باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سەن ئەتەمنىڭ كۈلۈپ تۇرغان ئەتىسى

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.29 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

بىر ناخشىنىڭ لەيلەپ قالغان پارچىسى
ئايان بولدى كەچمىش بولۇپ چۈشۈمدە.
پاك قەلبىگە سۆيۈپ قويدۇم ئازاپنىڭ،
شەپەق رەڭگى ئۆڭۈپ كەتكەن لېۋىمدە.

ئامالسىزلا كۈلۈپ قويدۇڭ بەختلىك،
سۆيۈپ قالغاچ مەندىن بىلەك ھەممىنى.
يامغۇر بولۇپ ياغسا ئەگەر ئازابىڭ،
تۇتا ئىدىم كۈنلۈك قىلىپ يۈرەكنى.

قەلبىمدىكى كېلەچەكنىڭ ئەكسى ئاھ،
كۆز ئالدىمدا سۆيۈپ قويدى لېۋىمگە.
تونۇش بولغان ناتونۇش بىز ئېھتىمال،
رىئاللىقنىڭ ئوماق،سىرلىق قەلبىدە.

سەن ئەتەمنىڭ كۈلۈپ تۇرغان ئەتىسى،
بىلىپ تۇرۇپ بىلمىسەڭمۇ ئاياشنى.
رىئاللىقتىن تاپالمايسەن مېنىڭدەك،
كۆيۈپ تۇرغان ئىككىنچى بىر قۇياشنى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر