باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

شائىر

قەيسەر قېيۇم

2015.05.28 10:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

يۇقىرى گىرادوسلۇق كۆزەينەك تاقىغان، ئورۇق، ئېگىز بويلۇق يەتمىش ياشلاردىن ھالقىغان بۇ بوۋاي ئىشىكنى چېكىپ، ھاسىسىنى توكۇلداتقىنىچە ئىشخانىغا كىرىپ كەلگەندە، ئۆزۈم يالغۇز ئىشخانىدا ماتېرىيال كۆرۈپ ئولتۇراتتىم.
ـــ يائاللا بالام، سىلەرنىڭ بۇ يەرنى ئاران تېپىپ كەلدىم، ـــ دېدى بوۋاي مەن كۆرسەتكەن ئورۇنغا جايلىشىۋالغاندىن كېيىن. ئۇ ھېرىپ كەتكەن چېغى ھاسىراۋاتاتتى.
چوڭچوڭلا بىر ئادەمگە بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى، دەپ سوراشنى بىئەپ كۆرۈپ قالدىم. قارىماققا بۇ ئادەم بۇ يەرگە دائىم ئەسەرلىرىنى ئەكىلىپ تۇرىدىغانلارغا زادى ئوخشىمايتتى. بىرەرسىنى ئىزدەپ كەلگەن چېغى، دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئۇ بىر ئاز دېمىنى ئېلىۋالغاندىن كېيىن، مەندىن سورىدى:
ـــ ئالدىنقى كۈنى چىققان گېزىتىڭلارنى كۆرۈپ باقاي دەپ كېلىۋېدىم.
ـــ ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنىدىكى سانىنىمۇ؟
ـــ ھەئە، شۇ كۈنكى گېزىتىڭلارنى، مەھەللىدىكىلەر «شېئىرىڭنى بېسىپتۇ» دەيدۇ، شۇنى كۆرۈپ باقاي.
ـــ ئىسمىڭىز...
ـــ توختى ساۋۇت.
مەن گېزىتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئالدىنقى كۈنكى ساننى ئېلىپ ئەدەبىي بېتىنى ۋاراقلاپ ئاچتىم. دەرۋەقە ئۇنىڭ ئىسمى ئاستىدا «ۋەتەن ھەققىدە» دېگەن غەزەل تۇراتتى. ئېسىمگە دەرھال تۈنۈگۈن بۆلۈمدىكىلەر بىلەن قىلىشقان گەپلىرىمىز كەلدى. بىز بۇ غەزەلنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان دەپ تەرىپلىگەن ئىدۇق. قەلبىمدىن ئۇرغۇغان بىر خىل ھۆرمەت تۇيغۇسى ئىچىدە گېزىتنى ئىككى قوللاپ بوۋايغا سۇندۇم.
ئۇ ئادەم قولۇمدىن گېزىتنى ئېلىپ، ئورنىدا گېزىتكە مىقتەك قادىلىپ ئولتۇرۇپ كۆرۈشكە باشلىدى. مەن ئۇنىڭغا تەسىر قىلىپ قويماي دېگەن ئوي بىلەن ئالدىمدىكى ئارگىنال قەغەزلەرنى ۋاراقلاشقا باشلىدىم.
ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتتىكىن، توساتتىن مەن ئۇنىڭ ئىسەدەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم. بېشىمنى كۆتۈرۈپ قارىغىنىمدا، ئۇ يىغلاۋاتقان بولۇپ، كۆز ياشلىرى ئالدىغا كەڭ يېيىۋالغان گېزىتكە چۈشۈۋاتاتتى. ئۇنىڭ تۈرۈلگەن چىرايىدىن نە خۇشال ياكى خاپىلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. مەن بىردىنلا ئويلىمىغان بۇ مەنزىرىدىن سەل ئەجەپلىنىپ قالدىم.
ـــ چوڭ دادا، بىر نېمە بولمىغانسىز؟
ـــ يا-ياق بالام، مەن مۇنداقلا... ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ كېتىۋاتىدىغۇ تاڭ، ـــ ئۇ دەرھال يانچۇقىدىن قول ياغلىقىنى چىقىرىپ كۆز ياشلىرىنى سۈرتتى، ـــ ئالدىڭىزدا ئەدەبسىزلىك قىلىپ قويدۇم-ھە؟
ـــ ھېچ ۋەقەسى يوق، نېمىگە يىغلايسىز؟
تۇيۇقسىز ئۇ ماڭا ئۇزاق تىكىلدى. كېيىن باشلىرىنى چايقاپ ئېغىر ئۇھ تارتتى.
ـــ بىر نېمىنى دېسەم ئىشىنەمسىز؟ ـــ دېدى ئۇ خېلىدىن كېيىن باشقىدىن زۇۋانغا كېلىپ، ـــ تۆت خاتىرە دەپتەر مەن يازغان شېئىرلار بىلەن توشۇپ كەتتى. بۇ ئۇزاق جەرياندا ھاياتىمدا نۇرغۇن ھەرەج تارتتىم. كۆپ ئىشلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزدۈم. لېكىن بۈگۈنكىدەك قاتتىق ھاياجانلانمىغانىدىم، راستىنى ئېيتسام ...
ئۇ گېپىنىڭ ئاخىرىنى يۇتۇۋەتتى.
ـــ ئۆزىڭىز نەدىن كېلىسىز؟
مەن ئەزەلدىن «توختى ساۋۇت» ئىسىملىك بىرەر شائىرنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىمدىن ھەيران قېلىۋاتاتتىم.
ـــ مەن بىر ئىشچى بالام، ـــ دېدى ئۇ يەنە بىر ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ، ـــ پېنسىيەگە چىقىۋالغىنىمغىمۇ خېلى ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتتى. كىچىكىمدە ئەرەبچە ئوقۇغانىدىم، كېيىن پەننىي مەكتەپتە ئوقۇدۇم. كېيىن يەنە ئۇرۇشقىمۇ قاتناشتىم. قارىمامسىز، مانا ھازىر ھېچنېمىگە يارىماس بولۇپ قالدىم. بولسا ماڭا مۇشۇ گېزىتتىن ئىككى پارچە بەرگەن بولسىڭىز.
مەن ئۇنىڭغا ئىككى پارچە گېزىت تېپىپ بەردىم. ئۇ گېزىتنى ئېلىپلا ئورنىدىن قوزغالدى. مېنىڭ بۇ ئادەم بىلەن يەنە بىرئاز پاراڭلاشقۇم بار ئىدى. لېكىن ئۇ قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ تۇرۇۋالدى. كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئۇنى ئۇزۇتۇپ چىقتىم. ئۇ ئىشىكتىن چىقىش ئالدىدا تۇيۇقسىز قولۇمنى قاتتىق قىستى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدە يەنە مۆللىدە ياغ ئەگىدى.
ـــ بالام، مەندىن ئەجەبلەنمەڭ. شۇنچە يىل شېئىر يېزىپتىمەن، شېئىرلىرىمنى كىشىلەر ناخشا قىلىپ سورۇنلاردا ئېيتىۋالغانلىرىمۇ بولدى. لېكىن بۇ مېنىڭ ھاياتىمدا مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان تۇنجى شېئىرىم.
ئۇ قوللىرىمنى قويۇۋەتتى. مەن ئۇ ئادەمگە نېمە دېيىشىمنى، قانداق تەسەللى بېرىشىمنى بىلەلمەي تاڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم. ئۇ مەندىن زۇۋان چىقمىغاندىن كېيىن ھاسىسىنى توكۇلداتقىنىچە پەلەمپەي تەرەپكە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ قولىدا ھاياتىدا تۇنجى ئېلان قىلىنغان شېئىرى بېسىلغان گېزىت چىڭ سىقمداقلىق ئىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر