باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئۆكسۈيدۇ يۇرەك تەسۋىرلىگۈسىز

دىلشات قېيۇم نۇر

2015.04.29 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


يۈرۈكىمنى ئاھ، قىلغان قامالسەن،
ئوتۇڭدا كۆيسەم قەستەن شامالسەن،
چۆللەردە قالدىم قىلماي ئامالسەن،
مېنى ئازاپلاپ، تاپتىڭ كامالسەن،
ئاغرىيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

چۈشلىرىمدىن ھېچ چىقمايسەن نىگار،
سېغىنغىنىمدا كۆرسەتمەي دىدار،
شۇندىن بېرى يار ئالەم بولدى تار،
مەيخانىلەرگە بولدۇم خېرىدار،
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

سەن كۈلسەڭ ئەگەر ئالەم كۈلسىكەن،
ئۆمۈر سېنىڭدە ، دۈشمەن ئۆلسىكەن،
بۇلبۇلۇڭ پېقىر، قىزىل گۈلكىسەن...
لېكىن گاھىدا گويا تۈلكىسەن!
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

يۈرۈكۈمدىكى مەۋھۇم قاداقسەن!
كىرپىكلىرىڭ ئوق ،سىرلىق ساداقسەن!
مەنكى قەلەندەر ،شاھى ئاتاقسەن!
پۇت-قوللىرىمغا كىشەن تاقاقسەن!
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

رەشك مېنىڭدىن قوغلىدى شاتلىق،
كېتەرسەنمۇ يار بىر كۈنى ياتلىق؟
كۈلۈپ قويساڭ گەر ناۋادا ياتلىق،
يۈردۈم مەست-ئەلەس، گاھى قاناتلىق!
ئاغرىيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

قالدىم قۇچاقلاپ دەرتنى ،پىراقنى،
ئىزدىدىم ،كەزدىم يېقىن يىراقنى،
تاپالمىدىم ھېچ سەندەك چىراقنى،
قىلالمىدىم مۇڭ راكنى ،ئىراقنى،
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

كەلدىم تەلمۈرۈپ دىدىڭ خەيرى-خوش!
يۈتتىڭ كۆزۈمدىن كەتتى ئەقىل –ھوش!
ئۈمىدلىك ئىدىم ئەمەس ھالى بوش!
يۈتەيمۇ نىگار سەنچۈن مەرگىمۇش!
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

تەنھاالىقىمنىڭ تىنىقلىرىدا ،
كەچمىشلىرىڭنىڭ ئېنىقلىرىدا،
ئەتمىشلىرىڭنىڭ قېنىقلىرىدا،
ۋەدەڭنىڭ يالغان سىلىقلىرىدا،
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

قالدىم سۆيۈلمەي ئۇنتۇلغان پېتى،
تەگمىدى ھاتتا قەلبىڭنىڭ چېتى،
ئەمەسقۇ ئىدىم ئادەمنىڭ سېتى،
ۋە ياكى يوقمۇ جاناننىڭ دىتى؟
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

تىلدىڭ يۈرەكنى ،قەستىڭ نىمىدۇر؟
قاسساپ بولمىساڭ، ئەسلىڭ كىم ئىدۇر؟
يۈرەكتىكى ئاھ، سۆيگۈ خېتىدۇر!
كۆزۈمدىكى ياش دەريا پېتىدۇر!
ئاغرىيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

مۇھەببەت دىگەن شۇنداق بولامدۇ؟
دەرتلەپ،پەپىلەپ جاننى ئالامدۇ؟
ساداقەت ھامان چەتتە قالامدۇ؟
ئاشىقنى مەشۇق چۆلگە پالامدۇ؟
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

تۈندەك قارايدى كۈنۈم سېنىڭسىز،
ئايسىز ئامالسىز تۈنۈم سېنىڭسىز،
چىقمايدۇ ھەتتا ئۈنۈم سېنىڭسىز،
سولغايمۇ سۆيگە گۈلۈم سېنىڭسىز؟
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

كىملەر ئۈچۈن يار چېكىسەن پىراق؟
كىملەرگە زارسەن،كىملەردىن يىراق؟
سەنسىز مېنىڭدە يوقتۇر ئىشتىياق!
بولدۇم بىتەلەي ۋىسالدىن يىراق!
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز.

قىينايدۇ ئازاپ! يوقمۇ دورىسى؟
سەنغۇ ئەزەلدىن كۆڭۈل ئوغرىسى...
بىھاجەت ساڭا گەپنىڭ توغرىسى!
ئىسنىڭ دەردىنى بىلەر مورىسى!
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

قالمىدى رايىم جاندىن جانانىم،
كېتەيمۇ ئۆلۈپ توشماي زۇۋالىم،
تۇتمامدۇ سېنى ياكى ئۇۋالىم؟
جاۋاپسىز ھامان تەكرار سۇئالىم،
ئاغرىيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

يۇلتۇزۇڭ كۆكتە،مېنىڭ پەسلىدى،
ئۈنسىز،ئۈمىدسىز ھالىم تەسلىدى،
سۆيگۈ گۈلۈمنى كىملەر كەسلىدى؟
كەتسەم جاھاندىن كىملەر ئەسلىدى؟
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

كۆڭلۈمنى خوشال ئېتەلمىدىم ھېچ،
ياكى كوچاڭدىن كېتەلمىدىم ھېچ،
دېرىزەڭ بېرىپ چېكەلمىدىم ھېچ،
لەۋ جامىدىن مەي ئىچەلمىدىم ھېچ،
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

تىلغىدى يۈرەك قايغۇ تىنىمسىز،
نۇرسىز ئەزەلدىن ئايغۇ سېنىڭسىز،
سۆيگۈ ئازاپقا بايغۇ سېنىڭسىز،
(دۇنيا بىر يۇتۇم چايغۇ بىلسىڭىز!)
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

ئالساڭ جېنىمنى ،جېنىم سەندىدۇر!
پىكىر،خىيالىم،غېمىم سەندىدۇر!
بېشىمدا كۇلاھ،ئەڭنىم جەندىدۇر!
ئازاپلىرىڭ ئاھ،ئىكەك،رەندىدۇر!
ئۆكسۈيدۇ يۈرەك تەسۋىرلىگۈسىز...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر