەشىكنى قولۇمدا كۆتۈرۈۋالغان ئىدىم.

  ـــ قولۇڭدىكى نېمە ئۇ؟ چوڭ ئاپامغا ئالغان نەرسىما؟

  ـــ ئۇلا...ھە...ـــ ئەزەلدىن بالىغا يالغان گەپ قىلىپ باقمىغاچقىمۇ ياكى بالامغا يەشىكنى قانداق قىلىپ چۈشەندۈرۈشنى ئويلىمىغاچقىمۇ، دەماللىققا كېكەچلەپ كەتتىم. توۋا؟ ئالما ياكى نەشپۇت دېسەم بولماسمىدى-ھە؟ گالۋاڭلىقىمغا ئاچچىقىم كەلدى، ئەمدى بۇ شەيتاننىڭ سوئاللىرى تۆكۈلۈپلا كەتتى.

  ـــ ئۇلا دېگەن نېمە ئۇ؟

  ـــ تاغدا ياشايدىغان بىر خىل توخۇچىلىكلا قۇش.

  ـــ ھە! بىزنىڭ تەبىئەت دەرسىدە رەسىمى بار. مۇئەللىم ئۇلانى نەسلى قۇرۇپ كەتكىلىۋاتىدۇ، شۇڭا ھۆكۈمەت قوغدايدۇ دىگەنتىغۇ؟... دادا، سىز ئۇنى قانداق تۇتتىڭىز؟ ساقچى بىلىپ قالسا قانداق قىلىسىز؟ ئۇنى چوڭ ئاپامغا نېمىشقا ئاپىرىپ بېرىسىز؟..
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر