- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
سەنسىز دەقىقتىن مەن بىدار
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:17 مەنبە: خەلق تورى
كەيپى دىدارنىڭ ئالۋىنى ، قەلبىمگە سالدى سۈبھى ئوت ،
ھىجرانغا قۇلمەن تەلىيىم ، گوياكى تاجسىز تەڭرىقۇت.
ئەبجەش خىياللار ئەۋجىدىن ئەمەن پۇرايدۇ ئەسلىدە،
سەنسىز دەقىقتىن مەن بىدار ، پەسلىم زىمىستان قەھرى جۇت .
قەلبىمگە ئوخشاش ئاھ نىگاھ ، ئۆكسۈيدۇ سەنسىز چۈشلۈرۈم ،
ئىزدەي قاياندىن مەن سېنى ؟ قالدىم ئامالسىز ئەھلى يۇرت .
مەسۇم ئۈمىدنىڭ سەتھىدىن ، يۇلتۇزغا باقتىم شىر كەيىپ ،
پەسلىم پايانى قاغجىراق ! سەن بەلكى يۈتكەن ئاق بۇلۇت ....
ۋەسلى دىداردىن يوق ئۈمىد، كەتتىم ئازاپتا قىرچىلىپ،
ئاشىقنى زارلاپ قىينىغان ، تەغدىرگە يوقمۇ ياكى سوت ؟....
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر