باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۈمىدلىرىم بوپ قالدى چېكىت

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.29 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ھېسداشلىقىڭ ئۇنتۇلسۇن دەقىق،
كۈلۈپ قويغىن( كۈلۈشلىرىڭ ھەق.)
مەنغۇ سېنىڭ سەھنەڭدە ھەيكەل،
نىمجانلىقىم كۈلكەڭگە بەرھەق!

ئۈمىدلىرىم بوپ قالدى چېكىت،
سەن كىملەرنىڭ قولىدا قەلەم؟
ئوخشاپ قالدىم رەڭسىز سىياھقا،
ئاق بەت گويا قالدى ئەسلىمەم....

سەن بەختىڭنىڭ روجەكلىرىدىن،
كەچمىشلەرگە سالمىغىن نەزەر.
مەن ھېلىھەم ساقلايمەن سېنى،
ئۈچۈنچىدىن ساختا بىخەۋەر.

ئۆتۈپ كېتەي قەلبىمگە سولاپ،
سېنىڭ ئۈچۈن سۆيگەن ھەممىنى.
سەن بەختلىك بولۇپ قېلىۋەر،
شەرتى ئۈچۈن ئۇرسۇن غەم مېنى....

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر