باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تەقدىر

قەيسەر قېيۇم

2015.05.28 10:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەندە قاچاندىن باشلاپ بۇ «توي» ئۇقۇمىنىڭ پەيدا بولۇپ قالغىنىغا ھازىر ئۆزۈممۇ ئېنىق بىرنېمە دەپ بېرەلمەيمەن. بەلكىم گۆدەك چاغلىرىمدا دادام، ئاپام، ھەدىلىرىم مەن بىلەن ئوينىشىپ «پالانچىنىڭ قىزىنى ئالامسەن؟» ياكى «ساڭا مەھەللىدىكى ھېلىقى قىزنى ئېلىپ بېرەيلى» دەپ ئەركىلەتكەنلىرىدە كاللامغا كىرىپ قالغان چېغى. لېكىن، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا قىلغان بۇ ھەقتىكى خىياللىرىم ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ چاغلاردا ئۈستىگە فورما كىيگەن قىزلار مەندە ئالاھىدە بىر تەسىر قالدۇرغانمۇ، چوڭ بولسام چوقۇم ساقچى، ھەربىي، سوتچى ئىشقىلىپ فورما كىيگەن قىزلار بىلەن توي قىلىمەن دەپ ئويلايتتىم. چۈنكى، ئۇ چاغلاردا بۇنداق فورمىلىق قىزلار مېنىڭ نەزىرىمدە دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل قىزلاردىن ھېسابلىناتتى. كېيىن ئاستا-ئاستا يېشىمنىڭ چوڭىيىشى ۋە ئوقۇشنىڭ جىددىيچىلىكى ئىچىدە بۇ گۆدەكلىك بىلەن قىلغان تاتلىق خىياللىرىم ئېسىمدىن كۆتۈرۈلۈپ قالدى.

  كىشىلەر بەزىدە تۇرمۇشتىكى تاساددىپىيلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان مۆجىزىلەردىن ھەيران بولمايمۇ تۇرالمايدۇ. ئەگەر بىز تۇرمۇشنىڭ ئون ياكى يىگىرمە ئۈلۈشىنى ئۆزىمىزنىڭ تىرىشچانلىقى، ئەقىل-پاراسىتى ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلتۈردۇق دېسەك، ئۇنداق سەكسەن ياكى توقسەن ئۈلۈشىنى تۇرمۇشتىكى تاساددىپىيلىقلار كەلتۈرەمدۇ... تەقدىرىمىز ھەقىقەتەن بۇ ئىككىيلەننىڭ تۇرمۇشىمىزدا ئىگىلىگەن ئورنى ئارقىلىق بەلگىلىنەمدۇ؟ مەن بۇ ھەقتە كۆپ ئويلاندىم. لېكىن يەنىلا ئۆزۈمدىن ئۆزۈم جاۋابسىز قالاتتىم.

  مەن قانۇن كەسپىنى پۈتتۈرۈپ قايتىپ كېلىپ سوتچى بولۇپ قالدىم. مەن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقىنىمدا تونۇشۇپ قالغان بىر يۇرتلۇق قىزمۇ كەينىمدىنلا ئوقۇش پۈتتۈرۈپ قايتىپ كەلدى. ئۇ تېببىي ئىنستىتۇتتا ئوقۇغانىدى. بىز ئوقۇشتىكى چاغلىرىمىزدا تاساددىپىي بىر پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغانىدۇق. شۇنىڭدىن كېيىن بىز يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدۇق. كېيىن بۇ دوستلۇق مۇھەببەتكە ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ مەن ئوقۇغان قانۇن كەسپىگە بەكلا قىزىقاتتى ھەمدە بىللە بولغان چاغلىرىمىزدا ئاستا قۇلۇقۇمغا شىۋىرلاپ « ئوقۇش پۈتتۈرسىڭىز يەنە مۇشۇ كەسىپىڭىزنى قىلامسىز؟» دەپ ئەركىلەيتتى.

  مەن ئىككى يىلدىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلدىم. ئۇ ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ دوختۇرخانىغا تەقسىم قىلىنغانىدى. نېمىشقىدۇ توي قىلغان كۈنى ئاشخانىدا دوستلىرىم بىلەن ئولتۇرۇپ كىچىك چاغلىرىمدا توي ھەققىدە قىلغان خىياللىرىم كاللامغا كىرىپ قالدى. تۇرمۇش دېگەن مۇشۇمۇ؟

  بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى ئېچىلىدىغان ھۆكۈم ئېلان قىلىش يىغىنىغا ئالدىراپ، ئايالىم تەييارلىغان ناشتىنى قىلىپلا ئىشقا ماڭدىم. ئايالىم توساتتىن: «توختاپ تۇرۇڭە» دەپ چاقىرىۋالدى. مەن ئىشىك تۈۋىدە ئۇنىڭغا قاراپ تۇردۇم. ئۇ يېنىمغا كېلىپ گالىستۇكۇمنى ئاستا تۈزەپ، فورمام ئۈستىگە قاچانلاردىدۇ يۇقۇپ قالغان توپىنى قېقىۋەتتى. ئاندىن قوللىرىمنى تۇتۇپ كۆزلىرىمگە مۇھەببەتلىك تىكىلىپ دېدى:

  ـــ كىچىك ۋاقتىمدىلا، چوڭ بولسام چوقۇم فورمىلىق بىرەر يىگىت بىلەن توي قىلىمەن، دېگەن ئىدىم. توۋۋا، دېگىنىم راست بولۇپ، ئاخىرى سىز بىلەن توي قىلدىم. مەن نېمە دېگەن بەختلىك-ھە!

  مەن ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدىم. ئۇ ئارىلاپ ماڭا: «سىز مۇشۇ فورمىڭىز بىلەن كۆزلىرىمگە بەكمۇ ھەيۋەت كۆرۈنىسىز» دەپ قوياتتى. يولدا ماڭغىچە يەنە خىياللىرىم چېچىلىپ كەتتى. مەن قايتىدىن يەنە ئىرادە، تەقدىر دېگەنلەر ھەققىدە ئويلىنىپ قالدىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر