باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>ئەدەبىيات

تاقەتكە تەڭلەنگەن قەدەھ

2015.04.27 10:53        

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى


تەقدىرگە تەلمۈرسەم ئەگەر ھەسرەتتە قالغاي ئامىتىم ،
ھەم پۈكۈلگەي سۆيگۈچۈن ئاشماي داۋان ھېچ قامىتىم .

كۈتكەنگە كەلگەن بولسا گەر تۇرغان يېرىڭدىن بىر خەۋەر ،
مەيگە ئۈلپەت بوپ ئەلەس ، ۋەسلىڭگە بۇنچە زارمىتىم ؟

مەۋھۇم تەسەللى مەيپۇرۇش تاقەتكە تەڭلەنيدۇ قەدەھ ...
ئەتەمگە ئاھ ، گول بولمىسام ، ئۆلمەي جاھاندا بارمىتىم ؟

سېغىنىشنىڭ پەيزىنى كىم سۈردى تەڭرى مەنچىلىك ؟
دەردىمنى بىلسەڭ ئى نىكار ، دۈشمەنگە بۇنچە خارمىتىم ؟

مەن ۋاپانىڭ ئەلىمەن ، سۆيدۈم جاھاندا بىر سېنى ...
دەردىڭنى تارتسام رازىمەن ، چۈنكى بىراۋغا يارمىتىم ...

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر