باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ۋەھىمە(1)

2015.05.28 10:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىزنىڭ يېزىنى كۆردۈڭلارمىكىن، ناھىيەدىن خېلىلا يىراققا جايلاشقان، تاغنىڭ باغرىدىكى بۇ ئالقانچىلىك زېمىنغا ئاللاھنىڭ نەزىرى چۈشكەن چېغى تۇپرىقى ئوغۇت چېچىپ قويغاندەكلا مۇنبەت. يېزا ئىچى يازدا ياپيېشىل تۇرسا، قىشتا بولۇشىغا ياغقان ئاپئاق قار بىلەن تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىدۇ. بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىمۇ شۇنچىلىك ئىشچان، ئۇلار ئۆيى بىلەن ئېتىز ئارىلىقىدا چۈمۈلىدەك تىنماي ئەمگەك قىلىدۇ.
لېكىنزە يېزىمىزنىڭ كىچىكلىكىگە باقماي قىزىق ئىشلارمۇ دائىملا بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما قىزىق ئىشلار قاتارىدىكى يۈزىمىزگە داغ كەلتۈرىدىغان ۋەقەلەرنى باشقىلارغا زىنھار تىنمايمىز. ناۋادا سىرتتىن كەلگەنلەر ئىچكىرىلەپ سوراپ قالسا، يېزىدىكىلەر خۇپسەنلىك بىلەن كىمدۇر بىرىنىڭ تاغقا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىقىپ بۆرىگە يولۇقۇپ قالغانلىقىنى، مىلتىقىدا ئوق قالماي بۆرە بىلەن قۇرۇق قول ئېلىشىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەنلىكىنى ھەۋەس بىلەن سۆزلەپ بېرىدۇ. مەنمۇ بىر قېتىم شەھەردىن چىققان تۇغقىنىمغا ئىككى ئادەمنىڭ ئىككى كاۋا بېرىش شەرتى بىلەن بەسلىشىپ بىرسىنىڭ قەبرىستانلىقتا تۈنىگەنلىكىنى ئېيتىپ بەردىم.ئەممە ئەشۇ تەۋەككۈلچىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئاغرىپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقىنى دېمىدىم.
قايسى بىر كۈنى يېزىمىزغا سىرتتىن بىر دىۋانە كەپتۇ. دۇنيادا نان، پۇل، رەخت ئالمايدىغانمۇ دىۋانىلەر بولىدىكەن. ئۇ مەھەللىمىزدە ئىككى كۈن تۇرۇپ كېتىپ قالدى. ئۇ كەتكەندىن كېيىن يېڭى بىر گەپ تارقالدى. ئەسلىدە بۇ ئەسكىلىككە ئورۇنۇۋالغان ناھايىتى باي كىشى بولۇپ، شەھەر ئەتراپىدا ئىككى داچىسى بارمىش. بىراق، ئۇ يۇلغۇننى كۆيدۈرۈپ ئىشلەتكەنلىكى ئۈچۈن خاراپلىشىپ دىۋانە بولۇپ قاپتۇ. بىز بۇ يېڭى گەپكە مەستانە بولۇپ دوقمۇشتا قۇلاق موللىسى بولۇپ ئولتۇراتتۇق، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن ساۋۇت «ئايارەي» ئاۋازىنى بولۇشىغا قويۇپ بېرىپ ناخشا ئېيتىپ كېلىپ قالدى.
ئا-يارەي، ھە-ھە، ئايا-رە-ي،
كۆيدۈردۈڭ مېنى جانەي.
تېكىستلىرى كەلسۇن ياكى كەلمىسۇن، ئۇ ھەر دائىم مۇشۇ ناخشىنى كۈچىنىڭ بارىچە توۋالايتتى. بۇ ناخشىنىڭ دەسلەپكى ئىككى مىسراسى مۇقىم بولغىنى بىلەن كەينىدىكىلىرى ئۆزگىرىش ياساپ تۇراتتى. گاھىدا بۇ ناخشىغا قاۋاق خوجايىنىنىڭ چۈپەيلىك قىلمىشىمۇ قوشۇلۇپ قالاتتى. بالىلار ئۇنى چاقىرىۋالدى.
ــــ ساۋۇتكا، ئاڭلىساق ھېلىقى دېۋانىنى يۇلغۇن كۆيدۈرۈپ ۋەيران بولغانىكەن، دېگەن گەپنى باشتا سەن قىلغانىكەنسەن، بۇ راستمۇ؟
ــــ ھە، مەن قىلغان. بۇ گەپكە ئىشىنىڭلار، بۇ ھەق گەپ، ئۇلۇغ ئاللانىڭ مۆجىزىلىرىگە ئىشەنمىگەن ئادەم گۇناھقا مەھكۇمدۇر.
ــــ سەن ئۇنىڭ يۇلغۇن كۆيدۈرگەنلىكىن نەدىن كۆردۈڭ؟ يا ئۇنى ئۆيۈڭدە بىر كېچە قوندۇرغانمىدىڭ؟
ــــ ياقەي، مەن ئۇنداق مەينەت دىۋانىنى ئۆيۈمدە قوندۇرامتىم. بىزنىڭ خوتۇن يۇلغۇن كۆيدۈرگەن ئادەم دىۋانە بولۇپ كېتىدۇ، دېگەنىدى.
ــــ ماڭەۋۇي، خوتۇنۇڭنىڭ گېپىگىمۇ ئىشىنەمسەن؟
ــــ ھەي-ھەي، ئۇنداق دېمە، بىزنىڭ خوتۇن ئالامەت سائەتلىك گەپ قىلىدۇ جۇمۇ.
قايسى كاساپەت قىلدىكىن، ساۋۇت «ئايارەي»نىڭ خوتۇنىنىڭ ھېلىقى دېۋانە بىلەن ئىلگىرى مۇناسىۋىتى بار ئىكەن، بۇ قېتىم ئۆيىدە بىر كېچە قوندۇرۇۋاپتۇ، دېگەن گەپ دەسلەپتە قۇيۇندەك ئۇ يەر بۇ يەردە پەيدا بولۇپ كېيىن شامالغا ئايلىنىپ يېزىنى بىر قاپلىدى. شۇ كۈنى ساۋۇت «ئايارەي» بالدۇرلا مەست بولۇۋالدى. ئاڭلىساق شۇ كۈنى كېچىسى ئايالىنى راسا دۇمبالاپ ئۇنى ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلاپ يېزىدىكى چوڭلار «ھاي، ھاي، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمىگۈلۈك» دەپ ئۇلارنى ياراشتۇرۇپ قويۇپتۇ.
يېقىندىن بۇيان خەتىپ «سولخەي» قوش ئاتارىنى ئېلىپ كېچە-كېچىلەپ تالادا يۈرىدىغان بولۇۋالدى. بەزىلەر ئۇنى «ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، ئۇنىڭغا يولىماڭلار...» دېيىشىپ، ئۆزىنى ئېلىپ قېچىشتى. بىز بىرنەچچىمىز بىر كۈنى قاراملىق قىلىپ ئۇنىڭ كەينىگە چۈشتۇق. تاغدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان يوغان ئۆستەڭدىكى سۇ بىراقلا تارتىلىپ كەتكەن، ئۇنى ئاز دەپ نەزىر قىلساقمۇ يامغۇر ياغماي يېزىمىزدا توپا قايناپ قۇرغاقچىلىق كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىپ باراتتى. ئۇنى-بۇنى قىلىپ ھوسۇلنىمۇ چالا- پۇلا يىغىۋالدۇق. ئەمما قۇرۇپ كېتىپ بارغان دەرەخلەر كۆڭلىمىزنى غەش قىلماقتا ئىدى. خەتىپ «سولخەي» شۇ كۈنى قولىدىكى مىلتىقىنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ قۇرۇپ قاقشال بولغان دەرەخ تۈۋىگە كېلىپ، نېمىدۇر بىر نەرسىنىڭ شەپىسىگە قۇلاق سالدى. ئۇ تۇرۇپلا دەرەخنى لىڭشىتىپ شاراقشىتاتتى. كەينىدىنلا: «سۈتساق!» دەپ ۋارقىرايتتى-دە، يەنە بىر دەرەخنىڭ تۈۋىگە كۆچەتتى. بىز شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ ساق ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۇردۇق.
كېيىن ياسىن قارىكام بىزگە سەل ئاچچىقلانغاندەك بولۇپ مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:
ــــ كىم ئۇنى ساراڭ بولۇپ قالدى دەيدۇ، ئۇنى ساراڭ دېگەنلەرنىڭ ئۆزى ساراڭ. خەتىپ يېزىمىزدىكى كىشىلەرنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرىمەن دەپ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى مەن بۇيرۇغان. سىلەر كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، مانا يېزىمىزنى قۇرغاقچىلىق ئاپىتى قاپلاپ، گىياھلار قۇرۇپ، جانلىقلار ئۆلۈۋاتىدۇ. بۇ بىر بالا-قازانىڭ دېرىكى. خەتىپ بىزگە شۇملۇق تىلەۋاتقان ئەشۇ قۇشنى كۆزدىن يوقاتماقچى بولۇپ پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن بۇ ئىشقا تۇتۇش قىلدى. سىلەرگە مۇنداق بىر ئىشنى ھېكايە قىلىپ بېرەي، پەيغەمبەر زامانىسىدا بىر كىشى سۈت سېتىپ تىرىكچىلىك قىلىدىكەن. كۈنلەر ئۆتۈپ قولىغا خېلى پۇل كىرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەپسى يوغىناپ، ھارامغا ئۆگىنىپ ئاپئاق سۈتكە سۇ قوشۇپ ساتقىلى تۇرۇپتۇ. كىشىلەر بۇنى سېزىپ قېلىپ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئالدىغا داد ئېيتىپ كەپتۇ. پەيغەمبىرىمىز سۈت ساتقۇچىنى ئالدىغا ھازىر قىلىپ سوراپتۇ:
ــــ سۈتكە سۇ قوشقىنىڭ راستمۇ؟
ــــ ياق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم، ـــ دەپتۇ سۈتچى قىلمىشىدىن تېنىپ. پەيغەمبىرىمىز ئۇنىڭغا پۇرسەت بېرىپ يەنە سوراپتۇ:
ــــ باشقىلار بۇنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپتۇ. سەن گۇناھىڭ تۇرۇپ يەنە نېمىشقا بوينۇڭغا ئالمايسەن؟
ــــ ئۈستۈمدە ئۇلۇغ ئاللا تۇرۇپتۇ، مەن ھەرگىز سۈتكە سۇ قوشمىدىم، سۈت ساق، ـــ دەپ يەنىلا گېپىدە چىڭ تۇرۇۋاپتۇ سۈتچى.
نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ ھارامغا ئۆگەنگەن سۈتچى ئاللاھنى شىپى كەلتۈرۈپ، يوغان قەسەملەرنى قىلىپ، گۇناھىنى بوينىغا ئالغىلى ئۇنىماپتۇ. بۇنىڭغا پەيغەمبىرىمىزنىڭ غەزىپى كېلىپ، ئۇنىڭغا نەپرەتلىك قارىغانىكەن، سۈتچى شۇ يەردىلا بىر قۇشقا ئايلىنىپ قاپتۇ. پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەپرىتىگە قالغان بۇ بالا-قازا قۇش كېيىنمۇ «سۈتساق! سۈتساق!» دەپ سايرايدىكەن. ئۇ كۈندۈزى كۆزدىن غايىب بولۇپ، كېچىسى بار ئاۋازى بىلەن شۇملۇق تىلەيدىكەن. ئۇ قونغان دەرەخمۇ قۇرۇپ قاھشال بولىدىكەن. ئۇنىڭ قەدىمى تەگكەن يەرنى ئاپەت-غۇربەتچىلىك قاپلاپ كېتىدىكەن. ئۇ ھېچنەرسىنى ئوزۇق قىلماي، كېچىلىرى دەرەخ شاخلىرىغا بېشىنى تۆۋەنگە قارىتىپ ئېسىلىپ، چىڭقىلىپ-چىڭقىلىپ «سۈتساق!» دەپ جار سالىدىكەن، بۇ چاغدا مېڭىسىدىن بىر تامچە قان ئاغزىغا تامچىپ چۈشىدىكەن. سۈتساق ئەنە شۇ بىر تامچە سۇيۇقلۇقنى ئوزۇق قىلىپ ھاياتىنى داۋام ئېتىدىكەن. كىشىلەر قۇلىقىغا «سۈتساق» دەپ چىققان ئاۋاز «ئىساق» دەپ ئاڭلانغان چېغى، ھازىر ئۇنى «ئىساق» دەپ ئاتىۋالدى. يېزىمىزدا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى باشلانغاندىلا مەن ئەشۇ «سۈتساق»تىن گۇمانلانغانتىم، بىر كۈنى كېچىسى ئۇنىڭ سايرىغىنىنى ئۆز قۇلىقىم بىلەن ئاڭلاپ قالدىم. ئەمما قەيەردىلىكىنى پەرق قىلالمىدىم. ئەمدى سىلەرمۇ ھوشيار بولۇڭلار. ئۇنى كۆرگەن ھامان ئولتۈرۈۋېتىڭلار. ئەنە خەتىپ ئەشۇ قۇشنى ئۇجۇقتۇرىمەن دەپ پالاقلاپ يۈرىدۇ.
ياسىن قارىكامنىڭ ھېكايىسى قەلبىمىزگە ۋەھىمە ئۇرۇقىنى سالدى. بۇ بالا قۇش ۋەھىمىسى يېزىدىكىلەرنى دەككە-دۈككىگە سېلىپ قويدى. ئەمدى بۇ قۇشنىڭ تۈن يېرىمىدا سايرىغانلىقىنى ئاڭلاپ قالىدىغانلار كۆپىيىشكە باشلىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ بىرەرسىمۇ بۇ قۇشنى ئۇچرىتىپ باقمىدى.
بىر كۈنى دوقمۇشتا تاساددىپىي ئون نەچچىمىز يىغىلىپ قالدۇق، بىر كەمدىن كېيىن ئىگەم «گالۋاڭ» ھاسىراپ-ھۆمۈدەپ يېنىمىزغا يېتىپ كەلدى.
ـــ يائاللا، مۇشۇ يەردىمىدىڭلار. سىلەرنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دېدىم، ـــ ئۇ سۆزلەۋېتىپمۇ ھاسىرايتتى.
ـــ ھە گالۋاڭ، نېمە ئىش بولدى؟ ھېلىقى قۇشنى ئۇچراتتىڭمۇ-يە؟
ـــ ھە، ھە ئاخشام...
ـــ قانداق بولدى؟
ـــ توختاڭلار ئادەمنى ھودۇقتۇرماي، مەن دەپ بېرەي. دادام بىلەن ئاپام تۈنۈگۈن ناھىيەدىكى تويغا كەتكەنىدى. ئاخشام ئۆيدە يالغۇز ئولتۇرسام ھويلىدا بىر قۇش ئەنسىز سايرىماسما، تىڭشىسام نەق شۇ قۇشنىڭ ئۆزى. باشتا قورقۇپ تەمتىرەپ قالدىم، كېيىن ئېسىمگە كېلىپ ئالدىنقى ھەپتە تاغدىكى قودىمىزنىڭ ئۆيىدىن ياندۇرۇپ ئەكەلگەن ھېلىقى مىلتىقنى ئالدىم-دە، دېرىزىنى ئاستا ئاچتىم. كاساپەت باراڭنىڭ يېنىدىكى ئالمىدا تۇرمامدۇ. ئىككى كۆزىدىن ئوت يېنىپ تۇرىدۇ. قورقۇپ يۈرىكىم ئاغزىمغا تىقىلدى. قاراڭغۇدا ئۇنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئىلغا قىلالمىدىم. شۇنىڭ بىلەن مىلتىقىمنى ئاستا دېرىزىنىڭ سۇنۇق كۆزنىكىدىن چىقىرىپ نەق يېنىپ تۇرغان ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىغىلا ئاتتىم. ھېلىقى كاساپەت پالاق-پۇلۇق قىلىپ دەرەخنىڭ تۈۋىگىلا چۈشتى. يېقىن بېرىپ قارىسام ئوت يانغان كۆزلىرى يۇمۇلۇپ، سۇنايلىنىپ يېتىپتۇ. تىرىلىپ قالسا قېچىپ كەتمىسۇن دەپ بۇرۇن قارچۇغا باققان تۆمۈر پەقەزنىڭ ئىچىگە سولاپ ئالمىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈۋەتتىم.
【1】 【2】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر