باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

يېقىن يول

قەيسەر قېيۇم

2015.05.28 10:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

غالىپ ئۆزىنىڭ ئۆتكۈرلۈكىدىن ناھايىتى پەخىرلىنەتتى. بولۇپمۇ كىشىلەرنى ئالداشقا كەلگەندە بەكلا تەدبىرلىك ئىدى. ئۇ نەچچە يىللاردىن بېرى ئوچۇملاپ-ئوچۇملاپ پۇللارنى ئۇ ئالقىنىدىن- بۇئالقىنىغا ئۆتكۈزدى. نۇرغۇن كاللا كېسەر سورۇنلاردىن ئامان قالدى. يەنە تېخى كۆزنىڭ يېغىنى يېگۈدەك چىرايلىق قىزلار بىلەنمۇ بىللە بولدى. ئۆز دېمەتلىكلىرى ئارىسىدا خېلىلا ئىناۋەت تىكلىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئۆتكۈر كاللىسىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئۇ قانداقلا ئىش قىلمىسۇن ھامان «ياخشى» نەتىجىگە ئېرىشەتتى. ئۇنىڭ بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلغانلىكى كىشى ئۇنىڭ قۇچقۇنىغا ئولتۇرماي قالمايتتى. ئۇنىڭ ئەشۇ شېرىن سۆزلىرى، ئەقىللىق كاللىسى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئامەت ئاتا قىلدى. ئۇ ھاياتىدىكى ئۆز نەزىرىدە پەقەت ئۆزىگىلا مەنسۇپ بولغان بايلىقلاردىن مېھرىنى ئۈزەلمەي توختىماي ئىزدىنەتتى، پەخىرلىك كاللىسىنى ئىشقا سالاتتى. ئون تىيىن بولسىمۇ خەققە ئۆتۈپ كەتمىسۇن-دە! ئۇ ئۆزىگە شۇنچىلىك ئىشىنەتتى. چۈنكى بۈگۈنگىچە ھېچقانداق بىر كىشى ئۇنى ئالداپ كېتەلمىگەنىدى.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپلا سائىتىگە قاراپ ئورنىدىن بالدۇر تۇرۇپ كەتكىنىنى ھېس قىلدى. ئاخشام تارتىۋەتكەن دېرىزە پەردىلىرىنى ئېچىۋىدى، كۈچلۈك قۇياش نۇرى ياتاق ئىچىگە بۆسۈپ كىرىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرۇۋەتتى. «ھەي بوپتۇلا،ـــ دېدى ئۇ ئۆز-ئۆزىگە پىچىرلاپ،ـــ ئەتىگەندە ساپ ھاۋا يېگەچ بىردەم ئاينىلىپ كەلمەيمەنمۇ».
ئۇ بازارغا چىققاندا سائەت توققۇزدىن ئاشقانىدى. ئۇنىڭ تەلىيى ھەر ۋاقىت ئالدىدا يۈگۈرۈپ يۈرەمدۇ-قانداق، كوچا ئاپتوبۇسىغا چىقىپلا يىگىرمە ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر قىزنىڭ ئۆزىگە تىكىلىپ قاراۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالدى. ئۇنىڭ يۈرەكلىرى ئويناپ كەتتى. «پاھ، نېمە دېگەن كېلىشكەن كاساپەت بۇ؟ ئادەم بالىسىمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بولىدىكەن ھە!؟» ئۇ ئۆزىنى دەرھال تۈزەشتۈردى-دە، ئاپتوبۇستىكى كىشىلەر توپىنى يېرىپ، قىزغا قاراپ ئاستا سىلجىشقا باشلىدى.
ـــ ياخشىمۇسىز؟ ـــ دېدى ئۇ قىزنىڭ يېنىغا كېلىپلا، ـــ ئۆزىڭىز يالغۇز نەگە ماڭدىڭىز؟
قىز بۇلاقتەك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ يېقىملىق كۈلدى. غالىپنىڭ ۋۇجۇدى قىزنىڭ كۆزلىرىدىن چىققان سېھرى نۇر بىلەن ئىختىيارسىز تىترەپ كەتتى.
ـــ ھېچنەگە، ـــ دېدى قىز ئۇنىڭغا جاۋابەن ناز بىلەن، ـــ ئۆزۈم يالغۇز زېرىكىپ، ئايلىنىپ كېلەيمىكىن دەپ چىققانىدىم.
ـــ ئوھۇي، ياخشىغۇ! مەنمۇ ئۆزۈم يالغۇز تازا زېرىككەن ئىدىم. بىللە ئايلانساق قانداق؟
قىز بۇ قېتىم ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئىللىق باقتى. غالىپ شۇ تاپتا ئاپتوبۇستا كىشىلەر بولمىغىنىدا قىزغا ئۆزىنى ئاتقان بولاتتى.
ـــ مېنى ئايلاندۇرۇپ ھۆددىسىدىن چىقالامسىز؟
ـــ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغان قانداق ئادەم كۆرۈۋاتىسىز مېنى!؟ قېنى مېڭىڭ، مەن سىزنى بىر ئوينىتىپ قوياي!
غالىپ قىزنىڭ مامۇقتەك يۇمشاق قوللىرىغا ئېسىلدى. ئۇلار شۇ بېكەتتە ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ قالدى. غالىپ قىزغا ئۆزىنى بىر كۆرسىتىپ قويۇش قارارىغا كەلگەنىدى.
ـــ قېنى يىگىت نەگە باشلايسىز؟
ـــ ئالدى بىلەن باغچىغا كىرىپ ئايلىنىپ چىقايلى، ئاندىن رېستۇرانغا كىرىپ بىردەم ئولتۇرۇپ، بىزنىڭ ياتاققا...
قىز ئۇنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ، سېھىرلىك كۆزلىرىنى ئۇنىڭغا تىكىپ ئىللىق كۈلدى.
ـــ بوپتۇ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، قېنى باشلاڭ ئەمىسە، بىردەمدىن كېيىن «چىقىمدار بولۇپ كەتتىم» دەپ ۋايسىمىسىڭىزلا بولدى.
غالىپ قىزغا قاراپ مەيدىسىگە ئۇردى، ئاندىن قىزنىڭ چىرايلىق مەڭزىنى چىمداپ قويۇپ قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. قىز ئەمدى غالىپنى قولتۇقلىۋالغانىدى.
ئۇلار رېستۇراندىن چىققاندا غالىپنىڭ يۈزلىرى قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، خۇمارلاشقان كۆزىنى قىزدىن ئالالماي قالغانىدى. ئۇ روھىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى قىزغىن بولۇپ قالغانلىقىنى سېزىۋاتاتتى. ئۇلار ئەمدى ياتاققا بارىدۇ، ئاندىن...
لېكىن ئۆزىنىڭ بۈگۈن پۇلنى ئارتۇق خەجلەپ قويغىنىنى ھېس قىلدى. ئۈچ-تۆت سائەت ئىچىدىلا ئۈچ يۈز سومنىڭ بېشىغا سۇ قۇيۇۋەتتى. ئەمما ئۇ ئۈنىنى چىقارمىدى. «بوپتۇلا،ـــ دېدى ئۇ ئاخىرى، ـــ بۇنداق بىر پەرىزات بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولۇش ئۈچۈن ئۇنچىلىك پۇل كەتسە نېمە بوپتۇ». ئۇ شۇلارنى ئويلىغاچ قولىنى قىزنىڭ مۈرىسىگە ئېلىۋالدى. ئەمدى ئۇنىڭ كۆزىگە يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ كۆرۈنمەي قالغانىدى.
قىز تۇيۇقسىز جايىدا توختاپ قالدى. ئۇ غالىپقا بىر نېمە دېمەكچى بولغاندەك تەلمۈرۈپ تۇراتتى.
ـــ ھە، نېمە بولدى سىزگە، سۆيۈملۈكۈم؟
ـــ غالىپ، مەن بايا سىزگە دېگەنىدىم، مەن ئاق تاماكىغا ئۆگىنىپ قېلىپ...
ـــ ئۇنداق بولسا نېمە بوپتۇ، مەن سىزگە بۇنى ئەيىب كۆرۈمەن دېمىدىمغۈ؟
ـــ ياق، غالىپ تۇرۇپ تۇرۇڭ، ـــ قىز غالىپنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىنىڭ ئىچىگە تىكىلدى. غالىپنىڭ يۈرەكلىرى بۇ بىر قاراش بىلەن «شۈررىدە» ئېرىپ كەتكەندەك بولدى، ـــ مېنىڭ خۇمارىم تۇتۇپ قېلىۋاتىدۇ. ماڭا يۈز سوم پۇل بەرگەن بولسىڭىز، ئىككى بولاق ئېلىۋالغان بولسام.
ـــ بولىدۇ قەدىرلىكىم، ـــ دېدى غالىپ دەرھال. ئۇ شۇ تاپتا قىزنىڭ تاتلىق قاراشلىرىغا، يېقىملىق ئەركىلەشلىرىگە دۇنيادىكى ھەممە نېمىسىنى ئاتىۋەتكەنمۇ بولاتتى.
قىز غالىپنىڭ قولىدىن يۈز سوم پۇلنى ئېلىپ ئۇنى باشلاپ ماڭدى.
ـــ جۈرۈڭ، بىز تاماكىنى ئېلىۋېلىپ ئاندىن سىزنىڭ ياتىقىڭىزغا بارايلى.
غالىپ قىزنىڭ كەينىدىن ئۈن-تىنسىز ئەگەشتى. ئۇلار بىر خالتا كوچىغا كىردى. بۇ كوچىنىڭ ئاخىرىدا يوغان بىر كونا ياغاچ دەرۋازا ئۇلارنىڭ ئالدىن توسۇپ تۇراتتى. قىز غالىپنى دەرۋازا ئالدىغا باشلاپ كېلىپ ئۇنىڭغا جېكىدى:
ـــ سىز مۇشۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرۇڭ. مەن بۇ يەرگە كىرىپ تاماكىنى ئېلىپلا چىقىمەن.
غالىپ قىزغا قاراپ بېشىنى لىڭشىتتى. قىز ئىشىكنى قىيا ئېچىپ كىرىپ كەتتى. غالىپ بۇ كونا دەرۋازىغا قارىغىنىچە تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇردى.
غالىپ تاماكىسىنى چېكىپ بولغان بولسىمۇ، قىز تېخىچە چىقمايۋاتاتتى. ئۇ قىزنى تاماكا چېكىپ ئولتۇرۇپ قالغان چېغى دەپ ئويلىدى. لېكىن ساقلىغانسېرى تىت-تىت بولاتتى. «ئەنە چىقىدۇ، مانا چىقىدۇ، مانا ئەمدى ئورنىدىن تۇردى» دېگەندەك خىياللار بىلەن ھېلىدىن ھېلىغا ئۆزىنى بەزلەيتتى. ئۇنىڭ كەيپىمۇ يېشىلىشكە باشلىدى.
ـــ ئوھۇي غالىپ، بۇ يەردە نېمە قىلىپ يۈرىسەن؟
غالىپ ئىچىگە كىرىپ قاراپ بېقىش نىيىتىگە كېلىپ ئەمدىلا ئىشىككە قول ئۇزۇتۇشىغا ئىشىكنى قىيا ئېچىپ چىققان قەدىناس دوستى ئۇنىڭ ئالدىنى توسىدى.
ـــ بىرسىنى ساقلاپ، ـــ دېدى ئۇ غالىپلارچە كۈلۈمسىرەپ، ـــ سەنمۇ ئاققا ئۆگىنىۋاپسەن-دە، بەچچىغەر. بۇ يەرگە بىر چىرايلىق قىز تاماكا ئالغىلى كىرىپ كەتكەن. خېلى بولدى چىقمىدى. ئۇنى كۆردۈڭمۇ؟
ـــ شۇ قىزنى ساقلاپ تۇرامسەن؟ ـــ دېدى دوستى كۈلۈپ، ـــ بۇنىڭ ئىچىدە نەدىمۇ قىز بولسۇن، كىرىپ قاراپ باق، ئالدىنىپسەن. بۇ يەر دېگەن ئۇ كوچىدىن بۇ كوچىغا ئۆتىدىغان يېقىن يول...
لېكىن غالىپ دوستىنىڭ ئاخىرقى گەپلىرىنى ئاڭلاشقا ئۈلگۈرەلمىدى. ئۇ دەرۋازىنى ئالدىراپ ئاچتى-دە، ھاڭۋېقىپ تۇرۇپلا قالدى. دەرۋەقە كونىراپ ئۈرۈلۈپ چۈشەيلا دەپ قالغان ئىككى ئېغىزلىق كونا ئۆينىڭ نېرىقى تەرىپىدىكى ئارقا ئىشىك ھاڭغىرقاي ئوچۇق تۇراتتى. چوڭ يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارنى ئۇ يەردىن ئوچۇق كۆرگىلى بولاتتى.



ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر