- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر
چۆللىشىپ قالدى چۈشۈم
دىلشاد قىيۇم نۇر
2015.04.27 10:50 مەنبە: خەلق تورى
سەن قاچان قانداق كېتىپ قالدىڭ يېنىمدىن ئەي جانان ؟
بەزمىدىڭ قىلچە خەۋەر تۇرغان يېرىڭدىن ھېچقاچان .
بولمىغاچ سەندىن سادا قەلبىڭدە كىم بار ؟ بىلمىدىم ،
ئۇيقۇسىز قالدى تۇنۇم ! بولغاچ سېنىڭدىن دەرگۇمان .
سۆيگۈنى يۈرگەن ئىدىم گويا بەختنىڭ جامى دەپ ،
ئەكسىچە كۆردۈم مانا ھەر بىر تېمىمدىن دەرد- پىغان .
چۆللىشىپ قالدى چۈشۈم ، كىمكىن ئەيپكار بىلمىدىم ،
ئاقسا كۆز ياش مەيلىمۇ چىقماي رىتىمدىن بوپ قىيان ؟
مەن دىدار ۋەسلى ئۈچۈن يۈرسەم يولۇڭغا تەلمۈرۈپ ،
بوپتىمەن يۇلتۇز سۈپەت ئاسمان قېتىڭدىن ساقىغان ...
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر