باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئىككى كەپتەرنىڭ ھېكايىسى(1)

رىزۋانگۈل يۈسۈپ

2015.07.31 15:49         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىككى كەپتەر بىر-بىرىگە ھەمسۆھبەت ۋە سىرداش بولۇپ بىر ئۇۋىدا ھايات كەچۈرىدىكەن.ئۇلارنىڭ يا كۆڭۈللىرى كىرلەشمىگەن،يا زامان مىھنىتىدىن كۆڭۈللىرى رەنجىمىگەن بولۇپ،ئازغىنە سۇ ۋە دانغا قانائەت قىلىپ ئۆتۈشىدىكەن.ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى بازەندە،يەنە بىرىنىڭ ئىسمى ناۋازەندە ئىكەن. ئۇلار ئىككىلىسى تا سۈھبىدىن كەچ كىرگىچە بىرلىكتە نەغمە-ناۋا قىلىشىپ،ئۈنلىشىپ-سايرىشىپ كۈن ئۆتكۈزىدىكەن.
بىر كۈنى بازەندە سەپەرگە چىقىشنى ئارزۇ قىلىپ قاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن بازەندە دوستىغا شۇنداق دەپتۇ:
بىز ھەمىشە بۇ يەردە تۇرىۋىرىمىزمۇ؟ھەمىشە بىر ئۇۋىدىلا ھايات كەچۈرىمىزمۇ؟مەن ئىككى-ئۈچ كۈن باشقا جايلارنى سەيلە قىلىپ ئاجايىپ نەرسىلەرنى كۆرۈپ كىلىشنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن،كونىلار «سەپەر دىمەك زەپەر دىمەك»دەپ ئىيتىشقانىكەن.قارا ،ئاسمان ھەمىشە سەپەردە يۈرگەنلىگى ئۈچۈن ھەممىدىن ئىگىز تۇرىدۇ،يەر ھەمىشە ماڭماي بىر ئىزىدا تۇرغانلىغى ئۈچۈن خالايىقلار پۇتى بىلەن ئۇنىڭ بىشىغا دەسسەيدۇ ئەمەسمۇ؟
-ئەي جىنىم دوستۇم!- دەپتۇ ناۋازەندە- سەن تىخى سەپەر مۇشەققىتىنى،غۇربەتچىلىكنىڭ جاپاسىنى تارتىپ باقمىغان.بىلسەڭ ئىدىڭ كاشكى،سەپەر دىگەن پىراقتىن باشقا مىۋە بەرمەيدىغان دەرەخ،غۇربەتچىلىك دىگەن كۆز يىشىدىن باشقا يامغۇر ياغدۇرمايدىغان بۇلۇتتۇر.
-گەرچە غۇربەتچىلىك جانغا جاپا بولسىمۇ-دەپتۇ بازەندە ئۇنىڭغا جاۋابەن-شەھەرلەرنى كۆرۈش ۋە ئاجايىباتلارنى زىيارەت قىلىش كۆڭۈلنى ئاچىدىغۇ؟كىشىنىڭ سەپەرنى كۆڭلى تارتقان چاغدا،ئۇنىڭ مۇشەققەتلىرى قىلچە بىلىنمەيدۇ.پۈتۈن ئەس-يادى يوللاردىكى ئاجايىب-غارايىپلار بىلەن بولسا ،يولنىڭ كۈلپىتى كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ.
-ئەي ئوبدان دوستۇم-دەپتۇ نازاۋەندە-پۈتۈن جاھاننىڭ سەيلىسى ۋە باغى ئىرەمنىڭ تاماششاسىمۇ سىرداش دوستلار بىلەن قىززىيدۇ.كىشى دوستلاردىن ئايرىلىپ يالغۇز سەيلە-تاماششاغا چىقسا،ئاشۇ تاماششا ئۇنىڭ رەنجىگە قانچىلىك شىپا بىرەلىسۇن؟ ھىلىمۇ خۇداغ شۈكۈر،بىزدە نىمىلا بولمىسۇن بىر ماكان بار.ئوزۇق-تۈلۈك تىپىلىپ تۇرىدۇ.ئۆزۈڭنى قەستەن جاپاغا ئۇرمىساڭچۇ!
-ئەي تىرىكچىلىكنىڭ ئۈلپىتى دوستۇم-دەپتۇ بازەندە-ئەمدى ھىجران –پىراق دىگەن گەپلەرنى تولا دەۋەرمىگىن.ئالەمدە دوست دىگەن تولا،ھەر كىم دوستىدىن ئايرىلسا غەم قىلماي ،يەنە بىرى بىلەن دوست بولغۇلۇق.ئەگەر بۇ يەردە سىنىڭ ۋەسلىڭدىن مەھرۇم قالسام،ئازغىنە ۋاقىت ئىچىدە باشقا يەردە يەنە بىر دوست تىپىۋالىمەن.
-ئەي ئەزىز دوستۇم!ھازىر كونا دوستنىڭ سۆھبىتىدىن ئۈزۈلۈش ھەۋىسى بىشىڭغا چۈشۈپتۇ.يىڭى دوست تىپىش پىكرى كۆڭلۈڭگە كىرىۋاپتۇ.ھەكىمنىڭ:
بىرىنى تاشلاپ يەنە بىرىنى تۇتمىغىن،
يىڭىنى دەپ كونىنى ئۇنتىمىغىن.
دىگەن سۆزىگە تاجاۋۇز قىلىدىغان بولدۇڭ.مىنىڭ سۆزلىرىم ساڭا قىلچىلىكمۇ تەسىر قىلمايۋاتىدۇ،بوپتۇ ،ھەممە ئىش ئىختىيارىڭچە بولسۇن-دەپ سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپتۇ ناۋازەندە.
شۇنىڭ بىلەن گەپ ئۈزۈلۈپ ئۇلار بىر-بىرى بىلەن ۋىدالىشىپتۇ.بازەندە دوستىنىڭ سۆھبىتىدىن كۆڭۈل ئۈزۈپ ھاۋاغا پەرۋاز قىپتۇ.ئۇ قەپەستىن ئازاد بولغان قۇشتەك پۈتۈن رىغبىتى بىلەن كۆكنىڭ قەرىدە پەرۋاز قىلىپ،ئىگىز تاغلار ۋە جەننەتتەك گۈزەل باغلارنى تاماششا قىلىپ ئۇچۇپ كىتىۋىتىپ ئالدىغا بىر تاغ ئۇچراپتۇ.بۇ تاغ ئىگىزلىگىنى پەلەك بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ لاپ ئۇرىدىكەن،چوڭلۇقتا پۈتۈن يەرنى ئۆزىنىڭ ئالدىدىكى بىر پارچە تۇپراق سانايدىكەن.بۇ تاغنىڭ ئېتىگىدە بىر ئورمانلىق بار بولۇپ،سىياقى ئاسمان گۈلزارىدىنمۇ گۈزەل،شامىلى خوتەن ئىپارىدىنمۇ خۇشپۇراقلىق بولغان،كۆڭۈلنى ئاچقۇچى بىر ئورمانلىق ئىكەن.
ئىچىلغان ئۇنىڭ مىڭ خىل گۈللىرى
سۇلار ئۇيقىدا كۆكتاتلار ئويغاق.
گۈللىرى ئۇنىڭ گۈزەل رەڭمۇ-رەڭ
خۇش-پۇراققا تولغان ھەممە ياق.
بۇ ياخشى مەنزىل بازەندىنىڭ كۆڭلىگە يىقىپ قىلىپ ،ئۇ يەرگە چۈشۈپ ئۆتمەكچى بوپتۇ-دە،شۇ جايغا چۈشۈپ بىر ئاز ئارام ئاپتۇ.تىخى سەپەر ھاردۇقى چىقىپ يول ئازابى كۆتۈرۈلمەستىلا،بىردىنلا ئاۋۋال قاتتىق بوران چىقىپ،ئارقىدىنلا ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماقلار چىقىپ شاقىراپ يامغۇر يىغىشقا باشلاپتۇ.
چاقماق تىغى بىلەن تاغ كۆكسى بولدى پارە-پارە،
گۈلدارماما غوۋغاسىدا تىترەيتتى يەر ھەر بارە.
بۇ ھالدا بازەندە يامغۇردىن پاناھ بولغۇدەك بىرەر جاي تاپالماپتۇ.ھاۋانىڭ سوغۇقلىقىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئالغۇدەك ماغدۇرى قالماپتۇ.شۇنداق بولسىمۇ ئۇ شاخلارنىڭ تۈۋىگە يوشۇرۇنۇپ،يوپۇرماقلارنىڭ دالدىسىغا بىر پەس مۆكۈپ تۇرۇپ بىقىپتۇ.لىكىن يامغۇر ۋە مۆلدۈر بارغابسىرى كۈچىيىپ،چاقماق ۋە گۈلدارمامىنىڭ شىددىتى بارغانسىرى ئەۋجىگە كۆتۈرۈلۈپتۇ.
شۇنداق قىلىپ بازەندە مىڭ بىر غەم-غۇسسە بىلەن ئاران تاڭ ئاتقۇزۇپتۇ ۋە تۇيۇقسىز كەلگەن بۇ بالا-قازاغا سەۋر قىپتۇ.شۇ چاغدا ئاندىن ئۆزىنىڭ ماكانىنى،ياخشى دوستىنى ياد ئىتىپ،يۈز ھەسرەت ۋە دەرت بىلەن كۆڭلى پارە-پارە بولۇپ،يۈرۈگىنىڭ چۇڭقۇر قاتلىمىدىن ئۇھ تارتىپتۇ.
بازەندە يەنە كۆككە پەرۋاز قىپتۇ. ئۇ ئۇچۇپ كىتىۋىتىپ بىر تۇرۇپ ئۆيگە قايتىپ كىتىشكە تەرەددۇد قىپتۇ،يەنە بىر تۇرۇپ ئىككى-ئۈچ كۈن پەرۋاز قىلىپ تاماششا قىلسام،خوشاللىققا ئۇلىشىپ قىلىشىم ئىھتىمال دەپ ئويلاپتۇ.شۇ ئەسنادا بىر لاچىن بازەندىگە ھۇجۇم قىپتۇ.بۇ لاچىن شۇنداق لاچىن ئىكەنكى،قانىتى كۈچلۈك،چاڭگىلى ئۆتكۈر بولۇپ،ئەگەر بىرەر شىكار جانىۋارىنى كۆرسە،ئۇنىڭ بشىغا خۇددى ئاپتاپ نۇرى يەرگە چۈشكەندىنمۇ ئىتتىك ئىتىلىپ كىلىدىغان،ئىگىز ئۈچۈشتا بولسا كۆزنى يۇمۇپ-ئاچقۇچە ئارىلىقتا ئاسمان –پەلەككە ئۆرلەپ بولىدىغان لاچىن ئىكەن.
بىچارە كەپتەرنىڭ لاچىنغا كۆزى چۈشىشى بىلەنلا يۈرۈگى قىپىدىن چىقىپ،قورققىنىدىن ھىچبىر ئەزاسىدا ماغدۇر قالماپتۇ.ئۇ تۆت ئەتراپقا قاراپ ئۆز-ئۆزىگە :«ئەگەر بۇ ھالاكەتتىن سالامەت قۇتۇلسام،سەپەر قىلىش دەيدىغان خىيالنى ھەرگىز خاتىرەمگە كەلتۈرمەيمەن»ۋەدە بىرىپتۇ. ئۇنىڭ بۇ ياخشى نىيىتىنىڭ بەرىكىتىدىن ئۇنىڭغا نىجات يولى ئىچىلىپتۇ.ئۇنىڭ تىلىكى ئىجابەت بولۇپ ،بۇ بالادىن شۇنداق خالاس بوپتۇكى،لاچىننىڭ پەنجىسى دەل ئۇنى بوغىدىغان چاغدا ئاجدىھا سۈپەتلىك بىر بۈركۈت ئوزۇق ئىزدەپ چىققان بولۇپ،ئۇ كەپتەر بىلەن لاچىننىڭ ھالىنى كۆرۈپ قاپتۇ.
بۈركۈت ئۆزىچە:«بۇ كەپتەرغۇ ماڭا تۇشلۇق نەرسىمۇ ئەمەس،ناھايتى بىر لوقما بولىدىغان ئوزۇق،ئەمما يامان نەپسكە ئازراق بولسىمۇ تەسەللى تاپقىلى بولىدۇ.مۇشۇ نەرسىنى ناشتىلىق قىلىشقا قانائەت قىلىدىغان بولدۇم-دە!»دەپ ئويلاپ،كەپتەرنى لاچىننىڭ قولىدىن تارتىۋالماقچى بولۇپ ھەملە قىپتۇ.جۇغى كىچىك بولسىمۇ غەيرىتى چوڭ لاچىن بۈركۈتكە قارشى ئىتىلىپتۇ،ئىككىسى بىر-بىرى بىلەن جەڭگە-جىدەلگە چۈشۈپتۇ.بازەندە پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ئۆزىنى دەرھال يەردە ياتقان بىر تاشنىڭ دالدىسىغا ئاپتۇ.
ئىككى قۇش بىر-بىرىگە چاڭگال ئاچتى،
تىپىپ پۇرسەت بۇ كەپتەر بەدەر قاچتى.
تاشنىڭ ئوتتۇرسىدا قۇشقاچمۇ پاتمايدىغان بىر تۆشۈك بار ئىكەن.كەپتەر مىڭ مۇشاققەت بىلەن ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ كەچ كىرگۈچە ئۇنىڭ ئىچىدە يىتىپتۇ.كىچىنىمۇ شۇ تۆشۈك ئىچىدە ئازاپ ئىسكەنجىسىدە ئۆتكۈزۈپتۇ.
تاڭ ئاتقاندا بازەندە تاشنىڭ تۆشۈكىدىن چىقىپ،ئاچلىقتىن ئۇچقىدەك ماجالى بولمىسىمۇ كۈچىنىپ قانات قىقىپتۇ ۋە ئوڭ-سولغا،ئالدى-ئارقىسىغا قاراپ ھەزەر قىلىپ كىتىۋىتىپ يەر ئۈستىدە تۇرغان بىر كەپتەرنى كۆرۈپتۇ.ئۇنىڭ ئالدىدا دان تۇرغانىكەن.«بۇ كەپتەر توزاققا چۈشۈپ قاپتۇ-دە »دەپ ئويلاپتۇ بازەندە.ئەمما ئاچلىق ئۇنى بەكلا قىيناپ كەتكەچكە ئارتۇقچە ئىھتىيات قىلماي ئىختىيارسىز ھالدا ئۇنىڭ قىشىغا بىرىپتۇ-دە،يەردە تۇرغان دانغا شۇنداق بويۇن سۇنىشىغىلا توزاققا ئىلىنىپتۇ.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر