- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
مەست ئەمەسمەن
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.29 16:11 مەنبە: خەلق تورى
ئىچكىنىم راست، مەست ئەمەسمەن ! ئاھ سېنى كۆرگەندە مەست...
باغدا گويا شاھى گۈلدەك قەھ ئۇرۇپ كۈلگەندە مەست.
تەستە تاپقان بىر ئازاپسەن لىقلا كەلگەن بىر قەدەھ ،
كەيپى ئۆزھال ئول قەدەھنى لەۋ يىقىپ سۆيگەندە مەست.
چۈشلۈرۈمگە تەگمىسۇن كۆز ، ئىلتىماسمەن تەڭرىگە ...
تۈنلىرىمدە يارنى كۈيلەپ، تاڭدا چۈش كۆرگەندە مەست .
كۈيلىرىمدە نەكى روخسار، نەكى ئىراق نەكى راك...
قالۇنۇمنىڭ تارى توۋۋا ، يار خىيال سۈرگەندە مەست.
خۇش چىراينىڭ تاۋى نازۇك ، لەشكىرى كىرپىك قارام !
« خەپ جۇمۇ ! » دەپ كۆز ئالايتىپ ھەم قاپاق تۈرگەندە مەست.
يار ۋىسالى بولدى تالىق قەلبى ئاتەش بەندىگە...
ئاي،قۇياشمۇ تەڭ چاراسلاپ ... قوش يۈرەك كۆيگەندە مەست !
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر