باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

سۆيگۈ سەن سۆيگۈ دەپ ئاتالدىڭ قاچان

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.29 16:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

خىسلەتلەر قىبلىسى قەلبىڭدە بىلسەڭ،
ياشاشنىڭ مەنزىلى مىسلىسىز سىرلىق.
ئەتىگە يۈكلەنگەن تەسۋىرسىز ئۈمىد،
ھاياتنىڭ تەبىرى شۇ قەدەر قىرلىق.
ھەيرانمەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بۇيان،
سۆيگۈ سەن سۆيگۈ دەپ ئاتالدىڭ قاچان؟

بىر بۈيۈك ناخشىنىڭ ئەللەيلىشىدە،
رېتىمسىز پەدىدە تولغاندى يۈرەك.
كۈلكىلەر تەبىرسىز ئايلاندى مۇڭغا،
قەلبىڭدە بار نىمە سۆيگۈدىن بكلەك؟
ھەيرانمەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بۇيان،
سۆيگۈ سەن سۆيگۈ دەپ ئاتالدىڭ قاچان؟


ئەسلىنىپ ئەسىرلەر ئەزىزلەندى ھەم.
ئەزەلدىن سۆيگۈ دەپ كەلگەنلەر ئەنە.
كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرگەنلەر ئەجەپ،
كىرپىكلەر نەم پېتى كەتتى قەۋرىگە.
ھەيرانمەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بۇيان،
سۆيگۈ سەن سۆيگۈ دەپ ئاتالدىڭ قاچان؟


سەندە بار قۇياشنىڭ،پەسلى باھارنىڭ،
گوياكى تەسۋىرسىز تەپتى.ھىممىتى.
ئەسلىسەك بولمىغان ئىنساننىڭ ئەبەد،
سېنىڭسىز ھېچقاچان قەدىر-قىممىتى.
ھەيرانمەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بۇيان،
سۆيگۈ سەن سۆيگۈ دەپ ئاتالدىڭ قاچان؟


بىساناق گۈزەلنى ئالغان ئىلكىگە،
تەكەببۇر قەۋرىلەر يۈتتى قاغجىراپ.
سۆيگۈنىڭ تەپتىدىن ئالەم ئۆز پېتى،
ئاشىقنىڭ قەلبىدە يۈكسەك بىر ئازاپ!
ھەيرانمەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بۇيان،
سۆيگۈ سەن سۆيگۈ دەپ ئاتالدىڭ قاچان؟


قايسى چاغ كۆزلەرگە كەتكەنتىڭ سىڭىپ؟
قايسى چاغ ئالەمنى قىلدىڭ تەۋەللۇت؟
ياكى سەن زەھەرمۇ ۋە ياكى ئەنبەر؟
سەن گويا ئېزىتقۇ،سەن گويا مەبۇد!
ھەيرانمەن ئەقلىمنى تاپقاندىن بۇيان،
سۆيگۈ سەن سۆيگۈ دەپ ئاتالدىڭ قاچان؟

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر