باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئەتە دەپ كۈتكەنتىم تۈنۈگۈن سېنى

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.29 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


ئەتە دەپ تەلمۈرۈپ كۈتكەنتىم سېنى،
ئۆزگۈدىن قىزغىنىپ ئىشەنگەن كۈنۈم.
ئارزۇلاپ باغلىغان ئىدىم ئەقىدە،
سېنىلا يادلىغاچ پۈتكەنتى ئۈنۈم.

گوياكى تەبىر بوپ كۆرگەن چۈشۈمدە،
شەپىلەر بەرگەنتىڭ بەخىتتىن ماڭا.
ئويغىنىڭ تېڭىڭنى قىلدىم تەسەۋۋۇر،
بىر ئۈمىد ئىلكىدە تەلپۈنۈپ ساڭا.

كۈز بولۇپ قوينۇڭغا ئالدىڭ سەن مېنى،
ئۈمىدىم غازاڭ بوپ پوقالدى يۈتۈپ.
مەن قالدىم يىگانە تالنىڭ بويىدا.
بىر گۈزەل جاناننى ئۈمىدسىز كۈتۈپ.

قېنى ئۇ مەن كۈتكەن،سېغىنغان ئەتە؟
ئەمدىلىك ئۇ پەقەت مەنىسىز بۈگۈن.
قېنى ئۇ قىزغىنىپ تەلپۈنگەن ئەتە،
ھە بۈگۈن ئۇ پەقەت سەنسىز تۈنۈگۈن.

ئەسلىسەم ئۈچ كېچە بىر خىل بىر ئازاپ،
ئېچىندىم ئۆزۈمگە ئۈنسىز ئاغرىنىپ.
تەسەللىي بېرەلمەي چېقىلدى قەدەھ،
ئاھ، ئەجەپ قالدىما تەكرار ئالدىنىپ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر