- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
قەلبىڭدە ئۈنسەم، چەيلىدىڭ ...
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:19 مەنبە: خەلق تورى
تىغلاندى دىل ئاھ تىلغىنىپ .... سەكپارە مەرتەم ئەيلىدىڭ ،
بىدىدار بوپ بىخلىنىپ .... يوق چارە ھەردەم لەيلىدىڭ .
پەارلەيدۇ ھىجران سۆيگۈنىڭ ، قەلبىمدە مەۋھۈم شامىنى ،
گوياكى نىمجان مەن غېرىپ، يوق دارە ، زەمزەم ... مەيلىدىڭ !
ياشلانسا كۆزۈم بىر قىياھ، ۋەسلى دىدارغا تەلمۈرۈپ ،
يۈردۈڭغۇ قەستەن كېرىلىپ ، قەلبىڭدە ئۈنسەم چەيلىدىڭ ....
ھىجراندا نالەم كۈي بۇلۇپ ئۆرتەيدۇ تاڭنىڭ قەلبىنى ،
ئەپسۇسكى ياتقا بېرىلىپ ، غەمخانە - كۈلبەم زەيلىدىڭ.
ئىزدەپ قەدەھنىڭ قەلبىدىن ، كۆردۈم ئازاپنىڭ رەڭگىنى ،
ئىزگۈ خىياللار قىرقىلىپ كەتكەندە لالەم پەيلىدىڭ ....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر