باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ياشاپ كەلدىڭ بۈيۈكلۈكنىڭ قەرىدە

چەكسىز ئېھتىرام بىلەن مېھرىبان ئاپام رىسالەت ئەمەتكە بېغىشلايمەن

2015.04.29 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئەل قەلبىدە رىۋايەتتۇر ئەزەلدىن ،
ئاق قاناتلىق پەرىشتىلەر ئەرىشتە .
تىلى شىپا ، دىلى خانە بىمارغا ،
چۈنكى ئانام ئاق خالاتلىق پەرىشتە .

پۈتۈلگەنمۇ پىشانەڭگە ئانىجان،
جاپالارغا ئىللىق بېقىش ئەزەلدىن.
ياشاپ كەلدىڭ بۈيۈكلۈكنىڭ قەرىدە،
تەرىپلىرىڭ نەقىشلەنگەن غەزەلدىن.


مېھنىتىڭ بار مىننىتىڭ يوق بىر ئۆمۈر ،
ئېرىشكىنىڭ گۈل بەرگىدە تۆر ئىكەن .
ياشانغاندا ياشىرىپ كەت ، ياشاپ كەت
ئانا بىلەن پەرزەنت قەلبى ھۆر ئىكەن .

« كىندىك ئانام ! » دەپ ئەسلەيدۇ قەلبىدىن
نەچچە ئەۋلات ئوغۇللىرىڭ ، قىزلىرىڭ.
قالدى ياشلىق ، قالدى يىراق چېگرىدا ،
ھالال تەرىڭ، چېچەك ئېچىپ ئىزلىرىڭ......

يىللار دىگەن رەھىمسىزكەن ئەزەلدىن،
قورۇق سىزىپ،تور تارتىپتۇ كۈزۈڭگە.
بىزگە ھامان مېھمان ئاتلىق يۆلەكسەن،
نۇر چاقنىسۇن،چاڭ قونمىسۇن يۈزۈڭگە.

خىزمەت دىدىڭ ئاتاپ قويۇپ ئۆزۈڭنى،
پەرزەنت ئۈچۈن كۆيۈپ كەلدىڭ ئۆچمىدىڭ .
سەن چارچاشنىڭ كۈيلىرىگە كۆنۈكمۇ ؟
ياكى راھەت كۈلكىسىگە ئۆچمىدىڭ ......

غەمگۈزارسەن سۇنۇق دىلغا،نىمجانغا،
ھايات بەردىڭ ھاياتىڭنى پارچىلاپ.
ئانا قۇشسەن پەرزەنتلىرىڭ پەرۋازدا،
قانات بەردىڭ قانىتىڭنى پارچىلاپ....

بالىلىقنىڭ بەڭۋاشلىقى ئەجەپكەن،
كەچۈر ئانا كۆڭلۈڭ كەلگەن يەرلەرنى.
مىڭ تەسەددۇق ئاق سۈتۈڭنىڭ ھەققىگە،
تەر دىمەيمەن سەنچۈن ئاققان تەرلەرنى....


نەۋرىلەردىن ھىدى كېلەر ئەتەڭنىڭ ،
بەخت ساڭا يار بولغۇسى تائەبەت .
ئارمانلىرىڭ چېچەكلەيدۇ بىز بىلەن،
بۈيۈكلىكنىڭ كۆركى ئانام رىسالەت .

پۈكۈلۈپتۇ قەددى دىمە ئانامنىڭ ،
قەددى شۇنداق ئەلگە ھامان ئېگىكلىك.
كۈمۈش تاجى جۇلاسىدىن ئاي خېجىل،
يۈرىكىگە قۇياش رىشتى چىگىكلىك ......

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر