- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
تۇغۇلغان كۈنۈم خاتىرسىگە
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:29 مەنبە: خەلق تورى
بىر ئەپسۇس ئىلكىدە كەلدىم تولغۇنۇپ،
يىللارمۇ ئازاپكەن گويا بىر تۇتاش.
كۆلبەمدە مەي ۋە مەن ئۈلپىتىم قەدەھ،
تۇغۇلغان كۈنۈمدە كۆزۈم يەنە ياش!
تەڭلىدىم ئۇچۇملاپ ساداقىتىمنى،
ۋە لېكىن بەرگىنىڭ تاۋۇشسىز جاۋاپ.
كۈلكەمنىڭ يۈرۈكى بوپ قالدى يىغا،
ئۆتمەكتە سەن ئۈچۈن يۈرۈكۈم قاناپ.
دوقمۇشنىڭ پەيزىدىن سۈرسەڭ كەيپنى،
ئۈمىدىم سەتھىدىن تامچىلايدۇ ھار.
دېرىزەپ پەردىسى قايرىلمىدى ھېچ،
ئەسلىمنى قولتۇقلاپ كەلگەن رەۋىشتە-
تەنھالىق دەشتىگە قايتتىم يەنە يار.
ئەقىدەم ئىز بولۇپ قالدى كوچاڭدا،
ئەي شامال تېرىۋال،پۈركە گۈلۈمگە.
قىسمىتىم رەڭگىنى قېنىقلىدى ئاھ،
ئەپسۇسكى ئاي مۆكۈپ قۇتلۇق كۈنۈمدە….
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر