كۆز قىسماقتا سېنىڭدە ۋىسال
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:43 مەنبە: خەلق تورى
سەن يېنىمدا دىمە مېنى يار،
قەلبىڭدە مەن، پەلەك ماڭا تار.
دەلدەڭشىدىم مىسكىنلىك ئارا،
سەنسىز ئالەم ھاياتىمغا دار!
ئۇچۇر يوللاپ ناتونۇش ئازاپ،
كۆز قىسماقتا سېنىڭدە ۋىسال.
نائىلاجلىق قەلبىگە سىڭدىم،
ئاھ،خەيرى-خوش! مەڭگۈ كۈلۈپ قال...
چىن سۆيگۈنىڭ تەبىرى نىمە؟
ئۇ قەلبىمدە كۈلەلمىگەن قىز.
كۈلۈش ئۈچۈن يىغلاپ تۆرەلدۇق،
كۈلەلمىدۇق... تۆرەلمىدۇق بىز!.....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر