باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

ئېزىتقۇ جانان

دىلشاد قىيۇم نۇر

2015.04.29 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

ئىزدىگەننى تېپىشتىن ئۈمىدلىرىم ئۈزۈلدى،
كىملەر ئۈچۈن تۆرەلدىم سۇئاللىرىم جاۋاپسىز.
قۇچاقلايمەن سايەمنى يېتىم قالغان ئۇ ئەمەس،
مەن تۇغۇلغان ئازاپتىن بۇ دۇنياغا نىكاھسىز.

دوقمۇشلاردا تەلمۈرۈپ ئولتۇرىدۇ ئۈمىدىم،
يېيىپ قويۇپ ئالدىغا نەزەر كۈتۈپ قەلبىمنى.
ئۆتۈپ كېتەر يېنىدىن خىزىر سۈپۈت تەسەللىي،
سىلكىشلەيدۇ تىۋىشمۇ نىمجان قىلىپ ئەقلىمنى.

ئېقىن كەبى ئىنتىلگەن ئۈمىدلىرىم قىرغىقى،
يىراقتىنلا يېقىمسىز سۆرەت بولۇپ تۇيۇلدى.
گىرەلەشتىم سېنىڭسىز قەدەھ بىلەن باشقىدىن،
ئارمانلارغا مەي بولۇپ ئازاپلىرىم قۇيۇلدى.

چېنىپ قالدىم بەزىدە ئاغرىنمايمەن قەدەھتىن،
دەلدەڭشىدىم خىيالچان ئۈلپەت قىلىپ كېچىنى.
تىنىقلىرىم تەپتىدىن ئۆرتەندى ئاھ،يۈرۈكۈم.
كىرىپ قاپتۇ چۈشۈمگە ئويناپ جانان چېچىنى.

خىياللىرىم ئەزەلدىن ئالداپ كەلدى قەلبىمنى،
بىلىپ تۇرۇپ مەن ھەلەك سېنى كۆرۈپ ئۆلۈشكە.
خەۋەر بەرسە خۇدايىم ئۆلسەممۇ گەر مەيلىتى،
بەرمىسىمۇ يەرلىكنى جەسىدىمنى كۆمۈشكە.

تۇرۇپ قالدۇق بەزىدە بىر دوقمۇشتا ئىككىمىز،
يىراقلىدىم يېتىرقاپ رىئاللىقنىڭ پەيلىدىن.
كۆز ئالدىمدا كۆزۈڭگە تىكىلسە گەر ئۈچۈنچى،
دەھشەت ئازاپ شۇ دەقىق ماڭا ئۆلۈم تەپتىدى.

تالاي ئىزدەپ يېنىمدىن تاپالمىدىم مەن سېنى،
كىملەر كىمدىن قاچۇرۇپ ئالدى سېنى قوينىغا.
بىرلا مېنى ئازاپلاش بولسا ئەگەر مەن باراي،
گىرە سالما بولدى قوي ئەمدى ياتلار بوينىغا.

قەدەھ بولۇپ لېۋىڭگە يېقىلىشنى چۈشەيمەن،
قەيەرلەرگە كۆمۈلدى چۈشلىرىمنىڭ تەبىرى.
قاچانلاردىن سۆيگۈنىڭ قۇربانى ئايلاندىم،
كىملەردىدۇر ئازاپتىن قۇتۇلۇشنىڭ تەبىرى.

ئۈنسىز سۆيۈپ ئۈمىدسىز ئازاپلىدىم ئۆزۈمنى.
شۇنداقتىمۇ يالۋۇرۇپ يىغلىمايمەن تەڭرىگە.
كۈلكەم بىلەن سىرىمنى كۆنۈپ قالدىم يوشۇرۇپ،
كىم تەبەسسۈم ئەيلىگەن روھى ئۆلگەن بەندىگە.

سىناش ئۈچۈن ئەسلىمنى كىرگەن ئىدىم كەينىگە،
ئۆزۈم بولدى ئاقىۋەت مەسخىرىگە قالغىنى.
نە سەۋەپتىن بىلمىدىم چۈشەنمىدىڭ قەلبىمنى،
تۆرەلگەنمۇ ياكى سەن مەندىن قىساس ئالغىنى.

قەلبىم يارا دىلىم غەش…دەھشەت ئىكەن مۇھەببەت،
كەۋسەر تەڭلەپ ئاقىۋەت زەھەر بولدى بەرگىنى.
قالغانمىكىن تەڭشىلىپ ياكى شۇ چاغ تەڭرىمۇ،
ئازاپ ئىكەن سۆيگۈ دەپ يۈرۈكۈمگە تەرگىنى……

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر