- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
بىتاب ئەمەس بۇ يۈرەك
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:53 مەنبە: خەلق تورى
بۇ يۈرەك بىتاب ئەمەس بىلگىنكى ساپساق دىلبىرىم ،
مەن پەقەت ۋەسلىڭگە زار ! كىمكەن بۇدشقاق دىلبىرىم ؟
كۆزدە ياش ! سايەڭ سۈپەت يۈرسەم گىدەيسەڭ بىنەزەر ،
ھاردۇقۇڭ چىققايمۇ ئاھ! ( قەستىڭمۇ شۇنداق دىلبىرىم ؟)
بىلمىدىم قەلبىڭدە كىم سۈرگەي كەيپنىڭ پەيزىنى ؟
تاشمۇ يا باغرىڭ سېنىڭ ۋە ياكى چاڭقاق دىلبىرىم .
كۆزلىرىڭ ئەقلىمنى لال قىلسا گۇناھكار مەنمۇ ئاھ !
ناز بىلەن ئالماققا جان قويدۇڭمۇ قىلتاق دىلبىرىم ؟
كىم رەقىب ؟ تەييار پېقىر ! ئۆلسەم دىلىڭغا كۆم مېنى ...
كۆزگە ياش ئالدىڭغۇ ۋاھ ! قىلدىمغۇ چاقچاق دىلبىرىم .
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر