باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئەدەبىيات

لايىق يىگىت(1)

نۇرگۈل ئەبەي

2015.08.20 10:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئەتىگەندىلا يولدىشىم بىلەن سوقۇشۇپ قېلىپ، خاپا ھالدا ئىشخانىغا يېنىپ كەلدىم. قېرىشقاندەك ئىشخانىمۇ شۇنچىلىك قالايمىقان ئىدى، ئادەتتىمۇ شۇ ئىدى، ئىشخانىنىڭ تازىلىقىنى مەن قىلمىسام، بىر ئىشخانىدا ئىشلەيدىغان مېھراي ئاسانلىقچە ئىشخانىنى سىيرىپ، سۈپۈرۈپمۇ قويمايتتى.«مۇشۇنداق تېشى پال-پال، ئىچى غال-غال ياسانچۇقنى كىممۇ ئالار؟» دېگەننى ھەر قېتىم ئۇنىڭغا ئۆچلۈك قىلغاندا ئويلاپ قالاتتىم. مېھراي يېشى 25 ياشتىن ئاشقان چىرايلىق قىز ئىدى، ياش بولغاچقا، كومپىيوتېرلاشقان نۇرغۇن خىزمەت ئىشلىرى ئۇنىڭ قولىدا بىردەمدىلا بىر ياقلىق بولاتتى. شۇڭا باشلىقمۇ ئۇنى باشقىچىلا ئەتىۋارلايتتى، مەنمۇ بەزى يۇمشاق دېتاللارنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمەي قالغىنىمدا، تولا ئۇنىڭ ياردىمىگە ئېرىشەتتىم. شۇڭا ئىچىمدە غوتۇلدىغىنىم بىلەن ئۆزۈممۇ ئۇنىڭغا يول قۇياتتىم. بۈگۈن يولدىشىمنىڭ ۋەيرانلىقى، ياتقان ئورۇن-كۆرپىلىرىنىمۇ يىغماي، سافانىڭ ياپقۇچلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىپ، ئەتىگەندىلا سونايلىنىپ تېلېۋىزور قويۇۋېلىشلىرى جېنىمغا جاق تەگكەن بولغاچقا، باشتا بوش ئاۋازدا كوتۇلداپ، ئاخىرى ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇنىڭ ئاخشام يۇيۇقسىز قالغان كىر پايپىقىدىن تارتىپ، قالايمىقان تاشلىۋەتكەن كىيىم-كېچەكلىرىگىچە، ئىككى ئوغلۇمنىڭ ۋەيرانە تاشلىۋەتكەن سومكا، ئاياغ، كىتابلىرىغىچە ھەممىنى سىرتقا ئاچىقىپ، ئاچچىقىمدا پەلەمپەيدىنلا تاشلىۋەتكەن ئىدىم. ئېرىم ماڭا بىر قارىۋېتىپ، ئاچچىقىدا تېلېۋىزورنى ئۆچۈردى-دە، ئاياغلىرىنى كىيىپلا سىرتقا چىقىپ كەتتى. مېنىڭ يەنە «مىڭەم قىزىغان»لىقىنى كۆرگەن چوڭ بالام چاققانلىق بىلەن ھېلىقى مەينەت ۋەيرانچىلىقنى پەلەمپەيدىن ياندۇرۇپ كىردى-دە، پاسكىنا كىيىملەرنى كىرئالغۇغا، كىتاب، بوخچىلارنى جاي-جايىغا قويدى. ئادەتتە ھەممە ئۆي ئىشلىرىنى ئۆزۈم قىلاتتىم، ۋەيرانچىلىقنىمۇ غىڭ قىلمايلا بىر ياقلىق قىلاتتىم،

  بۈگۈنكىدەك تولا ئاچچىقلاپمۇ كەتمەيتىم، ئاچچىقىم كەلگەندىمۇ ئۆزۈمنى زورىغا بېسىۋېلىپ، ئاچچىقلاپ ئولتۇرغاننىڭ ئورنىدا قىلىپ تۈگىتەتتىم. ئەمما بۈگۈنكىدەك چىدىغۇسىز ھالغا يەتكەندە بارلىق ھاردۇقلىرىمنى، بۇ ئائىلىدە خۇددى چاكاردەكلا ئىش قىلىپ، ھەم شۇنداق مۇئامىلىگە ئېرىشىپ قېلىۋاتقان بارلىق خورلۇقلىرىمنى، ئىدارىدىكى ئېغىر خىزمەت بېسىملىرىنى ھارغۇچە چېچىلىپ، ۋارقىراش، بىر ئىشلارغا باھانە قىلىپ يولدىشىمنى تىللاش، بالىلىرىمنى ھەتتا ئۇرۇش ئارقىلىق چىقىرىۋالاتتىم. ئايدا-يىلدا بولۇپ قالىدىغان بۇنداق بىشەملىكىمنى يولدىشىم «كېسىلى تۇتتى»غا چىقىرىۋېتەتتى. بالىلارمۇ بۇنداق «كېسىلىم تۇتقان كۈن»دە ماڭا باش كۆتۈرۈپمۇ قارىمايتتى. بۈگۈن ئاشۇنداق ئاچچقلاش، چېچىلىش، يىغلاش بىلەن ئۆي ئىچىدىكى قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ ئىدارىغا كەلسەم، ئىدارىدىمۇ بىر تالاي ۋەيرانچىلىق مېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، تېخىمۇ خۇرۇجۇم ئۆرلەپ كەتتى. لېكىن ئۆيدە «كېسىلىم تۇتقان» بىلەن ئىشخانىدا تۇتسا بولمايتتى، شۇڭا غىڭ قىلماي تازىلىق قىلىشقا تۇتۇندۇم. ئىش ۋاقتى توشۇپ دەل 10 مىنۇت ئۆتكەندە، مېھراي غىڭشىپ ناخشا ئېيتىپ پەيدا بولدى:

  ـــ ماھىنۇر ھەدە، يەنە سەت بوپتۇ، تازىلىقنى يەنە سىز قىلىۋېتىپسىز،ــ دېدى ئۇ شەكىل ئۈچۈنلا، يالغاندىن خىجىل بولۇپ. ئادەتتە تىلىمنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ «ھېچقىسى يوق، كىم بالدۇر كەلسە شۇ قىلىۋەتسە بولىۋېرىدۇ» دەپمۇ قوياتتىم، بۈگۈن بەكلا جىلى بولۇپ تۇرغاچقا، ئۇنداق دېگۈممۇ كەلمىدى، ئۇنى ئاغزىمنى قويۇۋېتىپ تىللىۋەتمەي ئۆزۈمنى تۇتۇپ تۇرغىنىمنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ ئىش ئىدى.

  ـــ كەچۈرۈڭ، ھەدە، سىزگە ئۆتكەندە گېپىنى قىلىپ بەرگەن ھېلىقى نىجات دېگەن ئەتىگەندىلا ئىشىكىمىزنىڭ ئالدىغا ئۈنۈپتۇ:«شەھەرگە كىرىپ چىقايلى، تۇغۇلغان كۈنۈمنى شۇ يەردىكى دوستلىرىم ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى ئىدى» دەپ. ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارىدىغان كىمنىڭ ۋاقتى دەڭە؟ شۇنى چۈشەندۈرىمەن دەپ يەنە كېچىكتىم.

  ـــ بارسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇ ئۆزىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى شۇنچە چوڭ بىلىپ ئەتىگەندىلا ئىشكىڭىزنىڭ ئالدىغا كەلگەندىكىن بارغۇلۇقتى، رۇخسەت ئالسىڭىز بولاتتىغۇ؟ـــ ئەمدى يەنە گەپ قىلمىسام بولمايتتى، «ئاشۇ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشنى چوڭ بىلىدىغان غىتمەكتىن باشقىسى سېنىمۇ ئالماس ئەمدى» دېدىم ئىچىمدە.

  ـــ ۋاي تاڭەي... ئۇ پەقەت كۆزۈمگە سىغمايدۇ جۇمۇڭ، خۇددى چوڭ بولمىغان كىچىك بالىدەكلا...

  ـــ سىزگە ئەسلى تۇغۇلغان كۈن، ھېيت-بايرام دېگەننى بىلمەيدىغان قوپال ئەر كىشى بولسا بولاركەنتۇق،ـــ دېدىم يولدىشىمنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈرۈپ. يولدىشىم ئادەتتە مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم بولۇۋاتامدۇ، بالىلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇۋاتامدۇ، ئاياللار بايرىمىمۇ، ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمىمىمۇ... ئەزەلدىن كارى بولمايتتى. گۈل كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئەرلەرنى «خېنىم تاجەك»كە چىقىرىپ، پىخىلداپ كۈلۈپ كېتەتتى.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر