- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
پىنھان
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:52 مەنبە: خەلق تورى
ھېسابسىز ساختا كۈلكەم بار ، مىسالسىز دەردلىرىم پىنھان ،
ئەزەلدىن ئۆزگە قەلبىم خار ! قىياسىز خەتلىرىم پىنھان .
سېنىڭ ئەسلىڭنى ئىزدەپ مەن غېرىبلىق باستى پەسلىمنى ،
سېنىڭسىز گۆرگە مەن تەييار ئىدىم پۇرسەتلىرىم پىنھان .
تەپەككۈر قولۋىقىم ھاردى يېتەلمەي قارشى قىرغاققا ،
ئەجەب قىينايدۇ موھتاجلىق لېكىن ئۈلپەتلىرىم پىنھان .
يۈرەك يىغلايدۇ تەقدىردىن ، ( نېچۈن بىر چەتتە يالغۇزمەن ... )
قاچاي مەسخىر ، ئازابلاردىن دېسەم خىلۋەتلىرىم پىنھان .
تىڭىرقاش تەپتىدە بىر ھال ئۈمىدكە ئايلىنىپ قالدى ،
لېكىن تەقدىرگە تەن بەردىم كۆڭۈلدە بەتلىرىم پىنھان ...
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر