- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
ئەسلىم كۈلەر كۆزى ياش
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 11:02 مەنبە: خەلق تورى
لېۋىڭ تەپتى قىلىپ ئولجا يۈرەكنى ئايرىدى مەندىن ،
قارام ئوۋچى قۇيالمايدۇ قولۇڭغا سۇ چۆچۈپ سەندىن .
قېقىپ كىرپىك ، قىلىپ ئەسرا ئەقىلنى ئەيلىدىڭ خامۇش !
ئەجەب دەيمەن ، قۇچاق ئاچتى ساڭا روھىم كېچىپ تەندىن ...
چېچىڭ چىرماپ خىيالىمنى ... كۆزى ياشتا كۈلەر ئەسلىم !
گۇمانىم بار چوقۇم ئەپسۇن ئوقۇپ تۇتتۇڭ ماڭا قەندىن .
يۈزىن ئۆرۈپ چۈشۈم مەندىن قىلار تەقدىم سوغۇق تۈننى ...
گويا شاھتىم ! مانا ئەمدى ئۈمىد كۈتتۈم سەدىقەڭدىن ...
بۈيۈك ئەركىم كىشەنلەندى ، نېمەم قالدى ماڭا تالىق ؟
ھامان ئەتەڭدە مەن دەيسەن، ئەجەبلەندىم ئەقىدەڭدىن ...
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر