باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

«ئەتىرگۈل كوچىسى»رومانىدىن پارچە(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.07.31 15:57         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بوۋاي قىلىن قار بىلەن چۈمكەلگەن بىنا ئەتراپىنى مەخسەتسىزلا نەچچە قىتىم ئايلىنىپ چىقتى. ئۇ گويا كىمنىڭدۇر ئاياغ ئىزىنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپقا سەپ-سىلىپ قارايتتى.ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدىكى بۇ قورۇ ئىچىدە يات ئىزلار بولمايتتى. بولغان تەقدىردىمۇ كىچە ياققان قار ھەممىنى چۆكۈرۈپ تاشلايتتى. بوۋاي كىتىۋىتىپ قار ئۈستىدە ئۆزىنىڭمۇ ئاياغ ئىزى چىقمىغىنىغا ھەيران قالدى. ئۇنىڭ جۇغى كىچىكلەپ،تىنى بەكلا يەڭگىللەپ كەتكەندەك قىلاتتى. سەللا بىخەستىلىك قىلىپ پۇتىغا قىلىنراق ھەم ئىغىرراق ئاياغ كىيمىسە لىككىدە ئۇچۇپ ھاۋادا لەيلەپ قالدىغاندەك قىلاتتى. بوۋاي قورۇ ئىچىنى ئايلىنىپ كىتىۋىتىپ ئۆزىنى بىردىنلا بىنانىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدە كۆردى. بۇ يەر بىر بوشلۇق بولۇپ ،بوۋاي تەسەۋۋۇر قىلغاندەك ئالاھىدە گۈزەل نەرسىلەر يوق ،پەقەت ئەتراپتا سۈزۈك بىر قەۋەت تۇمان لەيلەپ تۇراتتى. بوۋاي بىنانىڭ يەتتىنچى قەۋىتىدە تۇرۇپ ئەتراپتىكى ھەممە نەرسىلەرنى ئەينەن كۆرەتتى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئەمدى بىنادىكى ئادەملەرلا ئەمەس ئۆزى پەرۋىشلەپ ئۆستۈرگەن گۈل بەرگىلىرىدىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ھەتتا قۇرۇت –قوڭغۇزلارنىڭ يەر ئاستىدىكى جۈپلىشىشلىرىنىمۇ قىچىپ قۇتۇلالمايتتى.

  باغۋەن بوۋاي قورۇدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە خۇددى بىراۋ مىنى قولۇمدىن سۆرەپ كىرگەندەك تورغا خۇمار بولدۇم.

  -ۋاي خۇدا ! نىمە ئىش بو؟-دەپ سۆزلەپ كەتتى گۇليار مىنىڭ كومپىيۇتۇر ئالدىدا قادىلىپ ئولتۇرغان ھالىتىمگە قاراپ ھەيران بولۇپ –تور شۇنچە جەلپ قىلارلىكمىكەن؟ شۇنداق ياخشى نەرسىلەر بارمىكەن؟

  -مەن بۇ مەۋھۇم دۇنيانى چۈشىنىپ باقاي دەيمەن-دىدىم كۈلۈپ تۇرۇپ.

  -ئۇنى ئىزدەۋاتقانسىز ھەقىچان..-دىدى ئۇ چاقچاق ئارىلاش.

  مەن –ھەئە-دىگەن مەنىدە بىشىمنى لىڭشىتتىم.

  - ئۇنى راستلا تىخىچە ئىزدەۋاتامسىز؟-سورىدى گۈليار مىنىڭ چىرايىمغا تىكىلىپ.

  -ھەئە، -دىدىم يەنە ئىختىيارسىز توردىن كۆز ئۈزمەي- ئۇنى مۇشۇ يەردىن تاپالارمەنمىكىن دەيمەن.

  تور دۇنياسى مەۋھۇم ھەم گۈزەل بىر دۇنيا ئىدى. نەچچە ۋاقىت تور دۇنياسىدا ئارىلاپ يۈرۈپ، رىئاللىقتىن تولۇق چەتنەشكە باشلىغانىدىم. ھاياتىمدىكى ھەممە نەرسە مەڭگۈ قايتىلانماس ئۆتمۈشكە ئايلانغانىدى. مەن ھەتتا ئىلگىرىكى ھىس-تۇيغۇلىرىمدىنمۇ يىراقلاپ كەتكەنىدىم.

  بىر كۈنى تور كۆرۈۋىتىپ تاسادىبى پۇرسەتتە بىر ئەرنى ئۇچرىتىپ قالدىم. نەچچە كۈن ئۆتۈپ بايقىدىمكى ئۇ ئۆزىنى تەنھا قويۇۋاتقان بۇ رىيال دۇنيادىن ۋاز كىچىپ تور دۇنياسى ئىچىگە ئەسەبىلىك بىلەن شۇڭغىغان ھەسرەتلىك شائىر دەل شۇ ئىدى. ئۇ كۈندە دىگۈدەك شىېر يازاتتى.شىېرلىرى تور بەتلىرىنى قاپلاپ،تور بەتلىرىدە نۇردەك يىيىلىپ تۇراتتى. تور دۇنياسىدا ئۇنى تونۇمايدىغانلار ،ئۇنىڭغا قىزىقمايدىغانلار يوق دىيەرلىك ئىدى. ھەممەيلەن ئۇنى جاللات دەپ چاقىرىشاتتى. قىزلارنىڭ جاللاتكا دەپ چاقىرىشىدا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ناز-كەرەشمە ھەم ئىشىق تۆكۈلۈپ تۇراتتى. مەنمۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى نۇرغۇن قىز-ئاياللاردەك ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئەگىشكە باشلىدىم.ئەمما مەن تىۋىشسىز ئىدىم،شۇڭا ئۇ مىنى ھىس قىلالمايتتى. پەقەت ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۇنىڭ شىېرلىرىنى ئوقۇپ ،ئۇنىڭ بىلەن غايىۋى مۇڭدىشىپ كۈنلەرنى كىچىگە، كىچىلەرنى تاڭغا ئۇلايتتىم.

  نەچچە ۋاقىت ئۆتۈپ شۇنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىدىمكى، مىنى توردىن بۆلەك،توردىكى ئۇنىڭ شىېرلىرىدىن بۆلەك ئەتراپىمدىكى ھىچنەرسە خۇشال قىلالمايتتى. بىر كۈنى ئۇنىڭ چچ نۇمۇرىنى تاسادىبى تىپىۋىلىپ ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم.

  -ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ! -دەپ سالام بەردىم مەن .

  -ۋەلەيكۇم ئەسسالام!-ئۇ مىنى ھەيران قالدۇرۇپ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇردى.

  -مەن سىزنى تونۇيمەن-دەپ يازدىم-يۇ ،بەكلا كۈلكىلىك گەپ قىلغىنىمنى ھىس قىلدىم .

  -مەنمۇ سىزنى تونۇيمەن-دەپ قايتۇردى ئۇ .

  - سىزنى ھەممە ئادەم تونۇغاچ شۇڭا مەنمۇ تونۇيمەن . سىز مىنى قانداق تونۇيسىز؟ -دەپ سورىدىم مەن .

  -سىزنى ھەممە ئادەم تونۇمىغاچ شۇڭا مەن تونۇيمەن –دەپ جاۋاپ بەردى ئۇ .

  ئۇنىڭ جاۋابىدىن كۈلۈپ كەتتىم.

  -سىزنىڭ شىېرلىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن-–دىدىم ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنى تەرىپلەپ

  -رەھمەت، مەنمۇ شۇنى ئۈمىد قىلاتتىم- دېدى ئۇ.مەن بىردىنلا ئۇنىڭ مىنى تونۇيدىغانلىقىنى بىلىپ ھەيران قالدىم.

  -مۇبادا مەن سىزنىڭ دوختۇرخانىڭىزغا كىرىپ داۋالاشنى قوبۇل قىلسام قارشى ئالارسىزمۇ؟ دەپ سورىدى ئۇ .

  ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتىم شۇڭا مەنمۇ چاقچاق ئارىلاش جاۋاپ قايتۇردۇم.

  -بىزنىڭ دوختۇرخانىدا شائىرلارنى شىئېر يازالمايدىغان قىلىپ داۋالاپ قويۇشىمىز مۇمكىن، مەيلىمۇ ؟

  -مەيلى، ئۇنداقتا تېخى ياخشى-دەپ ئۇچۇر قايتۇردى ئۇ.

  -بولىدۇ- دېدىم ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىدىن ھەيران بولغىنىمدىن ئارتۇقچە نىمە دىيىشىمنى بىلەلمەي.

  -مۇبادا خالىسىڭىز يەكشەنبە كۈنى چۈشتە سىزنى تاماققا تەكلىپ قىلاي-دىدى ئۇ.

  ئۇنىڭ بۇ سۆزىمۇ ماڭا چاقچاقتەكلا تۇيۇلدى. شۇنداقتىمۇ تولىمۇ قىزغىنلىق بىلەن جاۋاپ قايتۇردۇم.

  -جېنىم بىلەن خالايمەن!- –دەپ يازدىم.

  -ئەمىسە يەكشەنبە كۈنى كۆرۈشەيلى-دېدى ئۇ.

  مەن ماقۇل دەپ ئۇچۇر قايتۇردۇم. ئۇنىڭ بىلەن ئۇچۇرلاشقان شۇ كۈندىن بۇيان ھاياجاندا قولۇم ئىشقا بارمايتتى. كۆزۈمگە ئۇنىڭ سىماسىدىن بۆلەك ھىچكىم ھەم ھىچنەرسە كۆرۈنمەيتتى. ئۇنىڭ بىلەن قايسى تەرىزدە پاراڭلىشىنى، نېمىلەرنى دىيىشنى خىيال قىلاتتىم. يەكشەنبە كۈنىنىڭ بۇندىن كىيىنكى ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇقەددەس گۈزەل كۈن بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلاتتىم .

  بۇ دەل ئەتىرگۈللەر ھۈپپىدە ئىچىلغان پەسىل ئىدى. قورو ئىچىدىكى گۈللەرنىڭ بەرگىلىرىدىكى شەبنەم نازۇك تەبىئەتلىك ئايالنىڭ ھاياجانلىق كۆز ياشلىرىنى ئەسلىتەتتى. ئاۋۋال كۈنلەرنى، ئاندىن سائەت، مىنۇتلارنى ھىساپلاپ يەكشەنبە كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىدىغان ۋاقىتنى كۈتۈشكە باشلىدىم . يەكشەنبە كۈنى ئەتىرگۈل رەڭلىك قىزىل كۆڭلىكىمنى كىيىپ، لەۋلىرىمگە سۇس لەۋ سۇرۇخ سۈرۈپ چىرايلىق ياسىنىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشكە چىقتىم. كۆرىشىدىغان جايغا ئۇنىڭدىن بۇرۇن بىرىشقا ئالدىرايتتىم. ئۇنى نەچچە سىكونتمۇ ساقلاتقۇم يوق ئىدى. كۆرۈشىدىغان جايغا بىرىپ نەچچە مىنۇتتىن كىيىنلا ئۇ گويا خىيالىمدىكى ئاق ئاتلىق شاھزادىدەك يىراقتىن ماڭا قاراپ كىلىشكە باشلىدى. مەن شىېرلار توپلىمىدىكى سۇرىتىنىلا كۆرگەن ھەسرەتلىك شائېر كۆز ئالدىمدا نۇرلىنىپ تۇراتتى. مەن ئۇنىڭدىن كۆزۈمنى ئۈزەلمىدىم. ئۇنىڭ بوي-بەستى باراقسانلاپ ئۆسكەن چىنار دەرىخىدەك بەكلا سۇمباتلىق ئىدى. ھەسرەت بىلەن خىيال ئارىلىشىپ كەتكەن كۆزلىرىدە ھەرقانداق ئايال زاتىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلالايدىغان كۈچلۈك بىر نۇر ئىقىمى بالقىپ تۇراتتى.

  -ساقلىتىپ قويمىغاندىمەن؟ -دىدى ئۇ مەندىن كۆز ئۈزمەي تىكىلىپ تۇرۇپ.

  -ياق ،مەنمۇ ھازىرلا كىلىشىم-دىدىم يۈرۈگۈمنىڭ دۈكۈلدەشلىرىنى ئاڭلاتماسلىققا تىرىشىپ –سىزنى ساقلىتىپ قويماي دەپ بۇرۇنراق ئۆيدىن چىققانىدىم.

  بىزنى سەلكىن شامال يىنىك سۆيۈپ ئۆتتى.

  بىز ھەشەمىتى بىلەن كۆزلەرنى قاماشتۇرىدىغان«شاھ سۇلتان»تاماقخانىسىغا كىردۇق. يانمۇ-يان مىڭىپ تاماقخانىنىڭ ئىككىنچى قەۋىتىگە قاراپ ئاستا-ئاستا ئۆرلەشكە باشلىدۇق. ئۇنىڭ مەزمۇت ئاياغ تىۋىشى ھەم سەلگىنە چايقىلىپ تۇرغان كەڭ يەلكىسى بوي-بەستىگە ئىسىل بىر سۈلكەت بىغىشلىغانىدى. مەن بىردىنلا ئەتراپتىكىلەرنىڭ بىزگە ھەيرانلىق ھەم ھىرىسمەنلىك بىلەن قاراۋاتقانلىقىنى بايقىدىم. ئۇ ئازادە بىر ئۈستەلنىڭ ئالدىغا كىلىپ، مىنى ئەدەپ بىلەن ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىۋىتىپ، ئۆزى ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇنغا جايلاشتى. يۈرۈگۈم چەكسىز بىر ئازادىلىكتە ئاستا-ئاستا كىڭىيىۋاتاتتى. كۆز نۇرۇمدا ئۈستەل ئەتراپىغا تىزىلغان ھۈپپىدە ئىچىلىپ تۇرغان گۈللەر ھەم مەندىن كۆز ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرغان قامەتلىك ئەردىن بۆلەك ھىچكىم ھەم ھىچنىمە يوق ئىدى. گويا شاھ ئوردىسىدەك بىزەلگەن بۇ كاتتا قورۇ ئىچىدە پەقەت ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىزلا بار ئىدۇق. گويا بۇ جايدىكى ھەم بۇ ئالەمدىكى ھەممە نەرسە پەقەت بىزگىلا تەئەللۇق ئىدى.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر