- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
يارغا قويدۇم مەن سوئال
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:50 مەنبە: خەلق تورى
كىم تەسەۋۋۇر ئەيلىگەن سۆيگۈ- ۋاپانىڭ نەرخىنى ،
يارغا قويدۇم مەن سوئال توغرا جاۋابنى بەر قېنى ؟
يۈرگۈدەكمىش ئاڭلىسام ھەتتاكى تەڭرى ئاھ ئۇرۇپ ،
كۆرمىگەچكە سۆيگۈنىڭ گوياكى گۈلدەك بەرقىنى .
ياردى كۆكنىڭ باغرىنى چاقماق رىتىمسىز تىغ ئۇرۇپ ،
ياشقا سىڭگەن سۆيگۈدە گوياكى خۇمدان يەر قېنى ؟
سۆيگۈ بولغاچ بۇ ھايات خۇددى سۆيۈملۈك سەيلىگاھ ،
كىم ئۆلۈمنى سېغىنىپ كەتتىم بېھىشكە دەر ، قېنى ؟
مەيلى دىلبەر بىلمىسەڭ سۆيگۈمنى ... ( تاقەت مەندە بار !)
ساقىيا قۇي مەي- شاراب ! ھەردەمدە ئۈچ- تۆت سەر قېنى ؟
تەقدىرگە يۈكلەپ ھەممىنى يۈرمەككە كۆنگەنلىك ئازاب ،
شەيتانمۇ كۈلگەي بىلمىسەڭ گۈل ھەم تىكەننىڭ پەرقىنى !
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر