- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
نۇر بوۋام
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:39 مەنبە: خەلق تورى
1
دىدار نىسىپ بولمىدى ئەجەپ،
ئەڭ كەنجىۋاي كىچىك نەۋرەڭگە.
ئۆتۈپ كەتتى بىرنەچچە باھار،
بارالمىدىم يوقلاپ قەۋرەڭگە...
2
باغرى قاتقان بېخىل نامراتلىق،
بۇدۇشقاقتەك تۇرغاچ چاپلىشىپ.
چۈشەلمەپتۇ شۇڭا نۇر بوۋام،
بىر پارچىمۇ رەڭسىز سۆرەتكە...
3
كارىز بىلەن زاغرا مېھرىدىن،
كېچەلمىگەچ بىچارە بوۋام،
كەپ باقماپتۇ ھەتتا ئۆمرىدە،
بىر قېتىممۇ ئويناپ شەھەرگە...
4
كارىز چېپىپ ئەۋلاتلىرىڭغا،
قاداق چۈشكەن ئالقانلىرىڭغا،
قورۇق باسقان ماڭلايلىرىڭغا،
سۆيۈپ قوياي چىكسىز ھۆرمەتتە،
كىرىپ قالساڭ چۈشۈمگە بوۋا.....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر