- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بىقىياسسەن ، مەن غېرىپ
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:12 مەنبە: خەلق تورى
يارنى تەنھا ئايغا ئايلاتسام بىراۋغا يار ئىمىش ،
مىسلى ئالەم بۇ كۆڭۈل ئاھ ، ئەكسى يارغا تار ئىمىش .
بەرگى گۈلنىڭ قاتلىرىغا نامى پۈتتۈم سەن ئۈچۈن،
ئەكسى دىلبەر ئۆزگە يارنىڭ يوللىرىغا زار ئىمىش .
تەقى - تۇرقۇم ھېچ پەرىقسىز جەندە كىيگەن بەندىدىن...
ئۆزى سالغان ئىشتىياقتىن ئۆزى بەرنا ئار ئىمىش،
كۈيگە قاتسام چۈشلۈرۈمنى بىقىياسسەن ، مەن غېرىپ ،
قەلبى غەمخان پارىلەرنىڭ زۇلفى تارغا پار ئىمىش.
كىمگە تالىق بۇ ئازاپنىڭ مەيگە چۈشكەن جىلۋىسى،
تارتقۇلۇقنىڭ پۈتمىشى ئاھ ، ماڭلىيىمدا بار ئىمىش !
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر